ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدە كۈچكە ئىگە بولۇشىغا قارار بېرەلمىگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقاتچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى ماساجىرۇنىڭ «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» ناملىق ماقالىسىگە قويۇلغان سۈرەت.
ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقاتچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى ماساجىرۇنىڭ «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» ناملىق ماقالىسىگە قويۇلغان سۈرەت.
RFA/Qutluq

مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلىدىن باشلاپ دائىرىلەر ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى ئاتا مىراس تېۋىپلاردىن كەسپىي ئۇنۋان ۋە كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانلىرىنى خىتاي تىل-يېزىقى بىلەن بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى قانۇنىي ئورنى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ سىستېمىسىدىن سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كەسپىي قورغىنى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىگە كۆز تىككەن.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر تېبابىتى ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ كەسپىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەن. تېۋىپلارنىڭ كېسەل كۆرۈشىدىن تارتىپ يەرلىك دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىگىچە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئىشلىتىلگەن. بۇ ھال ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر تېببىي ئىلىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ساقلىغۇچى ۋە داۋاملاشتۇرغۇچى مۇنبەر بولۇپ كەلگەنلىكىنى نامايان قىلغان.

ۋەھالەنكى، 2013-يىلى سېنتەبىردە خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىگە بولغان خىرىسى مەمۇرىي بۇيرۇق شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تېۋىپلىرىدىن ئىلگىرى ئىزچىل يوسۇندا ئۇيغۇر تىل-يېزىقى بىلەن ئېلىنىدىغان كەسپىي ئۇنۋان ئىمتىھانىنىڭ بىر قىسمىنى خىتاي تىل ‏- يېزىقىدا بېرىش تەلەپ قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىمتىھاننى ئۇيغۇر تىلىدا بېرىش ئىلتىماسى نەق مەيداندا رەت قىلىنغان. نەتىجىدە بۇ ئىمتىھانغا قاتناشقان مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاتا مىراس تېۋىپلار ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن.

خىتايچە كەسپىي ئۇنۋان ۋە كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئاتا مىراس ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ كەسپىي خىزمىتى مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا كېسەل كۆرۈش، تېببىي ساھەدىكى كەسپىي ماشىنا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ھەمدە شەخسىي دوختۇرخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى ئاتا مىراس تېۋىپلاردىن ئابدۇمېجىت ئابلىز نۆۋەتتە ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىن 2013-يىللىق سەھىيە ساھەسىدىكى كەسپىي ئۇنۋان ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بېرىشكە مەجبۇرلانغان 8 نەپەر ئاتا مىراس تېۋىپنىڭ ھەممىسى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغان. كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىگە ئەرز سۇنغان.

ئابدۇمېجىت ئابلىز قاتارلىق 8 نەپەر ئۇيغۇر تېۋىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن ئالغان «ئاتا مىراس تېۋىپ» لىق گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ خوتەندىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ۋە مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىدىن ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى ئاتا مىراس تېۋىپلارنىڭ كەسپىي ئىمتىھاننى خىتاي تىلىدا بېرىشى توغرىلىق مەركەز ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆججىتىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان. يۇقىرىقى ئورۇنلار ئۇلارغا بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ھۆججەت كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن.

سەھىيە نازارىتى ئاخىرىدا خوتەندىن ئەرزگە كەلگەن ئاتا مىراس تېۋىپلارغا ئۆزلىرىنىڭ بۇ توغرىلىق قارار بېرىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى، كەسپىي ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش ھوقۇقىنى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى، ئەڭ ياخشىسى بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز سۇنۇشىنى ئېيتقان.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت