شايار قاتارلىق جايلاردا «مەدەنىيەت ئىنقىلابىي» شەكلىدىكى مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىلماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئېلىدا مەلۇم كەنت ئەزالىرىنى «ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنى» غا چاقىرىۋاتقان كەنت ئەمەلدارلىرىدىن بىرى.
ئۇيغۇر ئېلىدا مەلۇم كەنت ئەزالىرىنى «ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنى» غا چاقىرىۋاتقان كەنت ئەمەلدارلىرىدىن بىرى.
Social Media

بۈگۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە شايار ناھىيىسىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى. مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، ئەتىگەن سائەت 8دىن كەچ سائەت 8 گىچە داۋام قىلىۋاتقان بۇ مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنىدا، ئاھالىلەر ئىلگىرى ئۆزلىرى ياكى قوشنىلىرى بىلىپ ياكى بىلمەي سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشلارنى مەلۇم قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا. خەتتە يەنە بايان قىلىنىشىچە، يىغىن زاللىرى سوغۇق بولغاچقا، بەزى ئاھالىلەر يىغىن زالىغا يوتقان-كۆرپىلىرىنى ئېلىپ كېلىشمەكتە.

مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاياردىكى ساقچى خادىملىرىنىڭ بايانلىرى ۋە بۈگۈن ئۈندىداردا تارقالغان ئاۋازلىق يىغىن چاقىرىقى مەزكۇر مەكتۇپتا دېيىلگەنلەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

مەكتۇپتا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شاياردا داۋام قىلىۋاتقان مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنىغا 18 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ئەر ۋە ئاياللار ئىشتىراك قىلماقتا. يىغىندا ئاھالىلەر ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن ۋە ھازىرغىچە پاش بولمىغان جىنايى قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ياكى قولۇم ‏- قوشنىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا. يىغىندا ئاھالىلەرگە 39 تۈرلۈك سوئال يېزىلغان جەدۋەل تارقىتىلغان. جەدۋەل تولدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر نۆۋەت بىلەن تارتىپ چىقىلىپ ئۆزىنىڭ ياكى قوشنىلىرىنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرىنى ئەسلەشكە ۋە پاش قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاھالىلەر مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىندا چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن 30 مىنۇتلا ۋاقىت بېرىلگەن؛ يىغىنغا كېچىكىپ كەلگەنلەر، يىغىن زالى سىرتىدىكى سوغۇق ھاۋادا تۇرغۇزۇلۇپ جازالانغان. مەكتۇپتا يەنە دېيىلىشىچە، مەسىلە تاپشۇرۇش جەدۋىلىدە، بۇرۇن ساقال قويۇپ باققانمۇ؟ قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى تۇتقانمۇ؟ بەلگىلەنگەن مەسچىتنىڭ سىرتىدا توپلىشىپ ناماز ئوقۇغانمۇ، بىرەر قانۇنسىز تەبلىغقە قاتنىشىپ باققانمۇ دېگەندەك سوئاللار سورالغان. ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، مەمۇرى خادىملار ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ مەسىلە تاپشۇرۇش يىغىنىدا، دائىرىلەر مەسىلە تاپشۇرغانلارنىڭ يېنىك، يوشۇرغانلارنىڭ ئېغىز جازالىنىدىغانلىقىنى ئاھالىلەرگە ئۇقتۇرغان. بۈگۈن فېيسبوكتا تارقالغان ۋىدىيولۇق بىر ئاۋاز خاتىرىسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا، ئەنە شۇ مەسىلە تاپشۇرۇش ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر يىغىننىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە.

بىز مەكتۇبتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، شايار ناھىيىسىنىڭ قىزىلبايراق يەنى مازارغوجام يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

مەسىلە تاپشۇرۇش بىر سىياسىي ھەرىكەت سۈپىتىدە خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىي دەۋرىدە بىر نۆۋەت ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر رايونىدا ئەينى يىللاردا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سازايى قىلىنىشىغا ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت