خىتاي يۇمتال سودىگىرى لو: «شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئۈركۈپ چەتئەلگە چىقىۋالدىم»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر رايونىدا، تېررورىزمغا قارشى قەسەمياد بەرگەن ساقچى ۋە ھەربىيلەردىن تەركىب تاپقان 10 مىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قىسمى. 2017-يىلى 27-فېۋرال، خوتەن.
ئۇيغۇر رايونىدا، تېررورىزمغا قارشى قەسەمياد بەرگەن ساقچى ۋە ھەربىيلەردىن تەركىب تاپقان 10 مىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قىسمى. 2017-يىلى 27-فېۋرال، خوتەن.
AFP

بىر ئاي ئىلگىرى خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىن گېرمانىيەگە كەلگەن لو ئەپەندى رادىئومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لو ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى خىتايدىكى يۇمتال بۇيۇملىرى سودىسىنى تاشلاپ كېتىشىگە يېقىنقى ئايلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوست ۋە شېرىكلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ سىياسەتلىرىدىن قاتتىق كۈچىگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

لو ئەپەندى ئەسلى شېنجېن شەھىرىدىن بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن يۇمتال شىركىتى ئېچىپ سودا قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خېرىدارلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت باغلاپ كەلگەن. شۇڭا ئۇ گەرچە ئۇيغۇر دىيارىغا بىۋاسىتە بېرىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇ جايدىكى كىشىلەرنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىكەن. بىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

مۇخبىر: بىز بىلەن ئالاقىلەشكىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت، لو ئەپەندى بىزگە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە سىزنى نېمە ئۈندىدى؟

جاۋاب: مەن گەرچە ئۇيغۇر بولمىساممۇ مەنمۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن قېتىم پاراكەندىچىلىكى ۋە باستۇرۇشلىرىغا ئۇچرىغان بىرى. مەن تورلاردا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ناھەق سىياسەت ۋە قانۇن سىستېمىلىرى شۇنداقلا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىمنى ئىپادىلەپ ئىنكاس قايتۇرغىنىم ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم ساقچىلارنىڭ سوراق ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن. ئەسلىدىلا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىم كۈچلۈك ئەمما يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قاراتقان كۈچلۈك كونتروللۇق سىستېمىسى سەۋەبلىك بۇ قاراشلىرىمنى ئىپادىلەشكىمۇ ئامالسىز قالدىم. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ تولىمۇ غەزىپىم كەلدى. بۇ بەك ئېغىر بىر ۋەزىيەت. مېنىڭ شىنجاڭلىق دوستلىرىمدىن ئاڭلىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، لاگېرغا قامالغانلار بىر مىليون ئەمەس ئۇنىڭ كۆپ، 3 مىليون ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىشى مۇمكىن. چۈنكى تۇتۇش ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ».

سوئال: سىزنىڭمۇ دوستلىرىڭىز ياكى خېرىدارلىرىڭىز ئىچىدە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەر بارمۇ؟

جاۋاب: ھازىرچە بىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىمەن، ۋۇ فامىلىلىك بىر دوستۇمنىڭ ئايالى ئەۋەتكەن ئۇچۇرغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئېرى تورلاردا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىپ ئىنكاسلارنى يازغىنى ئۈچۈن 2017-يىلى-9 ئايدىن باشلاپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان.

مۇخبىر: ئۇ ئۇيغۇرمۇ؟

جاۋاب: ياق ئۇ خىتاي، ئەگەر ئۇيغۇر بولسا تەقدىرى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن.

مۇخبىر: ئۇنداقتا سىلەر تورلاردا ئالاقىلەشكەندە ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدىمۇ سۆزلىشەلەمسىلەر؟

جاۋاب: ياق! ھازىر ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، مەن ئۇچۇر قىلغان دوستۇمنىڭ ئايالىدىن شىنجاڭدا نېمە بولۇۋاتقانلىقى، لاگېرلار ھەققىدە سورىدىم، ئۇ قورقۇپ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە گەپ قىلسا ئۆزىنىڭمۇ ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزدى.

مۇخبىر: قېنى سىزنى ئاڭلايلى ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەر بىلىسىز؟

جاۋاب: دەسلەپ مېنىڭ شىنجاڭنى تونۇشۇم تورلاردىكى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى بىلەن باشلانغان. توردىكى شىنجاڭ تونۇشتۇرۇلغان سۈرەتلىك ھۆججەتلەردىن شىنجاڭنىڭ پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرى، بولۇپمۇ گۈزەل مەنزىرىسى، بىپايان زېمىنىغا ھەيران قالغان ئىدىم. كېيىنچە شىنجاڭدىن كەلگەن خىتاي ۋە ئۇيغۇر خېرىدارلىرىم ئارقىلىق بۇ جاينى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش پۇرسىتى بولدى، شېنجېندىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا بېرىپ تاماق يەيدىغان ئادەت يېتىلدۈردۈم. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئادەمنى ئالدىمايدۇ، تاماقلىرىغا پاسكىنا لاياقەتسىز مايلارنى ئىشلەتمەيدۇ ناھايىتى ئىشەنچلىك. ئادەملىرى ئىنتايىن مەرد، تۈز ۋە ساددا، ئوچۇق كۆڭۈل.

مۇخبىر: شېنجېندا ھازىرمۇ بۇ ئۇيغۇرلار بارمۇ؟

جاۋاب: مەسىلە شۇ يەردە، ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ دەسلەپ مېنىڭ شىنجاڭلىق خېرىدارلىرىم ئازلىدى، ئاندىن ئۇيغۇرلار پەقەتلا يوقاپ كەتتى، ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشخانىلار تاقىلىپ باشقىلار ئېچىلدى. ھەتتا كوچىدا داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىغان قۇرۇق مېۋە ساتىدىغان، ئۇششاق تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ پەقەتلا ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن نورمالسىزلىقنى سەزدىم ۋە شىنجاڭ ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئىزدىدىم ئەپسۇسلىنارلىقى خىتايدىكى تورلاردىن خەۋەرلەردىن شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر تاپقىلى بولمايدۇ، ھەتتا بۇ ھەقتە شىنجاڭلىق دوستلاردىن سورىسىڭىزمۇ ھېچكىم قورقۇپ جاۋاب بەرمەيدۇ. ئاخىرى مەن كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى ياخشى بىلىدىغان بولغاچقا، تام ئاتلاپ چەتئەلنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئۇچۇر ئىزدەشكە باشلىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن چۆچۈپ كەتتىم، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېر دېگەن گەپنى چىقىرىپ باقمىغان. پەقەت تەشۋىقاتلاردىن ئاڭلايدىغىنىمىز، شىنجاڭدا كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر.

مۇخبىر: سىز چەتئەلگە چىقىپ كېتىشىڭىزگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىدىن چۆچۈپ كەتكەنلىكىڭىزنى قەيت قىلدىڭىز، لاگېرلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ قامالغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق سىياسەت قوللىنىۋاتىدۇ، ئىچكىرىدە لاگېرمۇ يوق، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىشىڭىزغا مۇشۇلا سەۋەب بولالامدۇ؟

جاۋاب: خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتىنى مەملىكەت مىقياسىدا قىلمايدۇ دېيەلمەيمىز. چۈنكى خىتاي جەمئىيىتىدە ھەقسىزلىك ئادالەتسىزلىك ئېغىر ئەلۋەتتە نارازىلىقمۇ كۈچلۈك، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىرچە ئۇيغۇرلارنى باستۇرغاندەك ئۇ دەرىجىدە ئېغىر زۇلۇم قىلالمىسىمۇ، ئۆزىگە قارشىلىق قىلغۇچىلارنى ئوخشاش باستۇرىدۇ. مېنىڭچە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى تەجرىبە مەيدانى قىلىۋاتسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.

مۇخبىر: بۇنداق دېيىشىڭىزدە ئىچكىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە يۈرگۈزگەن سىياسەتلەرنىڭ شەپىلىرى كۆرۈلۈۋاتامدۇ؟

جاۋاب: شۇنداق مەن چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىدا جالىفۇ دېگەن چوڭ تاللا بازىرىغا بارغان ئىدىم. پىچاقلارنى مەخسۇس قۇلۇپلۇق ئىشكاپقا سېلىپ قويغانلىقى ھەمدە كىملىكىڭىز ئارقىلىقلا سېتىۋالالايسىز دەپ يېزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم. ئىلگىرى شىنجاڭلىق دوستلىرىمىزدىن شىنجاڭدا پىچاقلارغىمۇ كود بەلگىلەپ قويۇپتۇ. كىشىلەر خالىغانچە پىچاقمۇ سېتىۋالالمايدىكەن. پىچاقلار زەنجىرلەپ قويۇلىدىكەن دېگەن غەلىتە ئىشلارنى ئاڭلىغان ئىدۇق. بۇ ئەمدى بىزگىمۇ كېلىدىكەندە دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان، كىشىلەرنىڭ يانفونلىرىنى تەكشۈرۈش، يۈز تونۇش سىستېمىسى دېگەندەك رەقەملىك كۆزىتىش سىستېمىسى ئىچكىرىلەردىمۇ يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر مېنى ئۈركۈتتى. شۇڭا مەن قېچىپ كەلدىم.

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن لو ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز بۈگۈن مۇشۇ يەرگە قەدەر بولسۇن. كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا لو ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە لاگېر مەسىلىسىگە قارىتا خىتايلارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقى ۋە ئۆزنىڭ ئانالىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت