خىتاينىڭ لاگېرلارنى «قانۇنلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا (1)

مۇخبىرىمىز سادا
2018-10-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامنامىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىسىنى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامنامىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىسىنى.
xjpcsc.gov.cn

9-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامنامىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان ھەم شۇ كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇ قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نىزامغا قوشۇلغان ئاساسلىق مەزمۇنلار ئۇيغۇر دىيارىدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئۈچۈن ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارنى تەسىس قىلىش، لاگېرلاردا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئاشقۇن ئىدىيەگە گىرىپتار بولغان «بىمار» لارنى داۋاملىق تەربىيىلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ‹قايتا تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى› نى ئېتىراپ قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە بېسىلغان. ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر نىزامنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە ئاتالمىش «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىۋاتقان» لىقىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلغانلىقى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرى ياكى باشقا خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئىزچىل ھالدا بۇ خىل «كەسپىي مەكتەپلەر» نىڭ ئۇششاق جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

بۇلتۇر ئاپرېلدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەزكۇر نىزامنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا لاگېرلار توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىدى. ھالبۇكى، بۇ قېتىم مەزكۇر نىزامنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىدا «تەربىيىلەش لاگېرى» غا ئائىت مەزمۇنلار ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئېلىنغان ھەم مۇناسىۋەتلىك ئۈچ يېڭى ماددا قوشۇلغان، ئىككى ماددا تۈزىتىلگەن.

مەزكۇر نىزامنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ 3-باب 14-ماددىسىدا: «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئايرىم تەربىيە بىلەن مەركەزلىك تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ھەرىكەتنى تۈزەش بىلەن كەسپىي تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈش» دېيىلگەن. يېڭى نۇسخىسىدا: «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئايرىم تەربىيە بىلەن كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرىدىكى تەربىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ھەرىكەتنى تۈزەش بىلەن دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى ۋە يېزىقى، قانۇن، تېخنىكىلارنى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈش» دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

نىزامنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ 4-باب 16-ماددىسىدىن كېيىن، ئەسلى بار بولغان 17-ماددىنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن بىر ماددا قوشۇلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئوخشاش تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش ئورگىنى ۋە باشقۇرۇش بۆلۈمىنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش؛ بۇ ئارقىلىق ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش».

نىزامنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ 4-باب 19-ماددىسىدىن كېيىن يېڭى بىر ماددا قوشۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش تۈزەش بۆلۈمى ئالاقىدار تارماقلار ۋە كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئوخشاش تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش ئورگانلىرى بىلەن ماسلىشىپ ۋە ئۇلارنى تەشكىللەپ، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، تەلىم-تەربىيە، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى يۆلەش، جەمئىيەتكە ۋە ئائىلىگە قايتىش، نازارەت قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش.»

نىزامنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ 5-باب 30-ماددىسىدىن كېيىن يېڭى بىر ماددا قوشۇلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئوخشاش تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش ئورگانلىرىدا دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى، يەنى خىتاي تىل-يېزىقى، قانۇن-تۈزۈم ۋە كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش؛ ئەسەبىيلىككە قارشى ئىدىيە تەربىيىسى، پسىخىك ۋە ھەرىكەتنى تۈزەش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ، تەربىيىنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگىرىپ، جەمئىيەتكە ۋە ئائىلىگە قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.»

نىزامنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ 6-باب 46-ماددىسىدا: «مەزكۇر نىزامنىڭ 9-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلاردىن دەرىجىسى يېنىك بولغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماق ۋە ئىدارىلەر بىلەن بىرلىشىپ، تەنقىدىي تەربىيە ياكى قانۇنىي تەربىيە بېرىلىدۇ؛ دەرىجىسى ئېغىر بولغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى›، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› نى يولغا قويۇش چارىسى» غا ئاساسەن جازا بېرىلىپ، قانۇنسىز ئىگە بولغان مۈلكى تارتىۋېلىنىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن ئەھۋال بولسا، ھەق-تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.» دەپ يېزىلغان. يېڭى نۇسخىسىدا ئەسلىدىكى 46-ۋە 48-تارماق بىرلەشتۈرۈلۈپ: «مەزكۇر نىزامنامىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى›، ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامانلىقنى باشقۇرۇش جازالاش قانۇنى› ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› نى يولغا قويۇش چارىسى» غا ئاساسەن جازا بېرىلىدۇ» دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى «قانۇنلاشتۇرۇشى» غا قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاسلار قوزغالماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بىر تەقىپنىڭ «قانۇنلاشتۇرۇلۇشى» ھەقىقەتەنمۇ بىر بىمەنىلىك ھېسابلىنىدىكەن. خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئاسپىرانت ھېنرىي شاجىۋېسكى ئەپەندى ئۆز چۈشەنچىسىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلار، ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەنلەر ۋە شۇ سەۋەبتىن دارىلئېتاملارغا ئەۋەتىلگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى بىگۇناھ بولۇپ، ئۇلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ نىشانى قىلىۋېلىش مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە لاگېرلارنى ئاتالمىش ‹قانۇنلاشتۇرۇش› نىڭ ئۆزىلا بىر خاتا ئىش. سىز خالىغانچە ئادەم تۇتۇشىڭىزنى، ئادەملەرنى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشىڭىزنى قانۇنلاشتۇرۇۋالسىڭىز بولمايدۇ-دە! خىتاينىڭ بۇ قىلغىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لاگېرلار توغرىسىدىكى سوئال-سوراقلىرىغا تەييارلىغان جاۋابى بولۇشى مۇمكىن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە قارىتا نارازىلىقى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان مەزگىللەردە ئۇنى دۇنياغا ئىزچىل «پەردازلاپ» كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» نىڭ يۇقىرىقىدەك ئۆزگەرتىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز سولىشىغا مۇكەممەل بىر باھانە تاپقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى. ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىمۇ قاتتىق ئەندىشىگە سالدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ بۇ نۇقتىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇنداق بىز نىزامنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ قانۇن سىستېمىلىرىغا ماس كەلمەيدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرى لاگېرلارغا تىكىلگەن بىر ۋەزىيەتتە خىتاي مۇشۇنداق بىر يېڭى نىزامنى چىقاردى. مەزكۇر نىزام خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە مۇشۇنداق نىزامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقىنى بېرىۋېتىپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك بىر نەتىجە چىقمىغان چاغدا مەسئۇلىيەتنى شۇلارغا دۆڭگەپ قويۇپلا تۈگىتىدىغان بىر قارار بۆلىشى مۇمكىن.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت