ئاقسۇدىكى خىتاي ئادۋوكات خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-10-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن يېڭى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو يىغىندا سۆزدە.
ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن يېڭى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو يىغىندا سۆزدە.
weibo

ئاقسۇ «تەڭرىتاغ ئادۋوكاتلىق ئورنى»نىڭ ئادۋوكاتى جو زىشۆ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگوغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ رايوندىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كۈچەيتىشى، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە تىجارىتىگە ئېغىر توسقۇنلۇق پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئوچۇق خەتتە، ھۆكۈمەتنىڭ بەزى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ ۋە ئامانلىق ۋاسىتىلىرىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە تىجارىتىگە زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ تەدبىرلەر سەۋەبلىك جەرىمانە قويۇلغان نۇرغۇن سودا ساراي، ماي پونكىتى، مېھمانخانىلار تاقىلىپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ خوجايىنلىرىنى قاقشاتماقتىكەن.

ئادۋوكات جو زىشۆ، «بۇ ئەھۋالنى زوراۋان تېررورچىلار كەلتۈرۈپ چىقارمىدى» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئەھۋالنى مۇقىملىقنى قوغداش نامىدىكى زوراۋان تەدبىر ۋە ۋاسىتىلەر پەيدا قىلغان.
ئۇ، ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭدا مۇقىملىقنى قوغداش، كەنتلەرگە ئادەم چۈشۈرۈش، نامراتلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى، چازا-توسۇقلارنى قۇرۇشى زۆرۈر» دەپ قارىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بەك چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

بىز مەزكۇر ئوچۇق خەتنى راست، ئادۋوكات جو زىشۆنىڭ قەلەمگە ئالغانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاقسۇ «تەڭرىتاغ ئادۋوكاتلىق ئورنى»غا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفوننى ھېچكىم ئالمىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىز ئاقسۇدىكى باشقا قانۇن مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئوچۇق خەتكە بولغان ئىنكاسىنى سورىدۇق. ئاقسۇدىكى بىر قانۇن مۇلازىمەت ئورنى تېلېفونىمىزنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

قانۇن مۇلازىمەت خادىمى: «ۋاي، مەن بۇنى سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن. قانچىلىك دېسىڭىزمۇ پايدىسى يوق. سىز خىتاينىڭ ئىشىنى تەكشۈرۈپ نېمە قىلىسىز، ئامېرىكىنىڭكىنى تەكشۈرسىڭىزلا بولدىغۇ. بۇنىڭغا بۇنچىلىك قىزىقىپ نېمە قىلىسىز. مەن ئۇ خەتنى كۆرۈپ باقمىدىم،. كۆرۈپ نېمە ئىش قىلاتتىم. مۇشۇنچىلىك تالاشسىڭىز بولا، سىز يەنىلا شۇ ئامېرىكىڭىزدا تۇرۇۋېرىڭ. خىتاينىڭ ئىشلىرى سىزنى نىمانچىلا بۇنداق قىزىقتۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى سىزگە سۆزلەشكە بولمايدۇ. مەن سىزگە دېدىمغۇ، بۇنى سۆزلەشكە بولمايدۇ، دەپ» دېدى.

ئادۋوكات جو زىشۆنىڭ قارىشىچە، 2015‏- ۋە 2016‏-يىلنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا ئادەملەر يۆتكىلىشكە باشلاپ، ساياھەتچىلىك تىرىلىشقا قاراپ ماڭغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل 8‏-ئايدا چېن چۇەنگو كېلىپ، يەنە ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلەشكە باشلىغان.

ئۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن رايوندا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى تۇيۇقسىز كۈچىيىپ، شىنجاڭدا چوڭ يوللار يەنە توسۇلغانلىقىنى، ئايرودروم، ئاپتوموبىل بېكەتلىرىدە قىستاڭچىلىق باشلىنىپ، تېز سۈرئەتلىك يوللاردا ئاپتوموبىل توختىتىلىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئاھالىلەر ئۆيگە قايتىش ئۈچۈنمۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش «تېررورچى» ۋە «مىللىي بۆلگۈنچىلەر»نىڭ «شىنجاڭ» ياكى «جەنۇبىي شىنجاڭ»نى بۆلۈپ چىقىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ، ئەمما چېن چۈەنگو ئۆزىنىڭ مۇقىملىق سىياسىتى ئارقىلىق ئۇلار يارىتالمىغان ۋەزىيەتنى يارىتىپ بەرگەن.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، چېن چۈشەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپلا قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىنى خىتاي ئىقتىسادىدىكى كاساتچىلىققا باغلىدى. ئامېرىكا نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى كاساتلىشىپ، ئۇنىڭ مۇقىملىقنى سېتىۋېلىشقا پۇلى قالمىغان.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ (كومپارتىيە) خىتايدا ھەر خىل كرىزىسلارنىڭ پارتلاش نۇقتىسىغا بېرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. ئەمما بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، بۇرۇن ئۇ مەسىلىنى پۇل بىلەن ھەل قىلاتتى. بىراق ھازىر خىتاي ئىقتىسادى كاساتلىشىشقا قاراپ ماڭدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادى كرىزىس تەبىئىي بايلىققا بولغان ئېھتىياج ۋە ھەر خىل قەرز كرىزىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نەتىجىسىدە، يار بويىغا كېلىپ قالدى. بۇ ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ھەر خىل پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا پۇلى قالمىغاچقا، ئامالسىز بۇ خىل زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى يۈرگۈزۈش يولىغا مېڭىۋاتىدۇ.»

شيا مىڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇنداق قاتتىق زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى يول قويۇشى ئىككى نىشانغا يېتىشنى مەقسەت قىلغان. پروفېسسور شيا مىڭ: «زوراۋانلىقنىڭ مەقسىتى، بىرىنچى، پۇقرالاردا ۋەھىمە پەيدا قىلىش. ئىككىنچى، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن قورققانلىقىدۇر. ئەگەر ئاممىۋى خاراكتېرلىك ۋەقەلەر يۈز بەرسە، ئۇ بۇنىڭ قەيەردە پارتلاپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك كرىزىسىقا ئايلىنىپ، ھاكىمىيەتنىڭ يىقىلىشىنى پەيدا قىلىش-قىلماسلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئىنتايىن شەپقەتسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ھەرقانداق ئىشنى بۆشۈكىدە يوقىتىشنى ئويلايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

چېن چۈەنگو ئىلگىرى تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىنى ئاتقۇرغان. ئۇ تىبەتتىكى مەزگىلىدە خىتاي-تىبەت ياشلىرىنىڭ ئۆز ‏- ئارا تويلىشىشىنى تەرغىب قىلىپ، ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.

چېن چۈەنگو بۇ يىل 8‏- ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئورنىغا يۆتكەپ كېلىنگەن. ئۇ ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپلا، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدە پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەربىيە بېرىشىنى جازالاش، تورنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى تازىلاش، ئامانلىق تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پروفېسسور شيا مىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىر خىتاي ئادۋوكاتنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىنى تەنقىدلەپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشى، خىتاينىڭ مۇقىملىق سىياسىتى بۇ رايوندىكى بارلىق مىللەتلەرگە قارشى ئورتاق تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ، سىز قانداق نەرسىنى ئېتىراپ قىلىڭ، سىزنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىڭىز ۋە جەمئىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىڭىز قانداق بولسا بولسۇن، بىز ھەممىمىز بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىدە، ئەسەبىي بىر ھاكىمىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىمىز. بۇ ئەھۋال، تېخىمۇ كۆپ خىتاي مۇسۇلمانلار (ئۇيغۇرلار) بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ خەنزۇلارنىڭ تىبەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ باي ۋە زىيالىي خەنزۇلارنىڭ ئاجىز ئىجتىمائىي توپلار بىلەن بىر سەپتە ئورۇن ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت