خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا خىتايغا 252 تەكلىپ چۈشتى

مۇخبىرىمىز ئادىلە
2013-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي سىياسىي قانۇن كومىتېتى مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ يۇڭكاڭ بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيىدا. 2008-يىلى 8-مارت.

AFP

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا خىتايغا 252 تەكلىپ چۈشكەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن بۇ پىكىر - تەكلىلەر 25 - ئۆكتەبىر خىتاي ۋەكىللەرگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 22 - ئۆكتەبىر كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىلغان ئىدى. يىغىندا 130 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بىر ئېغىزدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە پىكىر - تەكلىپلىرىنى بېرىپ ئۆتكەن.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ۋە مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن كېڭەش ھەيئىتىگە سۇنۇلغان دوكلات كېڭەش پۈتۈكچىلىرى تەرىپىدىن قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، شۇلار ئاساسىدا ئاخىرقى ئومۇمىي دوكلات تەييارلاپ چىقىلىدۇ ۋە كېڭەش ھەيئىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىگىمۇ چۈشكەن پىكىر تەكلىپلەر تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.
بۇ نۆۋەت خىتاي ھەققىدىكى دوكلاتلار پۈتۈكچى قىلىپ بېكىتىلگەن پولشا، سېررالېئون ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەكىللىرى تەرىپىدىن رەتلەپ چىقىلىپ، بۈگۈن 25 - ئۆكتەبىر كۈنى جەنۋەدىكى دوكلات تاپشۇرۇش يىغىنىدا ھەيئەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. سېررالېئون ۋەكىلى يېتتى سېتىۋېنس خانىم سۆزىدە، 22 - ئۆكتەبىردىكى يىغىندا جەمئىي 137 دۆلەتنىڭ پىكىر بايان قىلغانلىقىنى، 16 دۆلەتنىڭ خىتايغا ئالاھىدە سوئال ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پىكىر - تەكلىپلەر ئىچىدىكى بەزىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بەزىلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئاخىرىدا، خىتايغا جەمئىي 252 تەكلىپ بېرىلگەن. بۇ تەكلىپلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىپ، ئالدىمىزدىكى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئېچىلىدىغان يىغىنغىچە بۇ تەكلىپلەرگە جاۋاب بېرىدىكەن.
كېڭەش ھەيئىتى پۈتۈكچىلەر تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتنى تەستىقلاپ، تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋغا سۆز بەردى. ۋۇ سۆزىدە ئاساسەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلىدى.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرىنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر دۆلەت تۈزۈمى يارىتىپ چىققانلىقىنى، خىتايدىكى 1 مىليارد 300 مىليون پۇقرانىڭ ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىتاي تاللىغان كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش يولى ناھايىتى توغرا، دېدى ۋە كېلەر قېتىملىق باھالاشقىچە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ناھايىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 22 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى يىغىنغا ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان ئىدى.
ئۇ، بۈگۈن بىزگە بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى قانچىلىك رەت قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتايغا بۇ نۆۋەت ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپ پىكىر چۈشۈشىنىڭ ئۆزىلا ۋەزىيەتنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا، دېدى.
2009 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا ئامېرىكا، چېخ جۇمھۇرىيىتى، گېرمانىيە، كانادا شىۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەر ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرۇلۇق بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەكلىپ پىكىرلەرگە ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.
ئەمما، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىلى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ئۈستىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىگە جاۋاب بەرگەندە مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي ئەھۋالىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما «ئاز ساندىكى شەرقىي تۈركسىتانچى بۆلگۈنچى تېررورچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى» نى تىلغا ئالدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئېغزى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن ئىبارەت بىر مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇنى يىغىندا قولغا كەلگەن بىر نەتىجە، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت