چەتئەل ئاخباراتلىرى: خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خاتا سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇپ بولالمايدۇ

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-07-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» مانېۋىرىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.
خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» مانېۋىرىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.
AFP

ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇققا باغلىنىپ قولغا ئېلىنىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ ئورۇن ئالماقتا.

بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەردە جاي-جايلاردا ئېچىلىۋاتقان ئوچۇق مەيدان سوتلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ تەنقىد قىلىنغان. چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي سىياسىتى بىلەن بىرگە يەنە، ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىدىكى خاتالىقلارمۇ تىلغا ئېلىنماقتا. كۆزەتكۈچىلەر ئىقتىسادىي سىياسەتلەردىن كېلىپ چىقىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا قوزغىغان بىر يىللىق تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن كېيىنكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، ئوچۇق مەيدان سوتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئەنگلىيەدە نەشردىن چىقىدىغان گاردىيان گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غۇلجىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ يازغان خەۋىرىدە، غۇلجىدا ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن چىڭلىقىنى، چۈنكى غۇلجىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، غۇلجىدا كوچا-كويلاردا ساقچى، قوراللىق ساقچى ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن. ئۈستىگە كامېرا ئورنىتىلغان چارلىغۇچى ئاپتوموبىللارمۇ پات-پات ئۆتۈپ تۇرىدىكەن. غۇلجا دائىرىلىرى يەنە خەلق ئاممىسىنىمۇ كۆزەتكۈچىلىككە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، قولىغا قىزىل بەلگە تاقىۋالغان چارلىغۇچى ئاۋانگارتلار ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ سودا سارايلارغا، رېستورانلارغا، ئىدارە-ئورگانلارغا كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ يېنىنى، سومكىلىرىنى تەكشۈرىدىكەن.

گاردىيان گېزىتى مۇخبىرى غۇلجىدا 7000 كىشى ئالدىدا ئېچىلغان ئوچۇق مەيدان سوتىنىڭ خۇددى خىتايدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى، شەھەردە ھەممە يەر ساقچىلارنى، ئاندىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلەيدىغان، تېررورلۇققا، دىنىي رادىكاللىققا قارشى شوئارلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. مۇخبىر ئۆز ماقالىسىدە ئاۋسترالىيە مېلبورن شەھىرىدىكى لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى جەيمىس لېيبولدنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇتەخەسسىس مۇخبىرغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
-ئۇلار يېقىنقى ۋەقەلەردىن بەك قورقۇپ كەتتى. ئەمما خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر ياكى تېررورچىلار ئەمەس، ئۇلار ھەممىدىن بەك خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر دەردى ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇش.

گاردىيان گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، غۇلجىدا ھەممە يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شوئارلىرىنى كۆرگىلى بولسىمۇ، ئەمما شەھەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئاللىقاچان قۇتۇپلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. شەھەردىكى ما ئىسىملىك بىر خىتاي پۇقراسى مۇخبىرغا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئايرىلىپ ياشايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى ياخشى تونۇمايدىغان ئۇيغۇرلار بولسا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى، ئەمما بىر-بىرىنى بىلىشىدىغانلار بولسا ئارىلىشىپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. مۇخبىر يەنە 2013-يىلى غۇلجىدا ئىچكىرىدىن چىققان ئاققۇن ئىشچى ليۇ ئەيخۇانىڭ ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن ئۆيىدە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش سەۋەبى ھەققىدە بەزى سۆز-چۆچەكلەر بولسىمۇ، ساقچىنىڭ ئۇنى يا رەت قىلمىغانلىقى، ياكى توغرا دەپ دەلىللىمىگەنلىكىنى ئېيتقان. مۇخبىرنىڭ ئاڭلىشىچە، بۇ ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي كونا كومپيۇتېرلارنى يىغىۋېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر كۈنى قوشنىسىنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ ئىچىدىن دىنىي رادىكاللىققا ئائىت ماتېرىياللارنى بايقاپ قېلىپ ئۇنى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىپ قويغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن.

ساقچى دائىرىلىرى گەرچە قاتىللارنى قولغا ئېلىپ ئۇلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ جىنايەتنى نېمە ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. گاردىيان گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئۆز خەۋىرىنىڭ ئاخىرىدا ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنىڭ غۇلجىدىكى بەيتۇللا مەسچىتى ئالدىدىن ھەر كۈنى ئاخشام بىر قېتىم ئۆتىدىغانلىقىنى، شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ يېنىغا بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ يېقىنلىشىپ كېلىپ، قۇلىقىغا شىۋىرلاپ دېگۈدەك «ساقچى بەك جىق، بەك جىق» دېگىنىنى، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان دوستىنىڭمۇ ساقچىلاردىن نارازى بولغاندەك بېشىنى چايقىغانلىقىنى ۋە نەق شۇ چاغدا بىر خىتاي ساقچىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلىپ خەۋىرىنى ئاياغلاشتۇرغان.

ھىندىستاندىن چىقىدىغان رادىف ناملىق گېزىت بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا تېروررلۇققا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىقىنى تېررورلۇق نامى ئاستىدا باستۇرسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ رايوندىكى خاتا سىياسەتلىرىنى يوشۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئىنتايىن خاتالىقىنى، بۇنداق قاتتىق قوللۇق سىياسەت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ دۆلەتكە تېخىمۇ ياتلاشتۇرۇپ، ئارىدىكى ھاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. شۇڭا دۆلەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئېلىپ بارغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى تېررور قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ خاتالىقىنى، ئۇنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنىڭ ۋە كۈچىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئۆزگىرىپ، زورىيىپ بېرىۋاتقانلىقى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولسىمۇ، يەنىلا نەتىجە ئالالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئىلھام توختىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ رايون ئىقتىسادىدىكى مەنپەئەتلەردىن بەھرىمەن قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسەت ئىچىدە يەر ئېلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇلارغا ئىشەنمەي، ئۇلارغا مۇھىم روللارنى بەرمەيدىغان سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى دىققەتكە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ھىندىستان ئۆز تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، بىر زىددىيەتنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىمۇ ھىندىستاندىكى ئاز سانلىقلار مەسىلىسىدىن پەرقلىق ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ تەجرىبىلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى تەڭشەپ، ئۇزۇن مۇددەتتە ياخشى بىر ۋەزىيەت پەيدا قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك».

«تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلى بولسا «قۇرغاقچىلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىش» ناملىق مۇلاھىزە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئاساسلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى بايان قىلىنغان. ماقالىدە ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلەر، ئېچىش، مەبلەغ سېلىش پىلانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي شارائىتىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، نۇرغۇن سۇ مەنبەلىرىنىڭ ھازىر بۇلغىنىپ، دەريا سۇلىرىنىڭ قۇرۇشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتىن ئالغاندا خەتەرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت