ئەركىنلىك سارىيى: «چېن چۈئەنگونى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
برونېۋىك بىلەن كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق ئالاھىدە ساقچىلىرى. 2017-يىلى 5-نويابىر، قەشقەر.
برونېۋىك بىلەن كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق ئالاھىدە ساقچىلىرى. 2017-يىلى 5-نويابىر، قەشقەر.
AP

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىشى ۋە ئۇنىڭ ئېلېكترونلۇق تەقىب قىلىش سىستېمىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەقسىز ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئارقىدىنلا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلاش ھەرىكىتى، يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە غايىب ئۇيغۇرلار ھەم خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق تەقىب قىلىش سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇزۇن بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى تېخنىكا ئارقىلىق قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئەتراپلىق بايان قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق تەقىب قىلىش سىستېمىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي كرېدىت تۈزۈمىنى تەنقىد قىلدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى نىڭ ئوبزورى، خىتاينىڭ ئۆزىنى باش كۆتۈرۈۋاتقان بىر كۈچ، دەپ تەسۋىرلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنى مەخپىي كۆزىتىشى، سىرلىق سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى قۇرۇشى، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى ئۇنى كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئەمەس، بىر تۈرمىگە ئوخشىتىپ قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى -ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سارا كۇك دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ DNA ئەۋرىشكىسى يىغىشى ۋە يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىن ئەندىشە قىلىشقا يېتەرلىك دەلىللەر بارلىقىنى بىلدۈردى.

سارا كۇك مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئەگەر سىز خەلقئارا تۈپ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىدىن قارىسىڭىزمۇ بۇ قىلمىشلارنىڭ ئىنتايىن زور بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىلمىشلارنىڭ كىشىلەرنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن، ئائىلىلەرنى كىرىمدىن ئايرىۋېتىشتەك يوشۇرۇن خەۋپى زور. ئۇلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن بىلەلمەيسىز. بىزنىڭ ئەركىنلىك سارىيى ئىلگىرى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىمىزدا بىز بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشتە ئىشلىتىلىشىدىن گۇمان قىلغان. بىز بەزى دەلىللەرگە قارىساق، بۇرۇن فالۇنگوڭچىلارنى ئىچكى ئەزاسىنىڭ كۆچۈرۈش نىشانى قىلىنغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇنىڭدىن سىرت بىزگە بۇرۇن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئېلىۋېلىنغانلىقى مەلۇم. بىزنىڭ قولىمىزدا بۇنىڭدا دائىر 1990‏-يىللاردىن قالغان كۈچلۈك دەلىلىمىز بار».

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلى 9‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇمىي خەلقنىڭ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى يولغا قويۇپ، مەجبۇرىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ يىل 2‏-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىپ، 20 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

لېكىن، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»گېزىتىنىڭ ئوبزورىدا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ ھەقسىز ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى ۋە قان ئەۋرىشكىسى توپلىغانلىغانلىقى، بىراق ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقى ياكى ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئالغان-ئالمىغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات، د ئۇ ق نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئەۋرىشكىسىنى توپلىشى ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئەھدىنامىلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەن.

نۇرى تۈركەل: «خىتاي ھۆكۈمىتى DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىشىغا كەلسەك، بۇ ئۇ قول قويغان ئەھدىنامىلارغا خىلاپ، نورمال سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە بولمايدىغان بىنورماللىق. خىتاينىڭ ئۆزى ئىمزا قويغان ب د ت ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھەقلىرى، دېگەن ئەھدىنامىگە قارىساق، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئارخىپىغا كىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈش كېرەك. مەسىلەن، ئامېرىكىدەك بىر يەردە سىزنىڭ قانداق كېسەل بىلەن دوختۇرغا بارغانلىقىڭىزنى دوختۇرنىڭ ئاشكارىلىشى قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. غەرب ئەللىرىدە دوختۇرغا بېرىپ، پالانچى نېمە كېسەل بىلەن كەلدى، دەپ سوراش مۇمكىن ئەمەس. ئەمدى بۇ يەردە شەخسنىڭ ياكى خەلقنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئارخىپ تۇرغۇزۇشى، ئۇنى كەلگۈسىدە جازالاش ئۈچۈن تەدبىرلەرنى ھازىرلىشى بۇ ئىنسان ھەقلىرى، دەپ ئېغىز ئاچقىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس.»

لېكىن، نۇرى تۈركەلنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رادىكال تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. نۇرى تۈركەل، شۇ چاغدا بۇ خىل رادىكال تەدبىرلەر خىتايدىكى ئىقتىسادى مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇر تۈركەل: «خىتاينىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى سەۋىيەسى ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىش، باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش يوللىرى بىلەن مۇستەھكەملەندى. بۇنى سىرتقى بىر ئامىلنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تىزگىنلەش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايمەن. بۇنى تىزگىنلەيدىغان بىردىن بىر ئامىل، ئۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەندە تىزگىنلىنىدۇ. چۈنكى، مۇشۇنداق داۋام قىلىدىغان بولسا بۇ يەردىكى مەبلەغ سېلىش ۋە نورمال تىجارەت ئاقسايدۇ. بۇ ئاقسىغاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە دەخلى -تەرز قىلىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھازىرغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى مەلۇم تۈركۈمدىكى كىشىلەرگە تىجارەت يولىنى ئېچىپ بەردى. ئەگەر بۇ ئامىللار تەسىرگە ئۇچرىغاندا يۇقىرىقىدەك ھەددىدىن ئاشقان بەلگىلىمە ۋە قىلمىشلار تىزگىنلەشكە ئۇچرايدۇ».

لېكىن ئەركىنلىك سارىيىنىڭ خادىمى ساراھ كۇك خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېن چۈئەنگوغا ئوخشاش خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشىغا دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كىرىشىنى چەكلەش بۇ ئەمەلدارلارغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ يەنە بىر خىل ئۈنۈملۈك چارىسى ئىكەن.

سارا كۇك مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا جامائەت ۋە بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قىلالايدىغان بىر يەنە بىر ئىش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىدا يېتەكچىلىك رول ئويناۋاتقان شەخسلەرنى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ 1‏-قول سېكرىتارلىرىغا دائىر ئۇچۇر توپلاشتۇر. بولۇپمۇ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تۇتقۇندا ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارنى يىغىپ، بۇ ئۇچۇرلارنى ئامېرىكىغا ئوخشاش يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنى بار دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇش كېرەك. چۈنكى، بۇ قانۇن كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ چەكلەيدۇ. ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. كانادا يېقىندا بۇنداق بىر قانۇن چىقاردى. تەيۋەن يېقىندا 3 خىتاي ئەمەلدارىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىدى. تەيۋەنگە كىرىشى چەكلەنگەن بۇ 3 ئەمەلدارنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇلار فالۇنگوڭچىلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئەمەلدارلاردەك قىلىدۇ».
ساراك كۇكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۇقىرىقى چارە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى كىشىلىك ھوقۇققا خىئالاپلىق قىلىپ، باشقىلارنى خارلىغاندا ئويلىشىپ ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورىدا يەنە خىتاي مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرغان ئېلېكترونلۇق تەقىب قىلىش سىستېمىسى، ئۇنىڭ يولغا قويغان ئىجتىمائىي كرېدىت تۈزۈمى تەنقىد قىلىدۇ. ئوبزوردا«خىتاينىڭ ئىجتىمائىي كرېدىت تۈزۈمىنىڭ دىگىتال دەۋرىدە ناھايىتى تېزلا كىشىلەرنى نازارەت قىلىدىغان، كومپارتىيەگە بويسۇنمىغانلارنى جازالايدىغان، بويسۇنغانلارنى مۇكاپاتلايدىغان بىر خىل تەقىبلەش سىستېمىسىغا ئايلىنىشىنى قىياس قىلىش مۈشكۈل ئەمەس» دېيىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2020‏-يىلغا قەدەر پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ئىپادىسىگە قاراپ، ئۇلارغا نومۇر بېرىش، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى شۇنىڭغا قاراپ بېكىتىشنى مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت