خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل دىپلوماتلىرى ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشنى كۆزلىمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە بەرگەن 12 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قىلغان زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋىرى. 2019-يىلى 24-يانۋار.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە بەرگەن 12 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قىلغان زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋىرى. 2019-يىلى 24-يانۋار.
Social Media

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغاۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلار ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۇنىڭ دەسلەپكى قەدىمى سۈپىتىدە ئۇلار ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ يىلنىڭ بېشىدا پاكىستان، ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىنى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم مۇخبىرلارنى قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلەردىكى «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى. 24-يانۋاردىن باشلاپ بۇنىڭ «مېۋىلىرى» خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» شۇنىڭدەك پاكىستان ۋە ھىندىستاندىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپ 22-يانۋار كۈنى «ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ياخشى ئورۇنلىنىشى شىنجاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۆپەيتتى» ماۋزۇسىدا خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلىپ، «ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنگەنلىكتىن جەمئىيەت مۇقىم بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئىچكىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىغا زور مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كەلدى» دېگەن خۇلاسىنى ئېلان قىلدى. شۇنداقلا مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ئىجرا قىلىۋاتقان تەدبىر ۋە سىياسەتلەرنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ئىشارە قىلدى.

«بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتىنىڭ 24-يانۋاردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان سۇلتان خالى ئىمزاسىدىكى زور ھەجىملىك ماقالىدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆتكەن 30 يىلدا قانداق ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى زوق-شوخ بىلەن بايان قىلىنىپ، خىتاي كومپارتىيىسىگە مەدھىيە ئوقۇلىدۇ. 

24-يانۋار كۈنى يەنە «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» شۇ قېتىم تەشكىللەنگەن زىيارەت ئۆمىكىدىكى بىر قىسىم دىپلوماتلار ۋە مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ شۇلارنىڭ ئاغزىدىن لاگېرلار مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىل-يېزىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرى ھەققىدىكى بىر قىسىم سوئاللارغا «جاۋاب» ئالدى.

«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا پاكىستان دىپلوماتلىرىنىڭ شۇ قېتىمقى زىيارەتتىن كېيىن «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت ياكى دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدە ھېچقانداق باستۇرۇش مەۋجۇت ئەمەسكەن» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. 

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ۋە «ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» دىكى بايانلارغا قارىغاندا پاكىستان دىپلوماتلىرىدىن مۇمتاز زاھرا بالوچ ئۆزلىرىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «بىز ھېچقانداق لاگېرلارنى ياكى لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىشنى كۆرمىدۇق. دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىمۇ شۇنچە كەڭرى ئىكەن. مەسچىتلەردە ‹قۇرئان كەرىم› نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كۆردۇق» دېگەن.

ئۇ يەنە تىل ھەققىدە سۆز قىلىپ «مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئۆز تىل-يېزىقى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادە قىلىۋېتىپتۇ» دېگەن ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە مەنئى قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. «قۇرئان كەرىم» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان دىنىي ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللىنىڭ ئەنە شۇنداق لاگېرلارنىڭ بىرىدە جان ئۈزگەنلىكىنى تېخىمۇ تىلغا ئالمىغان.

شۇ قېتىمقى زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تەكشۈرۈشى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەردىن ئۇچۇر ئالغان ئۇيغۇر ئالىمى، كالىفورنىيەدىكى «ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى» نىڭ ئالىي ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىدىغان كۈنى شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. 

خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن زىيارەت ئۆمىكى تەركىبىدە ھىندونېزىيە ۋە مالايشىيا ۋەكىللىرىمۇ بار بولۇپ، د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئۆتكەن ھەپتىدىكى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا زىيارىتىدە بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە سۈرۈشتە قىلغان. نەتىجىدە تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەركىبىدە لاگېرلارغا بارغان ۋەكىللەرنىڭ «بۇنىڭ بىر ئالدىن تەييارلانغان ئويۇن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق» دېگەنلىكى ئايدىڭلاشقان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، بۇ خىل ئالدامچىلىق قىلمىشى كوممۇنىست ھاكىمىيەتلىرى ئۈچۈن دائىملىق ھادىسە بولۇپ، 1930-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان «گۇلاگ» مەسىلىسىدىمۇ كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان. ھەتتا «پرولېتارىياتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى» دەپ تەرىپلەنگەن ماكسىم گوركىمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىگەن. ئەمما بۇنداق يالغانچىلىق ئاخىرقى ھېسابتا تارىختا ھامان مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. 

ئېلشات ھەسەن پاكىستاندەك ئۆزىگە «ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» دەپ نام قويۇۋالغان بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ئالىي رەھبىرى ئىمران خاندىن تارتىپ خىتايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىمىغىچە بولغان كىشىلەرنىڭ خەلقى-ئالەم كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا قىپ-قىزىل يالغان سۆزلىشىنى ئۇلارنىڭ دۆلىتىدە ھەقىقىي مەنىدىكى دېموكراتىيىنىڭ بولمىغانلىقى، شۇنىڭدەك پاكىستاننىڭ «خىتايغا كانايغىچە قەرزگە بوغۇلغانلىقى» نىڭ ئاقىۋىتى، دەپ شەرھلەيدۇ.

دوكتور ئەركىن سىدىق مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» دىكى «زۇلۇمغا ئۇچرىغان قوۋمغا ياردەم بېرىڭلار» دېگەن ئىلاھىي ھۆكۈمنىڭ تاشلىنىپ قېلىشىنى تۆت نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «سىزغان سىزىقىدىن چىقماي كېلىۋاتقان» پاكىستاندەك بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرى «غەرب ئاخباراتلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئويدۇرما مەلۇمات تارقاتماقتا» دەپ بەس-بەستە خەۋەر يېزىۋاتقاندا ئامېرىكىدىكى مەشھۇر ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن يۈزگە يېقىن كىشى، جۈملىدىن شەيخ ياسىر قازى، «ئادامس مەركىزى» نىڭ باش ئىمامى ئىمام مەجىد قاتارلىقلار بىرلەشمە مۇراجىئەت ئېلان قىلدى. مۇراجىئەتنامىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ھەمدە لاگېرلارغا قامىشى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىل-يېزىقىنى خاراب قىلىشى قاتتىق تەنقىدلەندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت