خىتاينىڭ ئۇچۇر - ئالاقە يېڭى بەلگىلىمىسى تورداشلارنى ئەنسىزلىككە سالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 31-ئىيۇل، شەندۇڭ.
خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 31-ئىيۇل، شەندۇڭ.
Imaginechina


خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2015 - يىل 12 - ئايدىن 2016 - يىل 4 - ئايغا قەدەر ئۇچۇر - ئالاقە، تور ساھەسىدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقىسىدىكى يېڭىدىن بېكىتىلگەن جىنايەت ۋە قانۇنسىز قىلمىشلار ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە تورلىرىدا دوستلار ئارىسىدا قىلىنغان بەس - مۇنازىرىلەر سەۋەبلىك جازاغا ئۇچرىغانلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى، نۆۋەتتە خىتاي تورداشلىرىنى ئەنسىزلىككە سالغان.

14 - دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «ئۇچۇر - ئالاقە ۋە تور سىستېمىسىدىكى يېڭى جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە تۈزەش» يىغىنىدا، 11 تۈرلۈك جىنايەت ۋە 7 تۈرلۈك قانۇنسىز قىلمىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىنغان.

16 - دېكابىر كۈنى يەنە خىتاي دۆلىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن شەھىرىدە «دۇنيا تور يىغىنى» ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭ دۇنياۋىي خاراكتېرلىك تور باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شۇ ئارقىلىق بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ تور دۇنياسىدىكى جىنايەتلەر ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىجابىي رولى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى ئۇچۇر ئالاقە كونتروللۇقىنى كۈچەيتكەندىن باشقا، خەلقئارادىكى ئەركىن ئىنتېرنېت - ئالاقىسىدىمۇ يېڭى قانۇن بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىش تەشەببۇسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

خىتاي دائىرىلىرى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئۇچۇر - ئالاقە ساھەسىدىكى قاتتىق بەلگىلىمىلەر خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ قالماستىن، بەلكى دۆلىتى ئىچىدىكى تورداشلارنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

18 - دېكابىردىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە، ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ۋۇ فامىلىلىك مەلۇم ساقچى ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي تورداشلىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئۇچۇر - ئالاقە ۋە تور سىستېمىسىدىكى يېڭى جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئادەتتىكى سۆز قىلىش، پىكىر - ئەركىنلىكىنى نىشان قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتايدا ئەركىن پىكىر قىلىش بوشلۇقىنىڭ پۈتۈنلەي بوغۇلغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

خېبىيلىق خىتاي يازغۇچىسى ۋۇ جىڭشېڭ رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت قامالىنى تەنقىدلەپ،«ھازىرقى ھۆكۈمەت ئەمەلىيەتتە لۈكچەكلەرچە(مافىياچە) مۇستەبىت تۈزۈمنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. مەن لۈكچەك مېنىڭ دېگىنىم ھېساب، مېنىڭلا توغرا دىگەننى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇ سېنىڭ ئەركىن سۆزلىشىڭگە يول قويمايدۇ. سېنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىڭ سېنىڭ جىنايى پاكىتلىرىڭ ھېسابلىنىپ سېنى تۈرمىگە مەھكۇم قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى» دېدى.

خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندىلەرمۇ خىتاينىڭ ئىنتېرنېت - ئۇچۇر - ئالاقە كونتروللۇقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان ئىنتېرنېت قامالى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان رايون خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ خىتايدا پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بايانىدا، يېقىندا ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ تەكشۈرۈشكە يوللانغان شىنجاڭ گېزىتىنىڭ جاۋ فامىلىك خىتاي پارتكوم سېكرىتارى ۋە ئۇيغۇر بىز تورىدا خىتاي ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى نەقىل ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۈچلۈكلۈكىنى، ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان جازانىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭكىدىن ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە كونتروللۇقى ۋە ئۇيغۈرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە دېموكراتىيە ۋە ئەركلىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ دىققەت قىلىشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ زۆزۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بولسا، ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە، ئامال بار خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىللە، خىتايدا ئىشلەنگەن ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرىنى قوللىنىۋاتقان چەتئەلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت