سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە ئۇنىڭ خىتايغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر قوزغالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«تېررورچىلار» نى تۇتۇشتا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئامانلىقنى قوغداۋاتقان قوراللىق كۈچلەر. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست، خوتەن.
«تېررورچىلار» نى تۇتۇشتا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئامانلىقنى قوغداۋاتقان قوراللىق كۈچلەر. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست، خوتەن.
AFP

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغانلىقىغا 25 يىل بولغان بىر مەزگىلدە، ئۇنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىپ كەلگەن خىتاي كومپارتىيىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە مۇنازىرىلەر قوزغالماقتا. بۇ مۇنازىرىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتايدىكى ئۆكتىچى پىكىرلەرنىڭ قاتتىق باستۇرۇلۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان بېسىمنىڭ ئارتىشى ۋە غەرب بىلەن دۈشمەنلىشىشنىڭ كۈچىيىشنىڭ سەۋەبى دەل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن ئېلىنغان خاتا دەرس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

1991- يىلى 26- دېكابىر كۈنى كوممۇنىزمنىڭ بۈيۈك قورغىنى ھېسابلىنىدىغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن دۇنيادا زور تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ مەزگىللەردە نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھەر جەھەتتىن ئۆزىگە ئۈلگە ئېلىپ كەلگەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭمۇ ئۇزۇنغا قالمايلا يىقىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان. بىراق ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي كومپارتىيىسى يىمىرىلىش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ قاتتىق بىر تۈزۈم بىلەن، تېخىمۇ ھاكىممۇتلەق بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يەنىمۇ قاتتىق قول سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشىدىكى سەۋەبنى ئۇنىڭ بۇ تارىخى ۋەقەدىن چىقارغان خاتا ساۋىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايدىكەن. مەسىلەن، «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن دەرس ئالمىدى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى جەيمىس پالمېرنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئۆزىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگىچە بولغان بارلىق سىياسەتلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلگەن خىتاي كومپارتىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن. شۇڭا ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدەك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن دەرھال سىياسەتلىرىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بارغان. بىراق، جەيمىس پالمېر خىتاي كومپارتىيىسىنى يىمىرىلىشتىن خاتا ساۋاق ئالدى، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە بۇنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنى ئۇلارنىڭ كوممۇنىزم ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرماي، غەربنىڭ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىدا دەپ قارىغان، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى جامائەت پىكرىگە سەزگۈرلىشىپ، ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلىشنى ئاشۇرغان.

يەنە بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ئۇكرائىنىيە ۋە ئەزەربەيجاندا كۈچلەنگەن مىللەتچىلىكمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىگە يول ئېچىپ بەرگەن، دەپ قارىغان. شۇڭا دەرھال تەدبىر ئېلىپ، ئۆز ئىچىدىكى ئاپتونوم رايون ۋە مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى چىڭىتقان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ رەسمىي بايانلىرىدىكى «مىڭزۇ» يەنى مىللەت ئاتالغۇسى ئورنىغا خىتايدىكى «ئېتنىك ئاز سانلىقلار» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇندىن باشقا يەنە، ئۆزىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈش بىلەن تەڭ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ئىچىدىن ئەمەس، تېشىدىن بولغان، يەنى تاشقى كۈچلەر سەۋەب بولغان دېگەن ئىدىيىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەن. جەيمىس پالمېر ماقالىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن : « يېڭى سىياسەت يۆنىلىشى ناھايىتى ئاددىي ئۇ بولسىمۇ ‹غەربنى ئەيىبلەش ۋە گورباچېفقا ئوخشاش غەربچە ئىدىيىنى ئېلىپ كىرگەن سوۋېت لىدېرلىرىنى ئەيىبلەش› تىن ئىبارەت. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ھازىر خىتاينىڭ چەتئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورگانلىرىغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئېنىقلا دۈشمەنچە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن ئاخبارات چەكلىمىسىنىڭ شۇنچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغىمۇ زور تەسىر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى بۇ تارىخى ۋەقە ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق ئۈمىدى ئېلىپ كېلىش بىلەن تەڭ، زىممىسىدىكى بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەتقىقاتچى جەيمىس پالمېر تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يۇقىرىدىكى مۇلاھىزىسىدە، ھازىر خىتايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىگە سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكلىرى سەۋەب بولدى، دېگەن كۆز قاراشلار پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ ئۇنىڭ ئورنىنى غەربنىڭ تەسىرى بىلەن بولدى، دېگەن ئىدىيىنىڭ ئالغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن خىتايدا غەرب دۈشمەنلىكىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى، پارتىيىنىڭ ئۆز قۇدرىتىنى تېخىمۇ زورايتىدىغان تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زور تارىخى ئاقىۋەتنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىمۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى بىر پارتلاشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى داڭلىق خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى داۋىد شامباۋمۇ ۋال سترىت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ چۆكۈشى -خىتاينىڭ ھالاكەت ئويۇنى باشلاندى» ماۋزۇلۇق زور تەسىر قوزغىغان ماقالىسىدىمۇ مۇشۇ ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ ماقالىسىدە «خىتاينىڭ ‹قۇدرەتلىك› ئادىمى شى جىنپىڭ ئۆكتىچى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ئارقىلىق ۋە چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇشى ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئۇ خىتاينىڭ مىخايىل گورباچىۋى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بەلنى قاتتىق باغلىدى. ئۇ گورباچىفتەك بولمايمەن، دەپ تۇرۇپ، لېكىن يەنە شۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە زېمىن ھازىرلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ زالىملىقى خىتايدىكى سىستېمىنى ۋە جەمئىيەتنى قاتتىق جىددىيلىككە سېلىپ، ئۇنى پارتلاش نۇقتىسىغا ئەكېلىپ قويماقتا» دەپ يازغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت