«... خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ تارىختىكى خاتالىقلىرىنى بوينىغا ئېلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-04-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
10 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي پۇقراسى نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلگەنلەرگە ماتەم تۇتۇپ تۇرماقتا. 2014-يىلى 13-دېكابىر، نەنجىڭ.
10 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي پۇقراسى نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلگەنلەرگە ماتەم تۇتۇپ تۇرماقتا. 2014-يىلى 13-دېكابىر، نەنجىڭ.
Yomiuri

خىتاي، بۇ يىل 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنىنى زور بىر مۇراسىم بىلەن قۇتلاشقا تەييارلانماقتا. شۇڭا ئۇلار، ئۆزىنىڭ ئاخبارات-تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيەنىڭ خىتاي خەلقىگە رىيازەت چەكتۈرگەنلىكىنى، ياپونىيەنىڭ تارىخى خاتالىقى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەكلىكىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. بىراق بۇ، ئەينى يىللاردا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلاردا سوئال پەيدا قىلدى. بىر قىسىم تارىخچىلار ۋە شۇنداقلا كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تارىخى خاتالىقلىرى بىلەن يۈزلىشىشكە چاقىرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيەنىڭ خىتايدا قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىپ، ياپونىيەنى بۇ گۇناھىنى بوينىغا ئېلىشقا قىستىماقتا. خىتاي بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنى «جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكىنىڭ يىل خاتىرىسى» سۈپىتىدىمۇ زور تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋېلىشنى پىلان قىلماقتا. شۇڭا ئۇلار ھەرقايسى تەشۋىقات-ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىشقا، مەتبۇئاتلىرىدا ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغان، ياپونىيەنى تارىختىكى خاتالىقلىرى بىلەن يۈزلىشىشكە چاقىرىدىغان ماقالىلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلىشقا باشلىغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيەنى خاتالىقىنى تونۇشقا قىستاش ھەرىكىتى بولسا، ئەينى يىللاردا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلاردا سوئال پەيدا قىلغان. خىتايدىكى مۇستەقىل تارىخچى جاڭ لىفەن نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، ئەگەر خاتالىقىنى تونۇش توغرا كەلسە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى دەسلەپكى يىللىرىدىكى سىياسىي تېررورلۇق سەۋەبىدىن مىليونلىغان ئىنساننىڭ ھاياتىغا زامىن بولغانلىقىنى قوبۇل قىلىشى، كېرەك دېگەن. ئۇ «خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق قىسمىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىگە تەنقىد ئېلىپ كېلىدىغانلارنى يوشۇرۇپ قالىدۇ» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەدەپ ياپونىيەنى خاتالىقىنى تونۇشقا قىستىغاندىن كېيىن، يېقىندا ياپونىيەلىك كونا بىر دىپلومات بولغان كۈنى مىياكى ياپونىيەدىكى ج پ مەتبۇئاتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ خىتاي كومپارتىيىسىنىمۇ ئۆز خاتالىقىنى تونۇشقا چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن : «ئەگەر خىتاي باشقىلارنى 80 يىل ئاۋۋالقى تارىخىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماسلىققا چاقىرىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تارىخى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك. 1950-يىللار، 60-70-يىللار ۋە ئەلۋەتتە 1989-يىللىرى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك. ئەمما ئەپسۇسكى، خىتايدا بۇ تارىخى ۋەقەلەرگە ئائىت بىرمۇ مۇزېي يوق.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخى ھەققىدىمۇ يالغان سۆزلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلى بويىچە ياش ئەۋلادلارغا ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان پەقەتلا ياپونىيە ئەمەس. كامبودژادىكى تارىخچىلارمۇ مۇشۇ كۆز قاراشتا. ئۇلار 1975-1979-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كامبودژادا كوممۇنىست كامار روج تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىققىمۇ خىتاينىڭ يانتاياق بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ قىرغىنچىلىقتا كامبودژادا تەخمىنەن 2 مىليونغا يېقىن ئادەم ئۆلگەن. بۇ ھەقتە مەخسۇس كىتاب يازغان تارىخچى ئانجۇ مېرتانىڭ نيۇيورك ۋاقتىغا ئېيتىشىچە، خىتاي ئەينى چاغدا كامار روجنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولغان. يېمەك-ئىچمەكتىن تارتىپ، قورال-ياراغقىچە، ھەتتا ھەربىي خادىملارغىچە تەمىنلىگەن. بۇ رېجىمنىڭ ئۆز خەلقىنى قىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارغا داۋاملىق ئىنژېنېرلىرىنى ۋە ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنى ئەۋەتىپ، بۇ كوممۇنىست شېرىكلىرىنى تەربىيىلەشنى داۋام قىلغان ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبلىك ھېچقاچان كامبودژادىن كەچۈرۈم سوراپ باقمىغان.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇنداق دەپ يازغان: خىتايدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلىدىغان تارىخ كىتابلىرىدا كامبودژادىكى كامار رېجىمىدىن سۆز ئېچىلمايدۇ. ۋىيېتنام كامبودژادىكى كامار رېجىمىنى ئۆرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاينىڭ ۋىيېتنامدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن 1979-يىلى ۋىيېتنامغا بېسىپ كىرىپ، ئايلارچە ئۇرۇش قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمايدۇ. خىتاينىڭ بۇ تاكتىكىسى ئىشقا يارىغان بولسا كېرەك، خىتايدىكى ياشلار ھېچقايسىسىنىڭ بۇنداق بىر ئۇرۇشنىڭ بولغانلىقىدىنمۇ خەۋىرى يوق. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئەينى چاغدا ۋىيېتنامغا بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەربىيلەرنىمۇ كېيىن خىتاي تاشلىۋەتكەن. شاڭخەيدە ياشايدىغان سابىق ھەربىي ئايلىق تەمىناتىغا 350 يۈەن قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ 6 يىل داۋا قىلغان بىراق ئاقتۇرالمىغان. خىتايدىكى تارىخ كىتابلىرىدا چاۋشيەن ئۇرۇشى ناھايىتى جىق ئورۇن ئالغان. بۇ ئۇرۇش خىتايدا «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى» دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخ كىتابلىرىدا بۇ ئۇرۇشنىڭ شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالمايدۇ.

قىزىقارلىقى، يېقىندا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىر قېتىملىق سۆزىدە «دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى رەھبەرلەر قىلغان خاتالىقلارنى بوينىغا ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دېگەن سۆزنى قىلغان. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بولسا بۇ سۆزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە دەپ، شۇ بويىچە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي تارىخچى جاڭ لىفەنمۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ تارىخقا قارىتا سەمىمىي پوزىتسىيىدە بولماسلىقىنى، ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «ئەگەر بىر كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتمۈشىنى بوينىغا ئېلىپ، تارىخى بىلەن يۈزلىشەلىسە، ئۇ ھالدا بۇ ئۇنىڭ خەلقئارادىمۇ ئوبراز تىكلىشىگە ۋە خەلقنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشىشىگە پايدىلىق بولغان بولاتتى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت