ئەركىنلىك سارىيى خىتايدا 2016-يىلى ئىچىدە ئاخباراتتا چەكلەنگەن تېمىلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-12-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم.
freedomhouse.org

ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان «بېيجىڭنىڭ 2016-يىلىدىكى ئەڭ مۇھىم چەكلىمىلىرى» ناملىق بۇ يىللىق باھالاش مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇ دوكلاتىدا مۇشۇ بىر يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات-ئۇچۇرنى كونترول قىلىش، جامائەت پىكرىنى چەكلەش ۋە ياكى يېتەكلەش ئۈچۈن يولغا قويغان تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان ئۆزگىرىش خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ چەكلىمە قويغان تېما ۋە ساھەلەرنىڭ كۆپىيىشى ئىكەن. ئۇ دوكلاتتا، 2016-يىلى ئىچىدە ئەڭ كۆپ نىشان قىلىنغان خەۋەرلەرنى تىزىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، پارتىيە ۋە پارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوبرازىغا تاقىلىدىغان خەۋەرلەر ئىكەن. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئىچىدە پارتىيە ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدىغان ھەرقانداق مەزمۇننى چەكلەش بىلەن بىللە، شى جىنپىڭنىڭ ئوبرازىنى يۈكسەلتىدىغان مەزمۇنلارنى تارقىتىش ھەققىدە ئوخشىمىغان ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەن.

ئىككىنچىسى بولسا، سەھىيە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ يىل ئىچىدە كەپ چىققان ھادىسىلەر، مۇھىت بۇلغىنىشى، دورا ۋە يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان خەۋەر مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۈچىنچىسى، چەتئەللەرنىڭ خەۋەرلىرى. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ئاخبارات-ئۇچۇر ئورگانلىرىغا ئامېرىكىدىكى سايلام، تەيۋەن، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو بومبىسى سىناق قىلىشى ۋە شۇنداقلا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە ئائىت خەۋەرلەرنى چەكلەش ياكى ئۇنىڭ مەزمۇنىنى قانداق كونترول قىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان 15 خىل ھۆججەت چۈشۈرگەن. بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دېموكراتىيىدىن يوقسۇللۇقىغا قارىتا سېلىشتۇرما بوپ قالماسلىقى ئۈچۈن، چەت دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان سايلام ۋە رېفېراندۇم خەۋەرلىرى ئەڭ قاتتىق چەكلەنگەن بولۇپ، مەسىلەن، ئۇلار ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ مۇنازىرە پروگراممىسى، تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە لىدىرى سەي يىڭۋېننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ۋە شۇنىڭدەك بېرىتانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتى دېگەندەك خەۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئۇندىن باشقا يەنە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ساقچىلارنىڭ خاتالىقلىرى، سوتنىڭ خاتا ھۆكۈملىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئىقتىسادقا ئائىت خەۋەرلەر ۋە شۇنداقلا خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرمۇ خەۋەر قىلىنىشى چەكلىنىدىغان ياكى مەزمۇنى كونترول قىلىنىدىغان تېمىلار ئىچىدە بولغان.

يەنى سارا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولۇپ تۇرغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىغا قاراتقان چەكلىمىسىنىڭ دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭەيگەن. ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇكنىڭ يىللىق باھالاشتا ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئىچىدە ئوخشىمىغان يېڭى قانۇن-تۈزۈملەر، يوشۇرۇن ياكى ئوچۇق ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئۇچۇرغا قاراتقان كونترولىنى ئاخبارات-ئۇچۇرغا ئېرىشىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرگىچە كېڭەيتكەن. جۈملىدىن ئاخبارات-مەتبۇئات ئورگانلىرى، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئىنتېرنېت-تور بېكەتلىرى، يانفون ئەپلىرى، نەق مەيدان كۆرۈنۈش تارقىتىدىغان تور بەت ياكى قول تېلېفون ئەپلىرىنىڭ ھەممىسىگە يۇقىرىقىدەك بۇيرۇق-ھۆججەتلەر چۈشۈرۈلگەن. بۇندىن باشقا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلمىغان شەخس ۋە ياكى ئورگانلارنى جازالاشنىمۇ تەڭ كۈچەيتكەن بولۇپ، مەملىكەت مىقياسى بويىچە ھېسابلىغاندا، پەقەت بۇ يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئەركىن ئىپادە قىلىش ھوقۇقىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 111 نەپەر ئىكەن ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە جازا مۇددىتى 3، 4 يىل بولغان. سارا خانىم 111 نەپەر دېگەن ساننىڭ ناھايىتى چەكلىك ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئېرىشىلگەن سانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىن ئۇچۇر ئېلىشنىڭ ئىنتايىن قېيىنلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئەسلى رەقەمنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. سارا خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، 111 نەپەر تۇتقۇننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ئۇندىن قالسا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئىكەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي جامائىتىنىڭ ھازىر شى جىنپىڭنىڭ بۇنداق چەكلىمىلىرىدىن بەك نارازىلىقىنى، شۇڭا ئېلىنىۋاتقان بارلىق تەدبىرلەرگە قارىماي يەنە تورلاردا تەنقىدلەرنى كۆرۈپ تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇنداق تور يازغۇچىلىرىنىڭ بولسا بۇنىڭ بەدىلىنى جېنى بىلەن ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ بۇ يىل 11-ئايدا ئېلان قىلىنغان يىللىق ئەركىنلىك دوكلاتىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تورغا قاراتقان باشقۇرۇشىنىڭ زەربىسىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى مېدىلىن ئېرپ بۇ دوكلات ھەققىدە بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتايدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەر بولسا، ئىنتېرنېتقا ئېرىشىش. مەسىلەن، ھۆكۈمەت بىرەر نامايىش چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتنى تاقىۋېتىدىغان ئەھۋاللار، يەنە ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش ۋە شۇنداقلا ئىنتېرنېتنى تەقىب قىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر. جۈملىدىن كىشىلەر ئۆزى توردا قىلغان ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئومۇملاشقان... بۇنداق ئەھۋاللار ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا تېخىمۇ ئېغىر. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور قوللانغۇچىلىرى خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىماقتا.» دېگەن. ئۇ يەنە، خىتايدا ماقۇللانغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور تەھدىتلىكىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت