سىرلىق 22-ئاپرېل ۋەقەسىنىڭ گۇما كۆكتېرەكتە يۈز بەرگەنلىك ئېھتىماللىقى ئاشكارىلانماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-01-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەرىتىدە خوتەن گۇما ناھىيىسىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن.
خەرىتىدە خوتەن گۇما ناھىيىسىنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن.
RFA

خىتاي ئاخباراتى مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى خوتەندە قېچىپ يۈرۈۋاتقان گۇماندارلاردىن 3 نەپىرىنى قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېتىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە مەزكۇر گۇماندارلارنىڭ 2015-يىلى گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 22-ئاپرېل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن؛ ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ نېمە ۋەقە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىگەن. يۈز بېرىپ ئىككى يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان بۇ سىرلىق ۋەقە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ ۋەقە ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە 1-ئاينىڭ 8-كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ كۆكتېرەك بازار تۆۋەن قۇمكۆل كەنتىدە، بۇرۇن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر گۇماندارنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

يۇقىرىقى ئۇچۇردا تىلغا ئېلىنغان، تۆۋەنقۇمكۆل كەنتىدە ئېتىۋېتىلگەن گۇماندارنىڭ خىتاي ئاخباراتى خەۋەر قىلغان ئېتىۋېتىلگەن 3 گۇمانداردىن بىرى ئىكەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما تۆۋەن قۇمكۆل كەنتىنىڭ گۇما تەۋەلىكىدە بولۇشى ۋە ئېتىۋېتىلگەن گۇماندار ئۈستىدىن بۇرۇن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى، خەۋەردە دېيىلگەن 22-ئاپرېل ۋەقەسىنىڭ گۇما كۆكتېرەكتە يۈز بەرگەنلىكى ۋە ياكى ۋەقە گۇماندارلىرىنىڭ كۆكتېرەكلىك ئىكەنلىكى ئېھتىماللىقىنى ئاشكارىلىماقتا.

بۇنىڭ ئۈستىگە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 28-دېكابىردىكى بىر خەۋىرىدە، گۇما سوت مەھكىمىسىنىڭ گۇما كۆكتېرەك بازىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ياڭ جېڭفېڭ، مۇئاۋىن سېكرېتارى ئەركىن مەخمۇت ۋە تۆۋەن قۇمكۆل كەنت سېكرېتارى روزىمەمەت مەخمۇتنى «خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، 20 يىللىقتىن كەسكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ خەۋەردە يەنە، روزىمەمەت ماھمۇتنىڭ بىپەرۋالىق قىلىشتىن باشقا (جىنايەتچىنى) قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى بارلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت