پروفېسسور ئاكىرا: خىتاي مىللىتى رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئاپتونوم رايون

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013-11-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«خىتايدىن نەپرەتلىنىش دەۋرىدىكى خىتاي نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
«خىتايدىن نەپرەتلىنىش دەۋرىدىكى خىتاي نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA.Qutluq

ياپونىيە ھوكايدو ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ئاكىرا فۇجىمونىڭ «خىتايدىن نەپرەتلىنىش دەۋرىدىكى خىتاي نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان.

كىتاب جەمئىي تۆت بابتىن تەركىب تاپقان. كىتابتا ئاساسلىقى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان تارىخى ۋە ھازىرقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرالار، خىتايدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىدىن ئىبارەت خىتاي مائارىپىدىكى مىللەتچىلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش تەربىيىسى، خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى قاتارلىق خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپسىلىي مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان.

پروفېسسور ئاكىرا كىتابىنىڭ بىرىنچى بابىدىكى «خىتاي مىللىتى رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئاپتونوم رايون» دېگەن قىسمىدا مۇنداق بايان قىلغان: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەشۋىقاتىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىناق، باراۋەر دېگەن شوئارى پۈتۈنلەي يالغان. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، خىتايدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلىرى،مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار، توپىلاڭلار خىتاينىڭ بۇ شۇئارىنىڭ تۈپتىن يالغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە بېرىلگەن مىللىي ئاپتونوم رايون، مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۇ مىللەتلەرنى كونترول قىلىش سىياسىتىدۇر. ئاپتونوم رايون دېگەنلىك «ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇش، تولۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ باش رەھبەرلىرى چوقۇم يەرلىك مىللەتلەردىن بولۇش» دېگەنلىكتۇر. ئەمما خىتايدا دېيىلىۋاتقان ئاپتونوم رايون نەزەرىيىسى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى ئاپتونوم رايونلاردا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇن،ئەمىر-پەرمانلار، سىياسەتلەر ئەكسىچە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بارلىق ھوقۇقى ۋە كۈچى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىلىكىدە. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەت ئاپتونوم رايونىدۇر. ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر ئۆز تۇپراقلىرىدا ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئۆزى ئىگە بولغان بولسىمۇ،ئەمما خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان تا ھازىرغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ سىكرېتارى خىتاي مىللىتىدىن تەيىنلىنىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونغا سېكرېتار بولۇش ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە مەڭگۈ نېسىپ بولمىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىرى بىر قانچە يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن 15 يىل ئىزچىل ھالدا ھوقۇق تۇتۇپ كەلدى. بۇ دېگەنلىك ئاپتونوم رايون خىتاي مىللىتىنىڭ قولىدا.خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خىتاي مىللىتىنىڭ قولى ئارقىلىق ئاپتونوم رايوندا ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. خىتاي كومپارتىيىسى ئاپتونوم رايوننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەمەلىي ھوقۇقنى خىتاي مىللىتىگە بېرىپ، قۇرۇق ئاپتونوم رايون دېگەن نامىنى ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە بەرگەن.

ئۇزۇن يىللار خىتايدىكى ئاپتونومىيە قانۇنى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان توموئې خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل مۇنداق دېدى:
-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن نام بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ئاپتونوم رايونغا مۇناسىپ ھېچقانداق ھوقۇق يوق. ئاپتونوم رايون پەقەتلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا.

پروفېسسور ئاكىرا ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايون سىياسىتىنىڭ باشقا ئەللەردىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا تۇتقان سىياسىتىدىن تولىمۇ پەرقلىق مىللەتلەر سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
‏-ئاپتونوم رايوننىڭ 90% ئىقتىسادىي، خىتاي مىللىتىنىڭ قولىدا. ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ھوقۇق، ئىقتىساد خىتاي مىللىتىنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تۇپرىقىنىڭ 64% ئىنى ئىگەنلەيدىغان ئاپتونوم رايوندىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي مىللىتىگە، ھاكىمىيىتىگە قارشى تۈرلۈك نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاپتونومىيە سىياسىتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ شتات تۈزۈمى، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە تۇتقان مىللەتلەر سىياسىتىدىن كۆپ پەرقلىق. تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا ئوخشاش بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم يۈرگۈزۈش سىياسىتى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاساستا، تىبەتنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلاردا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەق-ھوقۇقىنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق باستۇرۇپ كەلمەكتە. خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى كىچىك مەسىلە ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى. خىتاي بۇ مەسىلىنى ئىچكى مەسىلە دەپ قارىماسلىقى كېرەك. بۇ ئىچكى مەسىلە ئەمەس،بەلكى خەلقئارالىق مەسىلە، دۇنيانىڭ مەسىلىسىدۇر. ياپونلار ئۇيغۇر، تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدىن يىراق يەردە بولسىمۇ، بۇ مەسىلىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىنى ئوبدان ئويلىشى كېرەك. بۇ خىتايدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى. سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ دېموكراتىيىلىشىش قەدىمىنى بېسىشقا باشلىغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر مۇستەقىل بولغان.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن قاراپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
‏-ئۇيغۇر، تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرى خىتاي تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ 60% ئىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ئەمما خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىدىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتى مىللەتلەر مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ بۇنىسى ھازىرچە نامەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ ھازىرقى شەرتلىرىنى قوبۇل قىلمىغان بىلەن چوقۇم يېقىن كەلگۈسىدە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىدۇ. دالاي لامانىڭ ئارزۇسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسى مىللەتلەر مەسىلىسىدە ئۆزىگە بېرىلىۋاتقان سىگناللارغا دىققەت قىلىپ دەرھال مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئەمما ھازىرچە خىتاي مىللەتلەر سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئىدىيىسىدىن تولىمۇ يىراق.

پروفېسسور ئاكىرا ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
‏-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز دىنىغا ئەركىن ئېتىقاد قىلىشى چەكلەنگەن. خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئاتىزم تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىپ ئۇلارنىڭ مىللىي، دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلمەكتە. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ رامزان ئايلىرىدا روزا تۇتۇشىمۇ چەكلەنگەن. ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز ئالدىغا دىنىي قائىدە-يوسۇنلار بويىچە توي-تۆكۈن قىلىشى چەكلەنگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ھازىر خىتايلارنىڭ نوپۇسى 59% يېتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 41% گە چۈشۈپ قالغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت