نۇربىيە نۇرتاي: «ئاپام مېنىڭ تېلېفونۇمنى ئالغانلىقى ئۈچۈنلا لاگېرغا سولانغان»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-05-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مالايشىيادا ياشاۋاتقان نۇربىيە نۇرتاينىڭ 60 ياشلىق كېسەلچان ئانىسى ئەلانۇر ئاقىلاخۇن خانىم. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
مالايشىيادا ياشاۋاتقان نۇربىيە نۇرتاينىڭ 60 ياشلىق كېسەلچان ئانىسى ئەلانۇر ئاقىلاخۇن خانىم. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Gülchéhre

ئىنكاسلار ۋە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە چەتئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلمىگەنلەر ئاز دېيەرلىك بولۇپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بولغان دىققىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، رادىيومىزنى ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، دوست-يارەنلىرىنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە.

تېلېفون ئارقىلىق مالايشىيادىن رادىيومىز بىلەن ئالاقىلەشكەن نۇربىيە نۇرتاي ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىز، 10 ئايدىن بۇيان ئائىلىسى بىلەن بولغان تېلېفون ۋە باشقا ئالاقىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكى، قوشنا-قولۇم، ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىنمۇ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ سوراپ بىلەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ يېقىندا بىر خىتاي ساۋاقدىشىغا، غۇلجىدىكى ئۆيىنى ئۆزى ئۈچۈن زىيارەت قىلىپ بېقىشىنى ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى غۇلجا ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئانىسى ئەلانۇر ئاقىلاخۇننىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بىرىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. نۇربىيە نۇرتاي ئانىسىنىڭ بۇ قىسمىتىنى بىلگەندىن كېيىن، يەنە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا تاقىتى قالمىغانلىقىنى بايان قىلدى:
نۇربىيە گەرچە ئانىسىنىڭ خىتاينىڭ غۇلجىدا قۇرغان «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرىنىڭ بىرىدە ئىكەنلىكىنى ساۋاقدىشى ۋە باشقا تونۇشلار ئارقىلىق دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاچان ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئالالمىغان، ئۇ ئۆزى بولسا ئانىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى تېلېفوندا سۆزلەشكەن پېتى، ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان ئىكەن.

نۇربىيە ئانىسىنىڭ دائىرىلەرنىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماي ئۆزى بىلەن تېلېفون ئالاقە قىلغانلىقىنى ئانىسىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشىدىكى بىردىن بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ مالايشىياغا كەلگەن 3 يىلدىن بۇيان ئاساسلىق ئانىسى بىلەن كۆپرەك ئەھۋاللىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇردىن باشلاپ دائىرىلەر ئانىسىنى ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون ئالاقىسىنى باھانە قىلىپ كۆپ قېتىم پاراكەندە قىلغان ھەتتا بۇنىڭدىن كېيىن قىزى بىلەن ئالاقە قىلماسلىق ھەققىدە ئۇنىڭغا تەھدىت ئىشلەتكەن ئىكەن. نۇربىيە ئانىسىنىڭ ئاخىرقى قېتىمقى تېلېفوندا سۆزلەشكەندە: «بۇلار قىزىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشمەيسەن دەيدۇ، قىزىم بولغاندىكىن ئەنسىرەيمەندە، مەن سۆزلىشىۋېرىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلسا قىلسۇن. . .» دېگەنلىرىنى ئەسلىگىنىدە، دائىرىلەر جەزمەن ئاپامنى مېنىڭ بىلەن سۆزلەشكىنى ئۈچۈن ئېلىپ كەتتى دەپ ئازابلانماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ ھەممىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقىنى ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى بولۇپ، ئەلانۇر خانىم بىر يىلنىڭ ئالدىدا بېلىگە سۆڭەك ئۆسكەنلىكى سەۋەبلىك نورمال ئولتۇرۇپ قوپۇشى ۋە يول يۈرۈشى تەس بولۇپ قالغان ئىكەن.

مالايشىيادىكى نۇربىيە نۇرتاينىڭ يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن غۇلجا ناھىيەسىدىكى ساقچىخانا ۋە يىغىۋېلىش لاگېرىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، جاۋاب ئالالمىدۇق.

ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان تۈرمە شەكلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى يۈزى، مۇئەسسەسە ۋە شارائىتلىرى يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم نوپۇزلۇق دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پاش قىلىنىپ، بۇ خىلدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرى» گىتلېر گېرمانىيەسى زامانىسىدىكى يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان جازا لاگېرلىرىغا ئوخشىتىلماقتا.

بۇلتۇر ئەتىيازدىن باشلاپ بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغانلارنىڭ ئىچىدە، چەتئەللەر بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى شۇنىڭدەك پەرزەنتى چەتئەلدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا سولانغان مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم. لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان بەزى شاھىتلارنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن ئىسپاتلىرىدىن، بۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ شەرت-شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى، ئەر-بولسۇن، ئايال بولسۇن، سالامەتلىك ئەھۋالى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئوخشاشلا پسىخىكىلىق خورلاشقا ئۇچرايدىغانلىقىدەك ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى، ھەتتا بۇ جايدا جان ئۈزگەنلەرنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولماقتا. يېقىنقى كۈنلەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر پەخىرلىك دىنىي ئالىمى ئالدۇلئەخەد مەخسۇم ھاجىنىڭمۇ خوتەندە دائىرىلەر تەرىپىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى.

«تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ قاراڭغۇ ۋە قورقۇنچلۇق تەرەپلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئائىلىسىدىن ئايلارچە خەۋەر ئالالمايۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا، زور ئەندىشە ۋە روھىي بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت