تارىخچى ۋە ئەدىب مۇھەممەد قاسىم ئىمىن تۈركىستانى مەككىدە ۋاپات بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-11-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەككىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تارىخچى، ئەدىب مۇھەممەد قاسىم ئىمىن تۈركىستانى 14-نويابىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە 93 يېشىدا ۋاپات بولدى. مەرھۇم مەككىدىكى مۇئەلا قەبرىستانلىقىغا دەپىنە قىلىندى.

بىز مەرھۇمنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ۋە ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مەرھۇمنى يېقىندىن تونۇيدىغان ۋە مەرھۇم بىلەن بىر مەزگىل جىددە رادىيوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمىدە بىللە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ۋە سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇيغۇر ژۇرنالىست سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارىخچى، ئەدىب، شائىر ۋە تەرجىمان، مۇھەممەد قاسىم ئىمىن تۈركىستانى 1930-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەردە ئوقۇغان ۋە بىر قىسىم ئۇستازلاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ 1949-يىلى ئاتا-ئانىسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھىجرەت قىلغان ۋە مەككە شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ مەككىدە «فالاھ» نامدىكى مەدرېسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن سىرت يەنە ھەرەمدىكى مۇدەررىسلەردە ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر مۇددەت تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن جىددە رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ قۇرۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بىر مەزگىل مەزكۇر رادىيونىڭ تۈركىستان بۆلۈمى باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىكەن. مەرھۇم ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئەلبىلاد» ۋە «ئۇكاز» گېزىتلىرىدە يازغۇچى بولۇپ ھەر خىل تېمىلاردا ماقالە يازغان.

ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم مۇھەممەد قاسىم ئىمىن تۈركىستانى ھەم تارىخ ھەم ئەدەبىيات ساھەسىدە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالە ۋە كىتابلارنى يازغان ئىكەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دېگەن ئەسەرىنى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، تۈرغۇن ئالماسنىڭ «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن ئەسەرلەرنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان ئىكەن. ئۇ 1500 گە يېقىن تۈركىستانغا ئالاقىدار ئالىملارنىڭ تەرجىمىھالىنى توپلاپ «تۈركىستاننىڭ مۇھىم شەخسلىرىنى تونۇشتۇرۇش»، «بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى»، «شەرقىي تۈركىستاندىكى تائىپىلەرگە بۆلۈنگەن بەگلىكلەر» دېگەن ناملاردىكى كىتابلارنى ئەرەب تىلىدا يازغان ئىكەن.

سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم مۇھەممەد قاسىمھاجىم تۈركىستانى خۇش-چاقچاق، مېھماندوست كىشى بولۇپ، ئۇ مەككىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەسفەلە مەھەللىسىدە بىر كۇتۇپخانا ئاچقان ئىكەن. بۇ كۇتۇپخانا دوست-يارەنلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىش ماكانى، ئەدىبلەر، ئالىملار ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ سۆھبەت سورۇنى بولغان ئىكەن.

ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ئەپەندى مەرھۇمنىڭ ھاياتىدىن ئالغان تەسىراتى توغرىسىدا توختىلىپ، مەرھۇمنىڭ تىرىشچان ۋە ھەرىكەتچان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى، بىر ئۆمۈر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇنى ئاڭلىتىش يولىدا تىنىمسىز كۈرەش قىلغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جانابىي ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي!

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت