20 نەپەر ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىنىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش جەريانى

كامبودژادا سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە جىددىيلەشكەن ۋە كامبودژا ھۆكۈمىتى يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە ئارقا - ئارقىدىن بىرقانچە قېتىم بايانات بەرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-12-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ 19 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﻪﭺ، ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ 20 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ، 21 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﻏﺎ "ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ" ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ 14 ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺧﯘ ﺳﻪﻥ ﻗﻪﺩﻩﻫ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ 19 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﻪﭺ، ﭘﺎﻧﺎﻟﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ 20 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ، 21 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍﻏﺎ "ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ" ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ 14 ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻣﺒﻮﺩﮊﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺧﯘ ﺳﻪﻥ ﻗﻪﺩﻩﻫ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئەمما، كامبودژا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى ئۇشتۇمتۇت قارارىنى ئۆزگەرتىپ، 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىن 22 نەپەر ئۇيغۇر، بىرقانچە گۇرۇپپا ھالىتىدە ۋېتنامغا قېچىپ چىققان. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇلارنى 3 ‏- بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. ۋېتنامدا ب د ت نىڭ مۇھاجىرلار ئىشخانىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلار ۋېتنامدىن كامبودژاغا يۆتكەلگەن.

ئۇلار كامبودژادىكى ب د ت مۇھاجىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلەۋاتقان جەرياندا، يەنى شەنبە كۈنى كامبودژا ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن.

بۈگۈن بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، كامبودژادىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەسئۇل بولغان خادىمى ئىلشات ئەپەندى بىلەن ۋەقەنىڭ ئاخىرقى جەريانى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، 20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (9)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺭﺍﺳﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ﮔﯘﻩﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮﺩﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﭽﯩﻤﻨﻰ ﺳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ20 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﺳﯧﺮﯨﻠﺪﻯ . ﺷﯘﻧﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﻜﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﯞﻩ ﯰﻣﯘﺩﻧﻰ ﯪﻟﻼﻫ ﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯘﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻻﺯﯨﻤﻜﻪﻥ 1 ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﻠﻼﻫ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯩﻴﻪﺕ-ﻣﻪﺧﺴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮﻛﯩﻠﻐﺎﻱ.ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻱ.... ﯪﻣﯩﻦ1

Dec 24, 2009 12:46 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯰﻟﯘﻍ ﯪﻟﻼﻫﯩﻢ ﺧﯩﺘﺘﺎﻳﻨﻲ ﯞﻩ ﯰﻧﻲ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﯪﺩﻩﻣﻨﻲ ﻫﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ. ﯪﻣﯩﻦ

Dec 23, 2009 05:33 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺋﯩﺴﯩﺖ-ﺋﯩﺴﯩﺖ، ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ ﻳﻪﺭﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻦ. 'ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼﻫ، ﺟﺎﻧﺎﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﯩﺪﯨﻐﯘﺳﯩﺰ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﮔﯘﻧﺎﻫﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ، ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻳﺪﯗ' ﺩﻩﭖ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯩﻲ ﺋﺎﻟﻼﻫ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺭﻭﻫ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻘﺎﻡ ﯞﻩ ﻏﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﭼﺎﭼﻘﯩﻦ. (ﺋﺎﻣﯩﻦ)

Dec 22, 2009 04:11 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺑﯘ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﺘﻪ ﺑﻪﻙ ﺧﺎﻣﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯻﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ .ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﯮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ،ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﯮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺘﻰ .ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

Dec 22, 2009 11:17 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﻧﯩﻤﻪ ﯰ ﺏ ﺩ ﺕ ، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ؟ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ، ﺑﯩﺰ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯪﺷﯘ ﺏ ﺩ ﺕ ، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻫﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﭽﻜﺎ ﺧﺎﻻﺱ ،ﺧﯩﺘﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﻣﻪﻧﭙﻪﺕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﯬﺭﺯﯨﻤﻪﺱ ﯰﺭﯗﻕ .ﺟﺎﻫﺎﻧﺪﻩ ﯪﺩﺍﻟﻪﺕ ،ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﯬﻣﻪﺳﻜﻪﻥ . ﻛﯚﺯ ﯪﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﯲﻟﯜﻣﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ،ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎ 20 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻰ.ﺑﯘﮔﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﺒﺎﺭﻩﻥ ﻗﯘﺭﺍﻝ ﯞﻩ ﭘﯘﻝ ﻣﻪﻥ ﯰﭼﯘﻥ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻫﻪﻡ ﯪﺩﺍﻟﻪﺕ.

Dec 22, 2009 09:27 AM

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

تولۇق بەت