بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار 5 ‏- فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى

2008-02-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھەر يىلى 5 ‏- فېۋرال كۈنى، 1997 ‏- غۇلجا ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىش قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەنئەنىسى بولۇپ قالدى.

بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11يىللىقىغا بېغىشلانغان بولۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى بۇ نۆۋەتلىك خاتىرىلەش پائالىيىتى بېشكەكتىكى ئالامىدىن مىكرو رايون كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن تەپسىلى خەۋىرىنى ئاڭلايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت