'5 - ئىيۇل ۋەقەسى' بىر يىللىقى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدىن يېقىندا چەتئەلگە چىققان بەزى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى ھارپىسىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان بېسىم سىياسىتى يەنىمۇ كۈچەيگەن. بولۇپمۇ چېگرا ئېغىزلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە قاتتىق كونتروللۇق داۋام قىلماقتا ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻣﯩﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ.
9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻣﯩﭽﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﯩﻐﺎﻥ.
RFA Photo

يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىن ئىگە بولغان ئۇچۇرلاردىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىيۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە، تارقاق ھەج قىلغۇچىلارنى توسۇش باھانىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى قايتىدىن يىغىپ، ئوقۇش، خىزمەت ۋە تۇغقان يوقلاشقا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىدىغانلارغىمۇ كۈچلۈك توسالغۇ يارىتىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.

يېقىندا مىڭ بىر جاپالار بىلەن خىتاينىڭ قاتمۇ ‏ - قات توساقلىرىنى يېڭىپ غەرب ئەللىرىگە ئوقۇشقا چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتلىرىدىن تېخىمۇ ئېنىق بولدىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە داۋام قىلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يېقىندا ئالاھىدە جىددىي تۈس ئالغان، خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە چارلىشى، ئاپتوبۇس، ماگازىنغا ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنى ئاختۇرۇش ھەرىكەتلىرى يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن.

بۇ ھەقتە يېقىندا بىخەتەر ھالدا دېموكراتىك ئەللەرنىڭ تۇپرىقىغا دەسسىگەن بىر ئۇيغۇر ياش، ھېلىھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ھەم ھېس قىلغانلىرى، ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسىدىن ئاتلاش جەريانىدا ئۇچرىغان بېسىملىرى ھەققىدە بىزنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتتى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىدىن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب ئالالمىدۇق.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەمدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا "يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى كۈچەيتىشى، ئۆزىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىگە قارشى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن قوزغىلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى " دەپ كۆرسەتتى.

چەتئەللەرگە يېڭىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغان ئىنكاسلىرىدىكى ئورتاقلىققا ئاساسلانغاندا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىي، دىنىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى قاتتىق بېسىم ھەم كەمسىتىش سىياسىتى ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار "‏5 - ئىيۇل ۋەقەسى مەڭگۈ ئۇنۇتۇلمايدۇ،" دەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت