دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىق ئېلان قىلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش ياسىغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىق ھارپىسىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا ئۈرۈمچىگە كىرگەن ھەربىيلەر. 2009-يىلى ئىيۇل.
ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا ئۈرۈمچىگە كىرگەن ھەربىيلەر. 2009-يىلى ئىيۇل.
RFA

2009-يىلى 26-ئىيۇن گۇاڭجۇنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە نۇرغۇن ئۇيغۇر يارىلاندى ۋە ئۆلدى. ئارقىدىنلا 5-ئىيۇل شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىرىنى تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تىنچلىق بىلەن كوچىغا چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىغا خىتاي ساقچىلىرى قورال بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور ۋەقە بولغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» مەيدانغا كەلدى.

2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە شۇنداقلا بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان «26-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆز تور بېتىدە مەخسۇس چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق شۆبىلىرى ۋە چەتئەللەردىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتى رەئىسى زۇبەيرە خانىمنى زىيارەت قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت