5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر يېڭى سىن خاتىرىسى ھەققىدە

"5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگىنىگە 5 ئاي بولدى. گەرچە ۋەقەنىڭ سەۋەب - نەتىجىلىرى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلىي جەريانى خەلقئاراغا بىلىنىشتە يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. بولۇپمۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تەپسىلاتلار چەكلەنمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﺎﯞﻻﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﺎﯞﻻﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

نامايىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ ۋە نامايىشتا توۋلانغان شوئارلارنى ھازىرغا قەدەر خىتاي خەۋەر قىلغىنى يوق. بۈگۈن رادىئومىز ئېرىشكەن بىر سىن (ۋىدىئو) خاتىرىسىدە بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇچۇرلار خاتىرىلەنگەن.

كۆرۈنۈشتە نامايىشچىلارنىڭ شاۋگۇەن ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، شاۋگۇەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى، ۋە بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشى قاتارلىق ئادالەتسىزلەرگە قارىتا نارازىلىقى ئىپادىلەنگەن.

بۇ سىن خاتىرىسىدا زەپەر بىناسى، Tian gong guo yüen شىركىتى، ئەنجۈر تاماقخانىسى، پەرھات - شېرىن ھۆسن تۈزەش ئورنى قاتارلىق ۋىۋىسكىلار كۆرۈنۈدۇ. بۇ نامايىشنىڭ رابىيە قادىر سودا - سارىيى بىلەن جەنۇبى قوۋۇق يەنى نەنمېن ئارىسىدىكى بىر پارچىسى ئىكەنلىكى مەلۇم.

كۆرۈنۈشلەردە نامايىشچىلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق نەرسە يوقلۇقى، پەقەت مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ شوئار توۋلاۋاتقانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى قورشاۋغا ئېلىپ تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قارىتا نامايىشچىلارنىڭ "قويۇۋەتسۇن" دەپ شۇئار توۋلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

كۆرۈنۈشلەردىن بىرىدە، ياش بىر ئايالنىڭ ھوشىدىن كەتكەن ھالىتى ۋە ئۇنى باشقىلارنىڭ قۇتقۇزۇۋاتقانلىقى ۋە ئەتراپتا قېچىش ۋە پاتىپاراقچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ.
 
كۆرۈنۈش ۋە ئاۋازلاردىن قارىغاندا، بۇ نامايىشنىڭ جىددىي تەھدىت ئاستىدا، ئەمما تىنچلىق شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقان بىر قىسمىدۇر. شۇنداقلا بۇ يەنە، خىتاي ئاخباراتىدا ئۇچرىتىش مۇمكىن بولمايۋاتقان پارچىلاردۇر.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى تېلېفون يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىش، ئىنتېرنېتنى كېسىۋېتىش، نامايىشقا ئائىت ئۈن - سىن خاتىرىلىرىنى يىغىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تاشقى دۇنياغا توغرا ۋە تولۇق ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى توسماقتا.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىنى كېيىنكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز تۈرلۈك يوللار بىلەن ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ پروگراممىمىزدا، نامەلۇم بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن سىن خاتىرىسىدىكى مەلۇماتلارنى سىلەرگە سۇندۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (5)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺯﯗﻟﯘﻡ ﭼﯧﻜﺪﯨﻦ ﯪﺷﺘﻰ ....ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺳﯚﯕﻪﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ...
ﻫﻪﻕ ﺋﯧﮕﯩﻠﺪﯗ ﺳﯘﻧﻤﺎﻳﺪﯗ....ﺑﯩﺰﮔﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯘﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﯪﺯﻗﺎﻟﺪﻯ....

Dec 14, 2009 02:16 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯞﯨﺪﯨﺌﻮ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﭘﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

Dec 12, 2009 09:01 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﯬﻣﺪﻯ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﯪﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺘﻰ،
ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﻩﺷﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

Dec 12, 2009 07:47 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ...

Dec 12, 2009 11:25 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯩﻨﯫﻟﻐﯘ ﻟﯩﻨﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕﻼﺭ ﯪﺩﯨﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ

Dec 12, 2009 10:33 AM

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

تولۇق بەت