كانادا مەتبۇئاتلىرى: خىتاي نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قارشى، كوڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى تەسىس قىلدى

كانادا مەتبۇئاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ بېرىلگەنلىكىدىن غەزەپلەنگەن خىتاي، كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان ۋە تۇنجى مۇكاپاتنى تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى خىتاي ‏- تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى دەپ قارالغان ليەن جەنگە بەرگەن.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2010-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۆكتىچى لىۇ شىاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ بېرىلگەنلىكىدىن غەزەپلەڭەن خىتاي، كوڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان.
خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۆكتىچى لىۇ شىاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ بېرىلگەنلىكىدىن غەزەپلەڭەن خىتاي، كوڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان.
Gulshen

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش ھارپىسىدا يەنە، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردىن س ن ن، ب ب س، فرانسۇزچە ت ۋ 5 قانىلى ۋە نورۋېگىيىنىڭ ن ر ك قاناللىرىنىڭ خىتايدا تارقىتىلىشىغا كاشىلا پەيدا قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كۇڭزى ئىدېئولوگىيىسىنى خىتاي ئىچى ۋە چەتئەللەردە كەڭرى تەشۋىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ،خىتاي ئىچىدە كۇڭزى تەشۋىق قىلىنغان فىلىملەرنى ئىشلەش، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە كۇڭزى ئىدېئولوگىيىسىنى كەڭرى تەشۋىق قىلىش خىتاي ئىچكى تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسى بولغان بولسا، چەتئەللەردە قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى سانىنىڭ 100 گە يەتكەنلىكى مەلۇم.

ئايال ئەرگە، پەرزەنت ئاتا-ئانىغا، پۇقرا دۆلەتكە بويسۇنۇش كۇڭزى ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ،خىتاينىڭ كونىلىقنى ئاساس قىلغان كۇڭزىنىڭ ئىتائەتمەنلىك ئىدېئولوگىيىسىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قارشى قويۇشى كۆزەتكۈچىلەرنى ئەپسۇسلاندۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتىنى ھەسەتخورلۇق ۋە دۈشمەنلىك مۇكاپاتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇقىيە تۇردۇش يەنە، خىتاينىڭ ئەزەلدىن كۇڭزى ئىدىيىسىنى غەربنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆز قارىشىغا قارشى بىر كوزىر ئورنىدا قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بۇنداق بىر ئىدىيىنى بازارغا سېلىشى، دۇنيانىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تەتۈر يۆنىلىشكە بۇرىغانلىق دېدى.

رۇقىيە خانىم ئاخىردا يەنە، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئورۇندۇقىنىڭ بوش قېلىشى،خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتۈۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنى خىتاي ھەققىدە قايتا ئويغا سالىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت