ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك قويۇۋېتىلدى، مەيدان باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

بۈگۈن ئىگىلىشىمىزچە، بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 84 ياشلىق ئەرزدار ئابدۇرېھىم موللەك، ئونسۇ ناھىيىسىدە 4 كۈن قاماپ قويۇلغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن؛ ئابدۇرېھىم موللەكنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ كەلگەن قىزىل سۇ يېزا ياشلار مەيدانىنىڭ باشلىقى خەن جيامېن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن يېڭى مەيدان باشلىقى، ئابدۇرېھىم ئاكا بىلەن كۆرۈشۈپ، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە، ئۇنىڭ ئەرزىنى ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ "ﺋﻪﺭﺯﺩﺍﺭﻻﺭ" ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻯ 18 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ  ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ "ﺋﻪﺭﺯﺩﺍﺭﻻﺭ" ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻯ 18 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
http://news.boxun.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ دەسلەپتە ئونسۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ سوراقخانىسىغا 4 كۈن قاماپ قويۇلغان ۋە قاتتىق سوراق قىلىنغان. سوراق جەرياندا ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىش جەريانى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى ئېنىقلانغان؛ ھەم ئۇ، "چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈڭ" دەپ تەنقىدلىنىپ تەھدىتكە ئۇچرىغان.

ئارىدىن 4 كۈن ئۆتكەندە ساقچىلارنىڭ مۇئامىلىسىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا قويۇۋېتىلگەن. ئابدۇرېھىم ئاكا دەسلەپتە ياشلار مەيدانىنىڭ رەھبەرلىكىگە تاپشۇرۇلغان، ئۇ مەيدانغا كەلگەندە، ئۆزىگە ھەقسىزلىق قىلغان مەيدان باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان.

يېڭى تەيىنلەنگەن مەيدان باشلىقى ئۇنى ئىللىق مۇئامىلە بىلەن كۈتۈۋالغان ۋە ئەرزىنى بىر ئاي ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بېيجىڭدىن تۇتۇلۇپ، ئاقسۇغا ئەكىلىنگىچە، ئايرىم ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قاتتىق بىر قوپاللىق ياكى كەمسىتىش مۇئامىلىسىگە ئۇچرىمىغان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ پەقەت تۇتۇلۇش جەريانىدا ۋە ئاقسۇدا قامىلىپ يېتىش جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن بىر قىسىم زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

ئابدۇرېھىم موللەك ئاكا بۇ ۋەقەلەرنى ھازىرچە تىلغا ئالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى، نېمە بولسا-بولسۇن، بۇ قېتىم ئەرزىنىڭ ھەل بولۇشىدا ئازراق بىر ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇرېھىم ئاكا نۆۋەتتە، بىر ئاي مەيدان باشلىقىنىڭ ۋەدىسىنىڭ ئىجراسىنى كۈتمەكچى؛ ئەگەر يەنىلا ھەل قىلىنمىغان ئەھۋالدا ئەرز ئۈچۈن 12 ‏- قېتىملىق بېيجىڭ سەپىرىنى باشلىماقچى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

.ﯬﺟﻪﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ

Sep 07, 2010 09:04 AM

تولۇق بەت