"ئاچ ئەرۋاھلار ‏- ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" (2)

2006-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندىنىڭ 'ئاچ ئەرۋاھلار ‏- ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق' ناملىق كىتابى 2005 ‏-يىلى 10 ‏-ئايدا نەشر قىلىندى. خىتايدا ئەسلى ۋەقەنى بېشىدىن كۆچۈرگەن كۆپ كىشىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ خاتىرىلەپ، رەتلەپ چىققان جەسپېر بېيكىر ئەپەندىنىڭ بۇ رىيال تارىخي خاتىرىسى گوللاندىيىدە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ كىتاب كىشىلەرنىڭ ماۋزېدوڭ دەۋرىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن كوممۇنىزم لاگېرىدا يۈز بەرگەن چوڭ ئاچارچىلىقلار ھەققىدىكى ئەس -خاتىرىسىنى قوزغاتتى.

ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق تىنچ دەۋردە يۈز بەردى

ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندىنىڭ 'ئاچ ئەرۋاھلار ‏- ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق' ناملىق كىتابنىڭ ئىككىنچى بابىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا تارىختا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ياكى رايون خاراكتېرلىك تەبىئى ئاپەت جەريانىدا پەيدا بولغان ئىدى. ئەمما ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق تىنچ دەۋردە، پەقەت جەمئىيەتتە داۋالغۇش بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا يۈز بەردى. بۇ بىر خىل رايون خاراكتېرلىك تەبىئىي ئاپەت ئەمەس، بەلكى مەملىكەتنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا بىردەك يۈز بەرگەن ھادىسە. بېيكىر ئەپەندى بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئېنىق سانلىق مەلۇمات ئالالمىغانلىقتىن، ئۇ كىتابىدا مۇلاھىزىچىلەر تەخمىنەن ئوتتۇرىغا قويغان سانلىق مەلۇماتلارنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاچارچىلىق ئېغىرراق يۈز بەرگەن ئۆلكىلەر خېنەن بىلەن ئەنخۇي. مۇلاھىزىچىلەر خېنەن ئۆلكىسىدە ئاچلىقتىن ئۆلگەن ئادەم سانىنى 2 مىليوندىن8 مىليونغىچە دەپ تەخمىنلىگەن. پەقەت خېنەننىڭ شىنياڭ ۋىلايىتىدىلا ئاچلىقتىن ئۆلگەن ئادەم سانى بىر مىليوندىن ئارتۇق، بۇنى ھۆكۈمەتمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ، ئەمما بەزى مۇلاھىزىچىلەر 4 مىليونغا يېتىدۇ دەيدۇ. ئەنخۇي ئۆلكىسىدە 2 مىليوندىن 8 مىليونغىچە، پەقەت فېڭياڭ ناھىيىسىدىلا 110 مىڭ. سىچۇەن ئۆلكىسىدە 7 مىليوندىن 9 مىليونغىچە. گۇيجۇدا بىر مىليوندىن ئارتۇق. شىنجاڭ بىلەن تىبەتنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر پەۋقۇلئاددە، سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلىش تېخىمۇ قىيىن. مۆلچەرلىنىشىچە، تېبەتتە ئاچارچىلىقتا ئۆلگەن ئادەم سانى 500 مىڭدىن 800 يۈز مىڭغىچە. شىنجاڭدا پەقەت باي ناھىيسى دېگەن بىر ناھىيىدىلا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان ئاچلىقتىن ئۆلگەن. خىتاي بۇيىچە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدا بولسا 50% تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ بولغان.

'ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك' دېيىشكىمۇ رۇخسەت يوق

ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندىنىڭ "ئاچ ئەرۋاھلار ‏- ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق' ناملىق كىتابنىڭ ئىككىنچى بابىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەندە دۆلەت پۇقرالىرى گۈرۈچكە، بۇغداي ياكى قوناق ئۇنىغا قوقان، كېپەك، مەدەك، قوۋزاق، يۇپۇرماق، ھەرە كېپىكى دېگەندەك باشقا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەجمىنى چوڭايتىپ يېگەندىن باشقا يەنە قۇرۇت-قوڭغۇز، چېكەتكە، ھەسەن شېرىك، چاشقان قاتارلىقلارنىمۇ ئىزدەپ تېپىپ، تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ ئىستىمال قىلغان. جەسپېر بېيكىر ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا شاڭخەي خۇادۇڭ پىداگوگىكا ئىنىستېتوتىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ مەكتەپ ئاشخانىسىدا كۆللەردىن سۈزۈۋالغان لەش-چاۋالارنى قوشۇپ تاماق تەييارلىغانلىقىنى كۆرگەن. خۇنەندە دېھقانلار مەھەللىدىكى دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىنى سۇيۇپ بولغان. 1960 ‏-يىلى ليۇشاۋچى خۇنەنگە بارغاندا، يەرلىك ئەمەلدارلار يالىڭاچلىنىپ قالغان دەرەخلەرنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن، ھەممە دەرەخكە لاي سۈرگۈزگەن. ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن شۇ يىللاردا ، دېھقانلارنىڭ باشقا يۇرت-مەھەللىلەرگە بېرىش ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن. بەدىنى ئىششىپ كەتسە، ئۇنى 'ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولغان' دېيىشمۇ چەكلەنگەن. باشقا بىر جايغا تىلەمچىلىك قىلغىلى بېرىش ئۈچۈنمۇ پارتىيىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك. ئەمما ھەممىلا جايدا دېھقانلار يولنى توسۇۋالغان پوستلارغا پىسەن قىلماي، جاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سىرتقا ئاققان ئادەم توپىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەدىنى ئىششىپ كەتكەن ئادەملەر كۆپ ئىدى، يول -يولدا يېتىپ قېلىپ جان ئۈزگەن ئاچ ئەرۋاھلار ئۇچرايتتى.

خىتاي تارىخىدىكى 'ئادەمخورلۇق'

ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندىنىڭ "ئاچ ئەرۋاھلار ‏- ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق' ناملىق كىتابنىڭ ئىككىنچى بابىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايچە قەدىمقى كىتابلاردا، خەن سۇلالىسىنىڭ گاۋزۇ پادىشاسى 'بالىلارنى يېيىش ئۈچۈن ئېلىپ سېتىشقا بولمايدۇ' دەپ يارلىق چۈشۈرگەن خاتىرە بارلىقىدىن قارىغاندا، خىتايدا تارىختا ئادەم يەيدىغان بىرخىل يامان ئادەت بولغان. ئادەملەر بىر - بىرىنى يەيدىغان ھادىسە ناتسىست گېرمانىيىسىنىڭ تۈرمىلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن. ئوكرائىنادا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەندىمۇ بولۇپ ئۆتكەن. خىتايدا بولسا 'ئادەمخورلۇق' بىرخىل يامان ئادەت. بەزىلەر دۈشمىنىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلسا، بەزىلەر تەمىنى تېتىپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ياكى بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىكەن. جەسپېر بېيكىېر ئەپەندىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، خېنەننىڭ 900 مىڭ نوپۇسى بار گۆشى ناھىيسىدىلا ئاچارچىلىقتا يەپ كېتىلگەن ئادەم سانى 200 دىن ئارتۇق. فېڭياڭ ناھىيىسىدىكى بىر خەلق كوممۇنىسىدىلا 63 ئادەم يەپ كېتىلگەن. شۇ يىللاردا بالىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يەيدىغان ھادىسە سىچۇەن، گەنسۇ، چىڭخەي، تېبەت، شىنجاڭلاردىمۇ يۈز بەرگەن. (داۋامى بار) (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت