ئامېرىكا، خىتايغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 30 مىليون دوللار ياردەم قىلماقچى

2005-06-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيادىكى ئەيدىز ئىشلىرى ئىشخانىسى مەسئۇلى راندال توبىياس ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى پېتېر پىئوت بىرلىكتە سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قىلغان، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى ياردەم پروگراممىسى 2002 - يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىگە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش پونكىتىدىن 15 نى قۇرۇپ بەردى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تۈرى ئۈچۈن 611 مىليون ئامېرىكا دوللار پۇل ئاجرىتىشقا ۋەدە بەرگەن.

خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغاندىنمۇ كۆپ

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان خىتايدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 840 مىڭ. ئەمما خەلقئارادىكى ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن كۆپ جىق ئىكەنلىكىنى، ھەتتا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆزىدىلا 90 - يىللاردا قان سېتىش سەۋەبىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغان بىمارلارنىڭ 1 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شۇنداقلا ئۆتكەن ھەپتە، بىر خىتاي مۇتەخەسسىسى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان كۆچمە نوپۇس ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلمىسا، ئۇ چاغدا خىتاينىڭ چوڭ ئەيدىز ئاپىتىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ئەھۋالى خىتاي بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا

خىتايدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ناچار بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ئەھۋالىمۇ كىشىنى چۆچۈتمەكتە. ھازىر ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى جەھەتتە، خىتاي بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاشار ۋە ئەيدىز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان كانادا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىزگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختالدى.

خەلقئارانىڭ خىتايدىكى ئەيدىزگە بولغان ياردىمى

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياردەم پۇلى ئاجرىتىۋاتقان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار خېلى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىقلار ئاساسلىق ياردەم قىلغۇچى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلاردۇر. شۇنداقلا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس پۇل ئاجراتقان ئىدى. بۇ پۇللارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلىتىشكە تېگىشلىك جايلارغا توغرا ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈستىدە توختالغان مەمەت توختى ئەپەندى بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەنكى 2-3 يىلدىن بۇيان ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا قارىتا ئاۋالقىغا قارىغاندا بىر قەدەر كۆپ كۈچ چىقىرىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى 2003 - يىلى 9 - ئايدا يېزىلاردىكى ۋە شەھەر ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ياخشى بولمىغان ئەيدىز بىمارلىرىنى ھەقسىز داۋالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى شۇنداقلا 2004 يىلى مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنى تەسىس قىلدى.

خىتاينىڭ ئەيدىزگە تۇتقان پوزىتسىيىسى

زىيارىتىمىز داۋامىدا مەمەت توختى ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللۇنۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن تارقىلىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىلىرىدە توختالدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئەيدىز ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى بۇ يىل 4 - ئايدا خىتايغا مەخسۇس بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن. شۇنداقلا ئۇلار يېقىندا، بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت