پەن خۇڭشياڭ: "مەركىزى ھۆكۈمەت ئالاھىدە رايون ئاساسىي قانۇنى مودېلىنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك"

بىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا،" ئوتتۇرا جەنۇب مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى"نىڭ دوتسېنتى پەن خۇڭشياڭنىڭ خىتايدىكى يەرلىك ئاپتونومىيە قانۇن بەلگىلىمىلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىنىڭ، دەسلەپكى بۆلۈمى، "خىتايدا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى قارارلاشتۇرۇلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى" قىسمىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ تەييارلىشىدا، ماقالىنىڭ داۋامى خىتايدا ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى خىتاينىڭ "ئاساسىي قانۇنى" ھەم "مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش" قىسمىنى ئاڭلايسىلەر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پەن خۇڭشياڭ ماقالىسىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا، خىتايدا ئاپتونومىيە دەپ ئاتالغان، ئەمما ھازىرغىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان 5 ئاپتونوم رايوننىڭ " ھوقۇق دائىرىسىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ھازىرقى دۆلەت تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پەن خۇڭشياڭ خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغان 60 يىل ئىچىدىمۇ، ھەرقايسى ئاپتونوم رايونلاردا، " ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆزىگە خاس يەرلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرىنىڭ تۈزۈلۈپ بولالماسلىقى ھەم جايلاردا ھەقىقىي ھالدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ھەققىدىكى سەۋەبلەرنى ئىزاھلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھەرقايسى ئاپتونوم رايونلارنىڭ يەرلىك قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنى تۈزۈپ چىقىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەققىدىكى لايىھىسىنى مۇنداق نۇقتىلارغا يىغىنچاقلىغان.

" 1 - ئالدى بىلەن " ئاساسىي قانۇن" ھەم " مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى"غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. يەنى ھازىرقى مەمۇرى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان، مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسى تۈزۈمىنى، قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ئاساسىدا قانۇنلاشتۇرۇلغان مەركەز ھەم يەرلىكنىڭ ھوقۇق دائىرىسى تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كېرەك. يەنى خىتاينىڭ ھازىرقى دۆلەت تۈزۈلمىسىدىكى "ئاۋۋال تەستىقلاش، ئاندىن يولغا قويۇشنى قارار قىلىش"تۈزۈمىنى، " ئاۋۋال ھەرقايسى جايلاردا سىناپ يولغا قويۇش، ئاندىن ئومۇملاشتۇرۇش" تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كېرەك."

ئاپتور ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ.

"بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ئىلگىرىكى يىللاردا يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدىغان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكىلەرنىڭ، ھەرقايسى ئاپتونوم رايونلار يوللىغان ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە نىسبەتەن، ئاۋۋال دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشنى ساقلاش، مەسىلىلەرگە پەقەت دۆلەت مەنپەئەتى نۇقتىسىدىنلا قاراپ، يەرلىكنىڭ تەلەپلىرىنى بىراقلا رەت قىلىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلارنىڭ بۇ خىل يەرلىك ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنى، ئۆز يېرىدە بىر مەزگىل سىناق قىلىپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، يەرلىك ئاپتونوم رايونلاردا دۆلەت بەلگىلىگەن قانۇن دائىرىسىدە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يەرلىك ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى بەلگىلەپ چىقىش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. يەرلىك بەلگىلىگەن قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى ئاۋۋال سىناپ يولغا قويۇش پۇرسىتى ياراتقىلى بولىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا خىتايدىكى " مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى " بارغانچە مۇكەممەللىشىپ، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىمۇ ئاساسىي قانۇن دائىرىسى ئىچىدە ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا خىتايدا ھازىر يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان " ئاساسىي قانۇن"دىكى ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. دۆلەتنى سىياسەت بويىچە ئەمەس، بەلكى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك."

" 2 - بۇندىن كېيىن مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ھەم مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە، خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەت بەلگىلىگەن " ئاساسىي قانۇن" ھەم " مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى"دىكى ماددىلارغا ئاساسەن، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قارار چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان، خەلق قۇرۇلتىيى قارار ئېلىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك باشلىقلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. "

"3 - مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ئاپتونوم رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدە، چوقۇم ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان ئورتاق مەيدان ھازىرلىنىشى كېرەك. "

ئاپتور بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى سەۋەبنى مۇنداق ئىزاھلىغان:

"مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ئاپتونوم رايونلار ئوخشىمايدىغان مەنپەئەت ئوبيېكتى. مەركىزى ھۆكۈمەت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھەر ۋاقىت پۈتۈن دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدۇ، ھالبۇكى يەرلىك ئاپتونوم رايون بولسا، ئاشۇ ئاپتونوم رايوننىڭ مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغان ئىكەن، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ھەم سىياسىي ھوقۇق مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان مەسىلىدە، مەركىزى ھۆكۈمەت يەرلىك ئاپتونوم رايونلارغا قارىتا سىياسىي جەھەتتىن ئىشىنىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەنپەئەت بېرىش، مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدە، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك بەرپا قىلغىلى بولىدۇ."

ئاپتور ماقالىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، بۇ 60 يىلدىن بۇيان خىتاي دۆلىتىدە، ھەرقايسى ئاپتونوم رايونلارنىڭ يەرلىك قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنىڭ تېخىچە تۈزۈلۈپ بولۇنماسلىقىنى ۋە يەرلىك ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى ئاپتونوم رايونلار تۈزگەن قانۇن - بەلگىلىمىلەرنىڭ "دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى"،" مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى"نىڭ تەستىقلىمىغانلىقى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

"ھازىرغىچە تالاش - تارتىش بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم مەسىلىلەردە مەمۇرى جەھەتتىن ھۆججەت چۈشۈرۈش، رۇخسەت بېرىش، بۇيرۇق چۈشۈرۈش، بىكار قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنلارغا خىلاپ ھالدىكى ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىدا ئىپادىلەنمەكتە. نەتىجىدە يەرلىك ئاپتونوم رايونلارنىڭ دۆلەتكە سۇنغان تەكلىپلىرى كۆپىنچە چاغلاردا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتمەي ئىجرا قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىدى!"

ئاپتور يەنە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە، خىتايدىكى ھازىرقى 5 ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنى بەلگىلەشتە، خىتايدىكى ئالاھىدە رايون دەپ ئاتالغان " خوڭكوڭ" ھەم " ئاۋمىن"دە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان" ئالاھىدە رايون ئاساسىي قانۇنى" مودېلىنى ئويلىشىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغان.

" ئەگەر كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى مەركىزى ھۆكۈمەت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىدىكى مۇھىم رەھبەرلەر، ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى ئاپتونوم رايونلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى بىرلىكتە، خوڭكوڭ ھەم ئاۋمىننىڭ يەرلىك ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، قالغان بەش ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك قانۇن - نىزاملىرىنى تۈزۈش ئىشىغا كىرىشسە، ئىشىنىمەنكى، مەملىكىتىمىزدە " يەرلىك ئاپتونومىيە قانۇن - بەلگىلىمىلىرى"نى تۈزۈش ئىشىنى 5 يىلغا قالمايلا تاماملىغىلى بولىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت