ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت

2006-05-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گۇەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى سەبىن ۋەلىت ئەپەندىم، ئۆتكەن ھەپتە ئالبانىيىگە بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ تىرانادىكى مۇساپىرخانىسىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى تۇيۇقسىزدىن ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى توغرا كۆرمىگەنلكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. سەبىن ۋەلىت 5‏ - ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان بوستۇن گلوب گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك شەرتلەر ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى زادى قانداق؟ نېمە ئۈچۈن سەبن ۋەلىت ئەپەندىم ئۇلار خەتەرلىك شەرتلەر ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ، دەيدۇ ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات سەبىن ۋەلىتنىڭ ياردەمچىسى، ئادۋوكات نىل ماگىرىگان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

سوئال: ھۆرمەتلىك نىل ماگرىگان ئەپەندىم. ئۆتكەن ھەپتە ئالبانىيىگە بېرىپ، گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بەش نەپەر ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەن سېبىن ۋەلىت ئۇلارنىڭ خەتەرلىك شەرتلەر ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى قانداق ؟ بۇ ھەقتە بىز بىرئاز مەلۇمات بېرەمسىز؟

جاۋاب: سېبىننىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەنلىكىدىن بىر ھەپتە ھەتتا بىر ھەپتىدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى. ئۇلار ئالبانىيىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر لاگىرىدا تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن بۇ لاگىر ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مۇساپىرخانا بولۇپ، سىياسىي پاناھلىق مەسىلىسى بىر تەرەپ بولغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ بۇ لاگىردىن چىقىشىغا رۇخسەت بىرىلمەيدىغان ئوخشايدۇ.

سوئال: دېمەك ئۇلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لاگىردىن ئەركىن چىقىپ-كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، شۇنداقمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق. بىزنىڭ ئىگىلىگەن ئاخىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئەركىن ئازادە لاگىردىن چىقىپ - ئىرىشگە رۇخسەت بېرىلمەيدىكەن.

سوئال: سېبىن ۋەلىت ئەپەندىم 5‏- ئاينىڭ 18‏-كۈنى بوستون گلوب گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئالبانىيىدە خەتەرلىك شەرتلەر ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ، دېگەن. سېبىن ئەپەندىم بۇ سۆزلىرى بىلەن نېمىنى ئىپادىلىمەكچى، بۇ ھەقتە بىر ئاز تەپسىلىرەك مەلۇمات بىرەمسىز؟

جاۋاب: مېنىڭچە بىر قانچە مەسىلىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان. بىرىنچىدىن، ئەگەر ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى ئالبانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلار تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئۆزلىرىگە پۈتۈنلەي يات بولغان ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناھايىتى ناچار بىر دۆلەتتە ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ يەنى ئۇلار ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە بۇ يېڭى جەمئىيەتكە ماسلىشىش جەھەتلەردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئۆزىنىڭ پۇقرالىرى ئىش تاپالماي يۈرگەن ئالبانىيىدە، تىل بىلمىگەن، بۇ جەمئىيەتكە يات بولغان ئۇيغۇلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنى قامدىيالىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئىككىنچى مەسىلە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئالبانىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەسىلىسى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالبانىيە ئۈستىدىكى بېسىمىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەم بىزنى ھەمدە ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ.

سوئال: ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بەش ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇۋىتىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟

جاۋاب: بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇنداق بىر ئېھتىمالللىقىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ؟ لېكىن بۇنىڭغا ئېنىق بىرنېمە دېيەلمەيمەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئالبانىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا ۋەدە ئالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما قولىمىزدا بۇ ھەقتە ئېنىق بىر مەلۇمات يۇق. مەن ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەيدىغانلىقىنى بىلەلمەيمەن.

سوئال: سېبىن ۋەلىت ئەپەندىم ئالبانىيە زىيارىتى جەريانىدا ئالبانىيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى. ئالبانىيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى قانداق ئىكەن؟

جاۋاب: ئالبانىيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ئۇلارغا كەلگەن پۈتۈن مەلۇماتلارنى كۆرۈپ چىقىپ، ئاندىن قانۇنلارغا ئاساسەن بىر ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئالبانىيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ئېنىق بىرنېمە دېمىگەن.

سوئال: ئالبانىيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى قوللىرىدىكى مەلۇماتلارنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارسا قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى جىددىي ۋە ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. لېكىن بىز ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. مەن ھازىرغىچە ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىقىنى قوبۇل قىلمىسا قانداق بولىدۇ، دېگەن مەسىلىنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. لېكىن ئالبانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى قوبۇل قىلماسلىق ھوقۇقى بار. بۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.

بەرگەن مەلۇماتلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ماگرىگان ئەپەندىم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت