تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر يىغىدا «ئالماتا خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى

2011-يىلى 10‏-ئاينىڭ 20-، 21-كۈنلىرى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى «ئەنقەرە» مېھمانخانىسىدا 1-نۆۋەتلىك تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى ۋە «ئالماتا خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2011-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر يىغىغا قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرى. 2011-يىلى 21-ئۆكتەبىر، ئالماتا.
تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر يىغىغا قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرى. 2011-يىلى 21-ئۆكتەبىر، ئالماتا.
AFP

بۇ يىغىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىقىنىڭ 20-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كومىتېتى تدİك تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەر ساھە ئومۇمىي جەھەتتە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان خەلقئارالىق بىر تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنى2009-يىلى تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلىكتە قۇرغان.

«جاھان» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىم ئالماتادا ئېچىلغان يىغىنىغا تۈركىيە، قازاقىستان، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشتى. ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان ۋەكىل ئەۋەتمىگەن.

ئالمۇتادىكى «ئەنقەرە» مېھمانخانىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىن قازاقىستان دۆلەت رەئىسى مىرسۇلتان نەزەربايۇفنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى.

نەزەربايۇف سۆزىنى باشلاشتىن ئىلگىرى تۈركىيىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلەرنى ئەيىبلەپ، تۈركىيە خەلقىگە تەسەللى بەردى. نەزەربايۇف سۆزىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

 دۇنيادا 200 مىليون تۈركىي خەلق بارلىقىنى ئىپادىلىگەن نەزەربايۇف، تۈركىي خەلقلەرنىڭ دۇنيا تارىخىغا ۋە مەدەنىيىتىگە بۈيۈك ھەسسە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى. نەزەربايۇف سۆزىدە يەنە، دۇنيادا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە سۆزىدە، قازاقىستاندا 140 مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئىنسانلارنىڭ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ساغلام بىر بىرلىك ئىچىدە مۇقىم بىر ئىرادە كېرەك، دېدى.

يىغىنغا قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نەزەربايۇفتىن باشقا يەنە ئەزەربەيجان دۆلەت رەئىسى ئىلھام ئەلىيۇف، قىرغىزىستان دۆلەت رەئىسى روزا ئوتۇنبايېۋا، تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ ۋەكىلى بەكرى بۇزداغ، تۈرك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى خالىل ئاكىنجى، تۈركسوي تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دۈسەن كاسىنوف، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى رامىل ھەسەنۇف، تۈركىي كومتېېتى ئاقساقاللار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى مىرزاتاي جولداشبېكوف قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.

يىغىنغا تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقان پارلامېنت ئەزاسى بەكرى بوزداغ ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيىنىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. بەكرى بوزداغ ئەپەندى سۆزىدە يەنە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر دۆلەتكە بىر تۈرلۈك ۋەزىپە يۈكلەنگەنلىكىنى بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئارا بېرىپ -كېلىشلەردە ۋىزا تەلەپ قىلىنماسلىق، دېدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ۋىزا ئالماستىن بېرىپ -كېلىش سەپەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنى ئاخىرلاشقاندا «ئالماتا خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.

قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نەزەربايۇف خىتابنامىگە ئىمزا قىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈتۈلگەن دەرىجىدە بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە ،يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەمما تۈركىيىنىڭ 20 يىل ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا پەقەت قۇرۇلۇش-بىكارلىق ۋە تەلىم -تەربىيە ساھەسىگە مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈردى. قازاقىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن تىجارەت سوممىسىنىڭ 30 مىليارد دوللار، خىتاي بىلەن 20 مىليارد، تۈركىيە بىلەن بولسا ئاران 1 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن نەزەربايۇف، بۇ سان ئۆز-ئارا ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋە  كەلگۈسىدە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، دۇنيادا يۈز بېرىش ئېھتىمالى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئىككىنچى قېتىملىق ئىقتىسادى كرىزىسقا تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپەت بىلەن ئورتاق ئىقتىسادىي تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىن تۈركىيە قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئاخباراتلىرىدا كەڭ تارقىتىلدى.

«مېدىيا» تۈرك تېلېۋىزىيىسى، «تەڭرىتاغلىرى تۈرك دۇنياسىغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا» دېگەن تېمىدا ئۇچۇر تارقاتتى.

تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى خېلىل ئاكىنجى ئەپەندى، ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىن توغرىسىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق چوڭ يىغىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كومىتېتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيىنىڭ تۈرك دۇنياسى يىغىنىغا ھەر ساھەدە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يىغىننىڭ تۈرك تارىخىدا ئېلىنغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن خېلىل ئاكىنجى ئەپەندى، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان يىغىنغا قاتناشمىسا تۈرك دۇنياسىنىڭ تولۇقلانمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بىر كۈنى ئۇلارنىڭ چوقۇم قاتنىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش كاتىپ خېلىل ئاكىنجى بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: مەقسىتىمىز ئەلۋەتتە تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىشىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۈرك دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ جەريانغا ساغلام بىر ئاساس تىكلەش كېرەك.

تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر مىنىستىرلىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك يىغىنى 2009-يىلى 10‏-ئاينىڭ 2-، 3-كۈنلىرى ئەزەربەيجاننىڭ ناھچىۋەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك يىغىنى 2011‏-يىلى 10-ئاينىڭ 15، 16-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت