خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ

2007-10-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۈرىشى باشلىنىپ، ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنى يوقۇتۇشى بىلەن ئافغانىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقى مەيدانغا كەلدى. ئىلگىرى- كېيىن ئافغانىستاندىكى باغرام، ئۆزبېكىستاننىڭ قارشى-خان ئاباد ۋە قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتىكى ماناس ئايرودرومىدا ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى قۇرۇلدى. ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستاندىكى بازا تاقالغان بولسىمۇ، بىراق ئافغانىستان ھەم قىرغىزىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ئەھۋال خىتاي ھەربىي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي تەسىرى ھەققىدە ھەر خىل تەھلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكا ئۆز بازىلىرىدا كۈچلۈك قوشۇن تۇرغۇزغان

گەرچە، ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ پەقەت تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەرگە ھېچقانداق تەھدىت سېلىش ئەمەسلىكى ئامېرىكا تەرەپتىن كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىنلا مەركىزىي ئاسىيا رايونىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن باغلاپ كەلگەن رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى بەرىبىر ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قاراۋاتقانلىقى تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بولۇپمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى باغرام ۋە قىرغىزىستاندىكى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى مەۋجۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرى بىلەن چېگرىداش جايلارغا ئورۇنلىشىشىنىڭ بېيجىڭ ئىستراتېگىيىچىلىرىنى بىئارام قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمدە مەزكۇر تەشكىلات رامكىسى ئاستىدا ۋە ئايرىم يوسۇندا ئەتراپتىكى پاكىستان، ھىندىستان، ئافغانىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان شۇنىڭدەك رۇسىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇنداقتا، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەزكۇر ئامېرىكا بازىلىرىدىن ئەندىشە قىلىدۇ؟ نېچى ئىسىملىك خىتاي مۇلاھىزىچىسىنىڭ "دۇنيا ئۇچۇر گېزىتى" دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، باغرام ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە، بۇ بازا داۋاملىق كېڭەيمەكتە. ئۇنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىشى ئامېرىكىنىڭ بۇ جايدا ئۇزۇن تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. باغرام بازىسى كابۇلدىن 47 كىلومېتىر، خىتاينىڭ غەربىي چېگرىسىدىن 700 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا بولۇپ، مەزكۇر جاي 80 - يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسىغا ئايلانغان ئىدى. دەسلەپتە، ئامېرىكا باغرام بازىسىغا ئۈچ مىڭ ھەربىي خادىم ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، كېيىن كۆپەيتىپ، يەتتە مىڭغا ، ھازىر بولسا 13 مىڭغا يەتكۈزگەن. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن ئافغانىستاندىكى ھەربىي خادىمى 25 مىڭدىن ئاشىدۇ.

خىتاي مۇلاھىزىچىسى نېچى ماقالىسىدە بۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ كېلىپ،" باغرام ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى شۇنىڭدەك ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگونىڭ غەربىي دەرۋازىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان چوڭ كۆلەمدىكى بازىسىدۇر" دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ بۇ يەردە ئايروپىلانلارنىڭ چۈشۈش ۋە ئۇچۇش يوللىرى، چوڭ ئىسكىلاتلار ۋە باشقا كۆپلىگەن ئەسلىھەلەرنى ياسىغان ھەم ئۈزلۈكسىز تۈردە رېمونت قىلىش ۋە كېڭەيتىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ يەرگە ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى جۈملىدىن " C-5 بويىن" ",747s بويىن" تىپلىق ھەربىي ئايروپىلانلار چۈشەلەيدۇ ھەمدە ئۇچالايدۇ. بۇ يەرگە يەنە كىنوخانا ، مۇنچا، پوچتىخانا، چېنىقىش ئۆيى قاتارلىق ھەر خىل كېرەكلىك ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان.

كېڭەيتىلگەندىن كېيىنكى مەزكۇر بازىغا ئادەتتىكى چاغلاردا A -10 تىپلىق ھۇجۇمچى ئايروپىلانلار، F-16 ، F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلار، AH-64 تىپلىق قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ھەم C-17 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلانلار بولۇپ، كۆپ خىل ھەربىي ئايروپىلانلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەزكۇر بازىسىنىڭ ۋەزىپىسى كابۇلنى قوغداش ھەمدە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشىنى قوللاش ھەم باشقىلاردىن ئىبارەت دەپ قارالغان.

"ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى كونترول قىلىش دۇنيانى كونترول قىلىشتۇر"

خىتاي ئانالىزچىسى نېچى ئۆز مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىگە خاس بولغان بىر قاتار قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ، ئامېرىكا بۇرۇندىنلا ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئورنى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قول سالالمىغان ئىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا بۇ پۇرسەتكە ئېرىشتى. شۇنداق قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى رېئاللىققا ئايلاندى.

ئافغانىستان جايلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىت بايلىقى مول بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىدۇر. ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپى رۇسىيە، شەرقىي تەرىپى جۇڭگو، غەربىي تەرىپى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. " ئەگەر كىم ئوتتۇرا ئاسىيانى كونترول قىلسا، شۇ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى كونترول قىلىدۇ، كىم ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى كونترول قىلسا، شۇ دۇنيانى كونترول قىلىدۇ" دېگەن ئەنگىلىيە ئىستراتېگىيىچىسىنىڭ يەكۈنلىرى بىلەن ئۆز پىكىرلىرىنى خۇلاسىلايدۇ خىتاي ئاپتورى نېچى.

ئۇ يەنە، "باغرامدىن ئۇچقان F-15 E تىپلىق ئامېرىكا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى 20 مىنۇتتىلا خىتاينىڭ غەربىي چېگرىلىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا يېتىپ كېلەلەيدۇ" دەپ يازىدۇ شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ B-52H ، B-1B ۋە B-2 قاتارلىق يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئون مىڭ كىلومېتىرغا ئۇچالايدىغانلىقى ھەم باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە يادرو قوراللىرى ئىشلىتىپ ئۇرۇشالايدىغانلىقى، بۇلاردىن قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ رۇسىيىنىڭ جەنۇبى ۋە خىتاينىڭ غەربىي قىسىملىرى شۇنىڭدەك ھىندى ئوكيان رايونىغا يېتىپ بېرىپ، ئۇلارغا تەھدىت پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەلۋەتتە، ئاپتور قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ مەزكۇر بازىنىڭمۇ ئوخشاشلا خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولسا كېرەك (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت