ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتايغا قاتتىق ئىقتىسادى سىياسەت قوللىنىشقا ئالاقىدار بىر قانۇن لايىھىسىنى تونۇشتۇردى

خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسى ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك تېمىلارنىڭ بىر بولۇپ، كەلمەكتە ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئەگەر خىتاي ئوز پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەڭشىمىسە خىتايغا قارىتا جازا قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-03-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻠﺎﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﮪﯩﻠﺎﺭﻯ ﻛﯩﻠﯩﻨﺘﻮﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ - ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﻮﺩﺍ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻠﺎﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﮪﯩﻠﺎﺭﻯ ﻛﯩﻠﯩﻨﺘﻮﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ - ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﻮﺩﺍ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ
AFP Photo

مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتايغا قاتتىق ئىقتىسادى سىياسەت قوللىنىشقا ئالاقىدار بىر قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر لايىھىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىنى ئېچىلىدى.

بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىگە قارشى تونۇشتۇرۇلغان قانۇن لايىھىسىنى ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پالاتا ئەزاسى چارلېز سكۇمېر ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان لىندسېي گراھام قاتارلىقلار بىرلىكتە تونۇشتۇرغان.

بۇ بىر بۆلەك دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا تونۇشتۇرغان قانۇن لايىھىسى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئامېرىكىنىڭ خىتاي پۇل سىيىتى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلدى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئىككى يىغىن جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا خىتاي پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ ئۆتكەن بىر نەچچە يىل جەريانىدا 20 پىرسەنت ئۆسكەنلىكنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن كۆپ ساندىكى ئامېرىكا مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى 25پىرسەنتتىن 50 - پىرسەنتكىچە تۆۋەن تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل كونترول قىلىش سىياسىتى خىتاي شىركەتلىرىنى باھا، ۋە چېگرا بېجى جەھەتلەردە ئادالەتسىز ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان.

ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى پائۇل كرۇگمان خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " بۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يەردىكى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرۇلغاندا ئەڭ بۇرمىلانغان ئالماشتۇرۇش قىممىتى سىياسىتى. ھەمدە بۇ سىياسەت دۇنيانىڭ قالغان قىسمىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتماقتا".

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 15 - ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئائىت بىر دوكلات ئېلان قىلىدۇ. 15 - مارت دۈشەنبە كۈنى دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان 130 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى تىمىتي گايتنېرغا مەكتۇپ يوللاپ بۇ نۆۋەتلىك دوكلاتتا خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: " خىتاينىڭ پۇلنى كونترول قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەلگۈسى ئىقتىسادى كرىزىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىڭ بىرى".

مەكتۇپتا يەنە خىتاي بىلەن خىتاي پۇل سىياسىتى ھەققىدە دىئالوگ ئېلىپ بېرىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: " ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ تاشقى پېرېۋوت ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلىشى سىياسىتى ھەققىدە خىتاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك". بۇ نۆۋەت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىگە قارشى تونۇشتۇرغان قانۇن لايىھىسىمۇ، ئوباما ھۆكۈمىتىنى خىتاينى پۇل سىياسىتىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت قاتارىغا تىزىشقا مەجبۇرلايدىكەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قانۇن لايىھىسىنى چارلېز سكۇمېر، لىندسېي گراھام، دەببى ستابېنوۋ، شېررود بروۋن سەم بروۋنبەك قاتارلىق دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئەزالىرى بىرلىكتە تونۇشتۇرغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامامۇ ئامېرىكا ئېكسپورت مىقدارىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينى ئوز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە دەۋەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: " خىتاينىڭ ئۆز پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى بازار ئارقىلىق تەڭشەشكە يۈزلىنىشى دۇنيا خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەڭشەشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ".

ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس كرۇگمان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئوز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كونترول سىياسىتى دۇنيا ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىگە توسالغۇ بولماقتا ئىكەن.

مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇتەخەسسىسلەر ئەگەر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى ھەققىدە خىتايغا قاتتىق مۇئامىلىدە بولسا، بۇ خىل سىياسەت دۇنيا خاراكتېرلىك قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت