ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ رولى ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىرىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا 2010 ‏- يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ بىر يىلدا خىتاي، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلاشقانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بىخەتەرلىك جەھەتتىكى كونترول ۋە تەقىبنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تۇتقۇنغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىز - دېرىكى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-10-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺭﺍ ﺋﺎﺑﺮﺍﻣﺴﻮﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ. ( ﺳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ)
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﺎﺭﺍ ﺋﺎﺑﺮﺍﻣﺴﻮﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ. ( ﺳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ)
RFA Photo / Erkin


ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ خىزمەت بىناسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىرىپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى تونۇشتۇردى.

يىغىندا كومىتېت خادىملىرى تەرىپىدىن نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىدۇر. بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھەققىدىكى 2010‏ - يىللىق دوكلاتى ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان بولۇپ، خىتاي ئىشلار كومىتېتى دوكلاتتا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن.

ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﻳﯘﻣﯘﻻﻕ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ  ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﻳﯘﻣﯘﻻﻕ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. RFA Photo / Erkin

دوكلاتتا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ناچارلاشقانلىقىنى، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2009‏ - يىلى 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەر جەھەتتىكى نازارەتچىلىك ۋە تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئىز ‏ - دېرىكى يوقلۇقىنى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى"دىن كېيىنمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشقا پايدىسىز سىياسەتلەرنى ئىزچىل يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چارشەنبە كۈنكى يىغىن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللاردىن ئىلگىرىلەپ مەلۇمات بېرىشنى چىقىش قىلغان بولۇپ، يىغىندا خىتاي ئىشلار كومىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن كارا ئابرامسون، ستېف مارشېل، لاۋرېنچې ليۇ، دوگلاس گروب قاتارلىق شەخسلەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، جەمئىيەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسى، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ۋە تەرەققىياتىغا دائىر بىر قاتار مەسىلىلەرنى مەركەزلىك شەرھلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سودا ئىشلىرىدا قانۇننىڭ رولى، ئىشچىلار ھوقۇقى، جىنايى ئىشلار سوتىدىكى ئادالەت مەسىلىسى، مۇھىت، دىنىي مەسىلىلەر، ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ئادالەتكە ئېرىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە دائىر ۋەزىيەتتىكى مۇھىم يۈزلىنىشلەر ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ خادىمى كارا ئابرامسوننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا قەيت قىلىنغان 2010‏ - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىلگىرىلەپ ناچارلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تور بەتلىرى چەكلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىخەتەرلىك ھەرىكىتى كەڭ كۆلەملىك قانات يايدۇرۇلغان.

كارا ئابرامسون مۇنداق دەيدۇ": ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 2010 ‏ - يىللىق ‏ دوكلات مەۋسۇمىدا ئىلگىرىلەپ ناچارلاشتى. بۇ دوكلات 2009‏ - يىلى 5‏ - ئىيۇلدا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر نامايىشى ۋە مىللىي توقۇنۇشىدىن كېيىن دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان تۇنجى دوكلات. 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئەگىشىپ، دائىرىلەر رايوندا بۇرۇن مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان كونتروللۇقنى يولغا قويدى شۇنداقلا خەلققە قاراتقان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تور بەتلىرىنىڭ مەشغۇلاتىنى بۇ يىل 5‏ - ئايغا قەدەر چەكلىدى."
 
كارا ئابرامسون خانىم دائىرىلەرنىڭ ئۇچۇرنى كونترول قىلىپلا قالماي، بىخەتەرلىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق تىنچ ھەرىكەت قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى نىشانغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى 2001‏ - يىلى قۇرۇلغان بىرلەشمە كومىتېت بولۇپ، كومىتېتنىڭ ۋەزىپىسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە جەمئىيەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى كۆزىتىش ھەم ھەر يىلى پرېزىدېنت ۋە دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات يوللاپ، تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشتۇر. كېڭەش پالاتا ئەزاسى بايرون دوگان ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ساندېر لەۋىننىڭ قوش رەئىسلىكىدىكى مەزكۇر كومىتېت 2000‏ - يىلى سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتون تەرىپىدىن ماقۇللانغان بىر قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىنكى ھەر تەرەپلىمىلىك ۋەزىيىتىنى كۆزىتىشكە ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن ئىدى.
 
چارشەنبە كۈنكى يىغىندا، كارا ئابرامسون ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغاندىن سىرت، يىغىندا دوكلات بەرگەن مۇتەخەسسىسلەردىن ستېف مارشال تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تونۇش ۋە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى تەييارلىغان 340 بەتلىك دوكلاتتا، تىبەت ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە يەر بېرىلگەن ئىدى. ستېف مارشالنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىنىڭ نىشانى " تاشقىرىدا دالاي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنى يېتىم قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئىچكى جەھەتتە دالاي لامانىڭ تىبەت خەلقى ئارىسىدىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش " تىن ئىبارەت. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تىبەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۈچىيىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئازىيىشىغا يول ئاچقان.

چارشەنبە كۈنكى يىغىندا خىتاي ئىشلار كومىتېتىدىن كارا ئابرامسون خانىم يەنە، 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېغىر جازاغا تارتىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە قەدىمىي شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىرلاشقانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى چېكىنىش بىخەتەرلىك، قانۇن، دىنىي، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئېغىرلىتىپ جازالاش قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆرۈلۈپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، قەشقەردىكى قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنىڭ چېقىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە شەھەر مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش جەھەتلەردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ئىشلار كومىتېتىدىكى خادىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر تىڭشىغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. كارا خانىم بىر تىڭشىغۇچىنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى سوراپ، كومىتېتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى دوكلاتىدا بۇ مەسىلىگە يەر بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

كارا ئابرامسون خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتى يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، لېكىن بۇ قېتىمقى دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمى مەخسۇس ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىشكە قارىتىلغان. بۇ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتتا تىلغا ئېلىنماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.



 

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت