ئامېرىكا ئەمەلدارى: 'خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىدىمۇ؟'

5 - فېۋرال جۈمە كۈنى خىتاينىڭ سودا مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توخۇ گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى توخۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگىنى ئۈچۈن، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توخۇ مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ توخۇ گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-02-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ،  ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﻰ ﺩﺍﯞﯨﺪ ﺳﺨﯧﺌﺎﺭ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﻰ ﺩﺍﯞﯨﺪ ﺳﺨﯧﺌﺎﺭ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ.
http://www1.voanews.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﻨﺪﻯ.

ئوخشاش بىر كۈندە ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى "ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋىتى ھەم بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىسپات بېرىش يىغىنى" ئېچىلىپ، ئامېرىكا ‏ - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىندى.

خىتاي سودا مىنىستىرى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توخۇ گۆشلىرىگە چەكلىمە قويۇش قارارىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ 2 - ئاي ئىچىدە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى قارار قىلىشى ھەم ئوبامانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە قاتتىق قول بولۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى نەتىجىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا قارىتا نارازىلىق باياناتى بەرگەن مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارىدا، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توخۇ گۆشى مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنى ئەسلىدىكى 43.1% تىن 105.4% كە كۆپەيتىش، ھەم 13 - فېۋرالدىن باشلاپ، توخۇ گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدىغان سودىگەرلەردىن يۇقىرى نىسبەتتىكى كاپالەت پۇلى ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تۈنۈگۈن ئامېرىكا پارلامېنتىمۇ ۋاشىنگتوندا، "ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋىتى ھەم بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىسپات بېرىش يىغىنى" ئېچىپ، ئامېرىكا ‏ - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. يىغىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ ئوكيان شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسئۇلى، دۆلەت ئىشلىرى ياردەمچىسى داۋىد سخېئار ھەم ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى ياردەمچىسى روبېرت سچېر ئامېرىكا ‏ - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سودا ھەم بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە ئىسپات بەردى.

دۆلەت ئىشلىرى ياردەمچىسى داۋىد يېقىنقى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىشلارغا قارىتا ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئېغىر تىپتىكى قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسىگە قارىتا، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ. بىز خىتاينىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى كۆزىتىۋاتىمىز. لېكىن ھازىرقى خىتاينىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، خىتاي ئامېرىكىنىڭ قورال شىركەتلىرىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. بىز ھازىرغىچە خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە كونكرېت بىر ئەمەلىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى كۆرمىدۇق، شۇنداقتىمۇ بىز داۋاملىق كۆزىتىمىز. ئەگەر خىتاي، ئامېرىكا شىركەتلەرگە قارىتا راستىنلا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارسا بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ."

دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى روبېرت سچېرمۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى مەنپەئەتىنى قوغداش ھەم رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، ئۇندىن باشقا ئىقتىسادى جەھەتتە بۇ دۆلەتلەرگە مەنپەئەت بېرىپ، رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي دۆلەت ئىچىدە 1 - دىن كومپارتىيىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز خەلقىگە نىسبەتەن دېموكراتىيىنى چەكلەۋاتىدۇ؛ 2 - دىن دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاشقى سودىدا دۇنيا بازىرىنى ئىگىلەپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ؛ 3 - دىن ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىقىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ؛ 4 - دىن خەلقئارادا خىتاينىڭ كۈچلۈك دۆلەت ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشىۋاتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

دۆلەت ئىشلىرى ياردەمچىسى داۋىد خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئامېرىكىغا قاراتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتە ئىشنى ئاۋۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدىن باشلايدىغانلىقىنى، بەلكى يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە بولۇشى مۇمكىن،" دېدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى بىر يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىملىق سۈركىلىش ئىچىدە داۋاملىشىۋاتماقتا ئىكەن. يەنى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي مۈلك مەھسۇلاتلىرىدىن، كىتاب، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى، كىنو بازىرىدىكى تالاش - تارتىش؛ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن بالونلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتىش، خىتايدا ئىشلەنگەن ھايۋانات يېمەكلىكلىرىگە چەكلىمە قويۇش، خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ھەم كۆپلىگەن تاۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسىدە خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىش؛ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش تەلىپى قاتارلىقلار خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتايمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا باجنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بولۇپمۇ يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان گوگۇل شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىش قارارىنى ئېلىشى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كىلىنتوننىڭ خىتاينى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىشى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى، ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى قارار قىلىشى قاتارلىقلار ئەسلىدىنلا يىرىكلىشىشكە باشلىغان ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىدە يامان ۋەزىيەت پەيدا قىلىشقا باشلىغان. بۈگۈن خىتاي سودا مىنىستىرى ئوتتۇرىغا قويغان "ئامېرىكىنىڭ توخۇ مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چەكلىمە قويۇش" تەدبىرى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

بۈگۈن ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىسادى سىياسەت دوكتور كاندىداتى، ئامېرىكا ستەيىن سترېئېت بانكىسىنىڭ سابىق بازار ئانالىزچىسى پەرھات بىلگىن ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئامېرىكا - خىتاي ۋەزىيىتىدە يامانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بۇنىڭ ئىپادىلىرى ئالدى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت