ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسى دوكلاتى ئېلان قىلدى

2008-03-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

HumanRightReport-150.jpg
11- مارت سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا خىتاينىڭ 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچار پېتى تۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. Source: http://www.state.gov/

11- مارت سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتنىڭ 2007- يىلىدىكى كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچار پېتى تۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

"خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر مۇستەبىت دۆلەت "

دوكلاتنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسىمى 139 بەتلىك بولۇپ بۇ قىسىمدا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسىگە باھا بېرىلگەن ھەمدە " خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىر مۇستەبىت دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا خىتاي كومپارتىيىسى ئەڭ ھوقۇقلۇق پارتىيە دەپ تەكىتلەنگەن" دەپ كۆرسىتىلىپ، خىتايدىكى ھۆكۈمەت، ساقچى ۋە ھەربىيدىكى ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلارنىڭ خىتايدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىنىڭ بېشىدىلا خىتاينىڭ 2007- يىلىدىكى كىشىلىك ھوقوقى خاتىرىسىنىڭ ناچار ھالەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەندىن باشقا يەنە، سۆز پىكىر ئەركىنلىكى، ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ۋە: " ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەدەنىي ۋە دىنىي جەھەتتىن قاتتىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولسا، تىبەتتە دىنىي ئەركىنلىكنى تېخىمۇ بوغدى" دېيىلگەن.

" ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن جازالاش ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى"

دوكلاتتا خىتايدىكى "سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز ئۆلتۈرۈش، جىنايەتچىلەرنى قىيناپ، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش" قاتارلىق شەكىلدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى كۆرسىتىلگەن ھەمدە " خىتاي ھۆكۈمىتى يازغۇچى ۋە مۇخبىرلارنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، ئاقلىغۇچى ئادۋوكات ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى كۆزىتىش، زورلۇق ئىشلىتىش، تۇتۇپ تۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ۋە قانۇن ئاستىدا ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشقا ئۇرۇنغانلارنى باستۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى" دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن جازالاش ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2007- يىلىدا يەنە قەستەن ۋە قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكى، 2007- يىلى 5- يانۋاردا پامىر ئېگىزلىكىدە 18 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ 17 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتنىڭ يوقلۇقى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

خىتايدا سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ 2007- يىلىدا تۈرمىدە ياكى باشقا شەكىلدىكى رېجىمغا ئېلىش ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئىلىدىن توختى تۇنىياز ۋە دىلكەش تىلىۋالدىلارنىڭ بارلىقى، خىتايدا سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمىدە مۇددىتىنى قىسقارتىش ۋە كېپىللىك بىلەن قويۇپ بېرىشكە ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

"ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى"

دوكلاتتا ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ 2001- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرغانلىقى كۆرسىتىلىپ: " ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2001 بولۇپمۇ، بۇ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئېتنىك مىللەت ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى" دېيىلگەن بولۇپ، بۇ يىل يانۋاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىشكە رىغبەتلەندۈرگەنلىكى مىسال قىلىنغان.

بۇ بۆلەكتە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ يوسۇندا سىياسىي نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە دىنىي رەھبەرلەرنى بەزى ۋاقىتلاردا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن باستۇرۇپ كەلگەنلىكى بېرىلگەن بولسا، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقى، ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئىسمائىل سەمەتنىڭ "دۆلەتنى پارچىلاش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە جازاسىغا تارتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

"خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى"

دوكلاتتا ئۆتكەن يىلىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قايتالماي سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرى قاھار، ئابلىكىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنى قاماققا ئالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىللىق ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بارىدىغان نەشر ۋە ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ساقلاشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ھەمدە شۇنداق ماتېرىياللارنى ساقلىسا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە 2005- يىلىدا ئۇيغۇر مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان شائىر ئابدۇللا جامالنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى تىنچ يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر يازغۇچىلاردىن توختى تۇنىياز، ئابدۇخېلىل زۇنۇن، ئابدۇغەنى مەمتىمىن، نۇرمەمەت ياسىن ۋە كۆرەش ھۆسەيىن قاتارلىقلارنىڭ تېخىچە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۆتكەن يىل جەريانىدا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكەتلەرنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتا زۆرۈر دەپ ئاقلاپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە زوراۋانلىق ئىشلىتىپ تەھدىت سېلىشنى ئامانلىق ساقلاشتىكى چارە سۈپىتىدە يەرلىك ئاھالە ۋە شۇ رايوننى زىيارەت قىلغان چەت ئەللىكلەرگە ئىشلەتكەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادى يۈكسىلىش ۋە مەنپەئەتلەردىن يەرلىكلەردىن كۆرە خىتايلارنىڭ ئەڭ كۆپ مەنپەئەتلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

كاندىلىزا رايس : "دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى ئۆز دۆلەتلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى"

11- مارت چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا سۆزگە چىققان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىم گەرچە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەممە ئادەمگە ئورتاق نەرسە بولسىمۇ، ئەمما يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆز ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ:. گەرچە بۇ ئارزۇ- تىلەكلىرى ھەممەيلەنگە ئورتاق بولسىمۇ، ئەمما ئېچىنىشلىق يېرى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى ئۆز دۆلەتلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى" دېدى.

ئۇ يەنە، نۇرغۇن دۆلەتلەردە كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ جازاغا تارتىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئەشۇ جەسۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بەل قويۇۋەتمەي تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە " ئۇلار ئۆز ۋەتەنداشلىرىغا جۈملىدىن ھەممىگە ئىلھام بېغىشلايدۇ" دېدى.

" كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى توختاتمىسىلا، ئۈمىد دېگەن ئەنە شۇ"

ئۇ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەممە رايونلىرىدا مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەرمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ " بەلكىم ئۆزگىرىشكە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئەمما ئۆزگىرىش چوقۇم بولىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلار كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرىسال قىممەت قارىشى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشنى توختاتمىسىلا، ئۈمىد دېگەن ئەنە شۇ" دېدى.

گەرچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينى ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت قاتارىغا تىزىملىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلدىكى كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ۋە ناچار ھالەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خىتاي ئامېرىكىنىڭ 2005- ۋە 2006 - يىللىق دوكلاتلىرىدا دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايغا قارىتىلغان قىسىمىدا، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەر تەرەپتىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئىنتايىن تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بىز بۇ قېتىملىق پروگراممىمىزدا دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان قىسمىنىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق. (جۈمە)‏

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت