ئامېرىكا - ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسى تەتقىقات سېپىگە ھازىر ئاۋسترالىيە قېتىلدى

2007-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە 2003 ‏- يىلى 12 ‏- ئايدا ئامېرىكا - ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇيىل 3 ‏- ئايدا ياپونىيە بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى. ياپونىيىدە چىقىدىغان ئاساخى شىنبون' گېزىتىنىڭ 5 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى بايان قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھازىر ياپونىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ئىش بىجىرىشكە باشلىغان.

بۇنىڭدىن كېيىن بۇ دۆلەتلەر ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا دائىر بىخەتەرلىك سېستىمىسى بۇيىچە سانلىق ئۇچۇرلاردىن تەڭ پايدىلىنىدۇ ۋە بۇنىڭغا دائىر خىزمەتلەرنى تەڭ بىجىرىدۇ. ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى ئورتاق مۇداپىئە سېستىمىسى 2015 ‏- يىلىدىن بۇرۇن تاماملىنىشى كېرەك.

ياپونىيە بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ سەزگۈر نوقتىسى تەيۋەن

5 ‏- ئاينىڭ بېشىدا، ئامېرىكىدىكى مونتېلير خەلقئارالىق مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە "ياپونىيە ئامېرىكا ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ كۈندىن -كۈنگە ئېشىۋاتقان ھەربىي كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمما خىتاي ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى قۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. چۈنكى خىتاي بۇ سېستىما ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى ئىبرەتلەندۈرۈش كۈچى' نىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ" دەپ بايان قىلىنغان ئىدى.

'ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى' ھەپتىلىك گېزىئىتىدىمۇ "خىتاي دېڭىز بۇيىدىكى رايونلاردا تەيۋەنگە قارىتا مىڭدىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى. خىتاينىڭ بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى نىشانلاۋاتقان رايونلار ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاراللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا تەيۋەن ئۆزىنى ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ 'كۈنلۈكى' ئاستىدا دەپ ھېس قىلىدۇ" دەپ بايان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ۋېلسۇن تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان مۇلاھىزىدە بولسا " تەيۋەننىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمىدىكى ئورنى مەسىلىسىدىن ئىبارەت بۇنداق ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلىنى ئامېرىكا تېخىچە تىلغا ئالغىنى يوق. ياپونىيىنىڭ شىنزو ئابې ھۆكۈمىتىمۇ، يېقىندا تەيۋەن مەسىلىسىدىن ئۆزىنى چەتكە تارتىش ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىدى. ئەمما خىتاي ھازىرغا قەدەر تەيۋەننىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ رادار سېستىمىسى دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولماقتا" دەپ بايان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىكى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە سېستىمىسى

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئاراللىرىدا ھازىر ئامېرىكىنىڭ پاك - 3 بەلگىلىك، يەنى يەر يۈزىدىن ھاۋا بوشلۇقىغا ئېتىلىپ چىقىپ كېلىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇۋالىدىغان ئىلغار ۋەتەنپەر ئۈچ بەلگىلىك مۇداپىئە سېستىمىسى بار.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سم - 3 بەلگىلىك ھۇجۇم سېستىمىسى، يەنى دېڭىزدىن ھاۋا بوشلۇقىدىكى ياكى يەر يۈزىدىكى نىشانلارنى پاچاقلايدىغان ئۆلچەملىك ئۈچىنچى ئەۋلات باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىسى بار.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئاۋسترالىيە قاتناشقان ئامېرىكا-ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسى ئۈستىدىكى تەتقىقات ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ مۇداپىئە سېستىمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

سىنتارو ئىشىخارا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ھازىرلا يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشى لازىم

5 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى، ئامېرىكا-ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سېستىمىسى تەتقىقات سېپىگە ئاۋسترالىيە قېتىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، توكيونىڭ شەھەر باشلىقى سىنتارو ئىشىخارا ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى توغرىسىدا توختىلىپ "خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغىچىلا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئەگەر شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا مەسىلە چىقسا، خىتايدا جەمئىيەت قالايمىقانلىشىدۇ، ئۇ چاغدا خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تەيۋەنگە ياكى سەنكاكۇ ئاراللىرىغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئۆزگە يول قالمايدۇ.

ئەگەر ياپونىيىنىڭ سانكاكۇ ئاراللىرى خىتاينىڭ ھەربىي تەۋەككۈلچىلىكىگە دۇچ كەلسە، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھازىر كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، ئۇرۇشنىڭ بىر تەرىپىدە 70 مىليون خەلقنى قىرىپ تاشلىغان ماۋزېدۇڭنى دۆلەت ئاتىسى دەپ چوقۇنىدىغان كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تۇرسا، ئۇرۇشنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، ئىراقتا ئۈچ مىڭ ئادىمى چىقىم بولسا ئۇرۇشتىن تەۋرىنىۋاتقان ئامېرىكا تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ياپونىيە چۇقۇم ھازىرلا يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشى لازىم" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.(ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت