ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى

7 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتىدا "خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش" تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.house.gov ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بىز بۇ ھەقتە ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا نەق مەيداندىن مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە خىتاينىڭ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان بىر قىسىم سىياسەتلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى سىلەرگە سۇنۇمىز.

7 - ئۆكتەبىردىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭتون ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

پروفېسسور بوۋىڭتون ئەپەندى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ، گەرچە بۇ ھەقتە كونكرېتنى بىر سەۋەبنى كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ، ئەمما "26 - ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى" نىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنمۇ قايغۇ- ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ئېغىر نارازىلىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پروفېسسور بوۋىڭتون ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى ' 5 - ئىيۇل ۋەقەسى'نى ' تېررورلۇق، ئۇرۇش، چېقىش ۋە بۇلاش ۋەقەسى' دەپ سۈرەتلەپ، بۇنىڭغا قارىتا ساقچى ۋە ئەدلىيە جەھەتتە قوللانغان قاتتىق ۋاسىتىلىرىنى ئاقلىدى."

پروفېسسور بوۋىڭتون يەنە، ئۇيغۇر ئېلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەسىيىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆرسەتتى: "ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 2008 - ۋە 2009 - يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بۇرۇنقىدىن ياخشىلانمىدى. ئەمەلىيەتتە ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ناچارلاشتى."

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئارىدىن 3 ئايدىن كېيىنمۇ، تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ يەنىلا قامال قىلىنغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار دېگەن گۇمان بىلەن قالايمىقان ئادەم تۇتقانلىقىنى، ئادۋوكاتلارنى ۋەقەگە ئالاقىدار دېلولاردىن نېرى تۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ھەمدە ۋەقەنى "بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچىلىق" بىلەن باغلاپ، جاۋابكارلارنى ئادىل سوت قىلىنىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دەرۋەقە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئاساسلىقى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىمۇ بۇ يىل ئىيۇل بېشىدا ۋەقەگە ئالاقىدار ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ياشلارنىڭ بىر قىسمىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ۋە بىر قىسمىغا ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي تۈرمىلىرىدە يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلارنىڭ قاماقلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر خىل قىيىن - قىستاقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە بەزىلىرىنىڭ ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جون كامم ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تۈرمە مۇددىتىنى قىسقارتىش ۋە جىنايىتىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرمۇ ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىگە بۇ خىل پۇرسەتنى بەرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جون كامم ئەپەندى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە باغلاپ تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ: "ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتە مەن نامايىش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىۋاتىمەن ۋە قارشى تەرەپكە بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلەتمەكتىمەن. ئۇلار ھېچ بولمىغاندا توغرا يۈزلىنىشكە قاراپ مېڭىش كېرەك. مەن بۇ ھەقتە قارشى تەرەپكە مۇراجىئەت قىلماقتىمەن."
 
جون كامم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەك خۇپىيانە ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ھەققىدە ھېچقانداق ساناقلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى بەك سىياسىيلاشتۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەت تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى يەنە داۋاملىق تۈرمىدە تۇرۇپ تۇرسا، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بەكلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە مۇنداق دېدى: كۆپ ساندا يەرلىك ئادەملەر سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلانسا، بۇ ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت ئۈچۈن خەتەرلىك. كىشىلەر نامايىشىنى تىنچ يوسۇندا باشلىغان ئىدى. مەن ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە تىنچ يوسۇندا نامايىش قىلغان كىشىلەرنى جازالاش، ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك دەپ قارايمەن.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قولغا ئالغاندىن سىرت يەنە، كىشىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغان بەزى بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى بەلگىلىمىنى چىقىرىش بىر قىسىم كىشىلەردە، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچىدىن تازىلىۋەتمەكچىمۇ؟" دېگەندەك گۇمانى قاراشلارنى تۇغدۇرغان ئىدى. ھالبۇكى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور بوۋىڭتون ئەپەندى ئۈرۈمچىدىن ئۇيغۇرلارنى تازىلاش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بوۋىڭتون ئەپەندى مۇنداق دېدى: "مەنچە بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن. چۈنكى ئۇلار 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچىدىن تازىلاش پۇرسىتى سۈپىتىدە قوللىنىدىغان بولسا، يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان بولاتتى. ھازىر ئۈرۈمچىدە مىليون ئۇيغۇر يوق دېگەندىمۇ، يەنە نەچچە يۈز مىڭ ئۇيغۇر بار. شۇڭا بۇ بەك ئاستا ۋە ئۈنۈمسىز ئۇسۇل."

ئۇ يەنە، ئەگەر بەزى كىشىلەر ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىجارىگە ئالماقچى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشنى تەكشۈرۈپ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىش رۇخسەتنامىسى بېرىش چارىسىنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭمۇ ئىنتايىن كىچىك دائىرىدە چەكلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، يەنىلا ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچىدە ياشاشتىن چەكلەپ قالالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت