ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى

2006-04-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش كۇمكىنچىلىكى بولغان يۈسۈپ قادىر توختى ۋە ئابدۇقادىر سىدىقلار ھەققىدىكى باياناتىدا، بۇ كىشىلەر خىتايغا قايتۇرۇلسا تەن جازاسى ياكى يامان مۇئامىلىگە ئۇچراش، ئەگەر ئاتالمىش "جىنايىتى ئېغىر،" دەپ قارالسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپى مەۋجۇت، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

خىتايغا قايتۇرۇلۇشنىڭ خەۋپى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستاندىن بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن.

باياناتتا، "قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ يۈسۈپ قادىر توختى ۋە ئابدۇقادىر سىدىقلارنى خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز ۋە ئۇلار خىتايدا تەن جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن،" دەپ تەكىتلگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى،" قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنى مەجبۇرى قايتۇرۇۋەتمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئادۋۇكات تۇتۇشىغا يول قويۇشىنى چاقىرىمىز،" دەيدۇ.

مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مېكىي سپېيگىل، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇقى زىيانەكەشلىككە ئۇچراش خەۋپى ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماقتا.

مېكىي سپېيگىل "قازاقىستان ھۆكۈمىتى مۇساپىرلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ۋە ئادىل سوتلىنىش مۈمكىنچىلىكى بولمىغان بىر دۆلەتكە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرماسلىقى كېرەك،" دەيدۇ.

قولغا ئېلىنىش جەريانى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۈسۈپ قادىر 1996 - يىلى خىتايدىن ئايرىلىپ قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىن بۇ يەردە دىنىي تەلىم تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان ۋە بۇ يىل 8 - مارت كۈنى قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئابدۇقادىر سىدىقنىڭ قازاقىستان چېگرا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قازاقىستانغا ئۆتۈۋاتقاندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە چېگرىدىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىپلەنگەن تۇتقۇننىڭ 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئابدۇقادىر سىدىق مەملىكەتتىكى چېغىدا سىياسى ئاكتىپچانلىقى ۋە كۆز قارىشى، پىلانلىق تۇغۇت، ھاشار ئەمگىلىكى، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن 2 ئاي تۈرمىدە ياتقان ۋە بۇ جەرياندا تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقتىن يۇرتىنى تەرىك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان.

قازاقىستان ئەلچىخانىسى جاۋاب بەرمىدى

قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئىككى مۇساپىرنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ باقمىدى.

قازاقىستاننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلەچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى بۇ مەسىلىگە باھا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تېلېفونىمىزنى ئالغان قازاقىستان ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسى ۋە ئاخبارات ئىشلىرىغا جاۋاپكار بىر ئەمەلدارى، "بۇ مەسىلىگە باھا بېرەلمەيمەن. قاچقۇنلار توغرىسىدا مېنىڭ مەلۇماتىم يوق،" دەيدۇ.

ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تەقدىرى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا

كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنكى باياناتىدا، قازاقىستان دائىرىلىرىنى ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى بېجا كەلتۈرۈشكە چاقىرىپ، "ھەر قانداق كىشىنى خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇۋېتىش، ئەھدىنامىدىكى مۇساپىرلارنى مەجبۇرى قايتۇرماسلىق توغرىسىدىكى پرىنسىپقا خىلاپ،" دەيدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىدىكى مېكىي سپېيگىلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايغا قوشنا ئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تەقدىرى كىشىلەرنى ئەندىشە ۋە قايغۇغا سالماقتا. پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىسمائىل سەمەتنىڭ ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ۋە ھازىر ھۈسەنجان جېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن مېكىي سپېيگىل،" قازاقىستان - خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆز ئارا كېلىشىملەر ب د ت ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلارنىڭ روھىغا خىلاپ كەلمەسلىكى كېرەك،" دىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا "بۆلگۈنچىلەر"، "تېررورچىلار" ۋە " دىنىي ئەسبىيلەر" گە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ۋە بۇلارنى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان كۈچلەر، دەپ قارىماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى چىن گاڭ، سەيشەنبە كۈنى شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلار يىغىنى مۇناسىۋتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاتالمىش " ئۈچ خىل كۈچلەر" نى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا، دەپ ئەيىپلىدى ۋە بۇ قېتىمقى مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان " ئۈچ خىل كۈچلەر" نى باستۇرۇش ھەرىكىتى "رايوندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى نىشان قىلغان ئېغىر ۋە ئومۇمى يۈزلۈك كىشىلىك ھوقۇقى زىيانەكەشلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا،" دەيدۇ.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بىلەن قازاقىستان 1996 - يىلدىن كېيىن ئىمزالىغان بىر كېلىشىم بويىچە ئاستانا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنى سىياسى مۇساپىر، دەپ قارىمايدىغانلىقىغا ۋە قازاقىستاندا ئۇلارغا ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىنمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. لېكىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە خىتاي بىلەن بۇ مەزمۇندىكى بىر كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئاشكارە ئېلان قىلىپ باقمىدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت