خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز قورال- ياراق ئېكسپورت قىلغۇچى

2006-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
darfur-200.jpg
سۇدان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى . 2006 – يىلى 20 – ماي كۈنى. AFP

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو سۇدان، نېپال ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرگە مەخپىي قورال - ياراقلار ئېكسپورت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەردىكى ئىچكى توقۇنۇش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە ياردەمچى بولماقتا. كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا خىتاينى، ئىمپورت قىلىنغان قوراللار بىلەن جىنايەت سادىر قىلىدىغان ھۆكۈمەتلەرنى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مەخپىي ۋە" مەسئۇلىيەتسىزلەرچە" قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋە ئۇلارغا قورال - ياراق ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت، دەپ ئەيىبلىدى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، سۇدان ۋە بېرما ھەربىي قىسىملىرىنى نەچچە يۈز ھەربىي ماشىنا بىلەن تەمىنلىگەن ۋە نېپالغا مىلتىق، گرانات ئېكسپورت قىلغان جۇڭگو، سۇداندا ھۆكۈمەت قىسىملىرى تەرىپىدىن قىرغىنچىلىق، باسقۇنچىلىق ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن 2005 - يىلى سۇداننى 200 دىن ئارتۇق ھەربىي ماشىنا بىلەن تەمىنلىگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو بېرما، نېپال ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كەڭ كۆلەمدە يۈز بېرىۋاتقان دۆلەتلەرگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز يۆتكىمەكتە.

خىتاينىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر بەلگىلىمىسى يوق

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى ھېلىن خۇيېس، " جۇڭگو ھەربىي قوراللار ئېكسپورت گۇۋاھنامىسىنى ئىھتىياتچان ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن' تارقىتىۋاتىمىز، دېسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىنچە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە" دەيدۇ. ئۇنىڭ مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىشىچە، "جۇڭگو ئېكسپورت قىلىنغان قوراللارنى دۇنيا بويىچە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك ھېچبىر كېلىشىمگە ئىمزا قويمىغان بىردىن بىر ھەربىي قوراللارنى ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت". ھېلىن ھۇيېس، مەتبۇئاتلارغا "جۇڭگونىڭ قورال - ياراقلار ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە ياكى تاشقىرىغا قورال - ياراق چىقىرىشنى قارار قىلىش - قىلماسلىق مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق بىر بەلگىلىمىسى يوق" دەيدۇ. جۇڭگو تاشقىرى بىلەن بولغان قورال - ياراقلار ۋە ھەربىي لاۋازىمەتلەر سودىسىنى ناھايىتى ئاز تىلغا ئالىدىغان دۆلەت.

"جۇڭگو ئېكسپورت قىلىنغان قوراللارنى دۇنيا بويىچە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك ھېچبىر كېلىشىمگە ئىمزا قويمىغان بىردىن بىر ھەربىي قوراللارنى ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت"

خىتاينىڭ بۇ مەخپىيەتلىكى ئامېرىكىنى جۇڭگو ئۆزىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك كۈچىنى خەلقئارادا قانداق ئىشلىتىدۇ، دېگەن مەسىلىدە ئەندىشىگە سالماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، خىتاينىڭ قەتئىيلىك بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇنىڭ مۇداپىئە سىياسىتىنى ئاشكارا ئەمەس، دەپ تەنقىدلىگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو بەزى دۆلەتلەردىكى ئىچكى توقۇنۇشنى ئىلھاملاندۇرماقتا، دېگەن ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى.

خىتاينىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ خۇي، دۈشەنبە كۈنى شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىكى پىكىرگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ليۇ خۇي "جۇڭگو ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئەزا دۆلەتلەر خەلقئارا ئەھدىنامىلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەرىكەت قىلماقتا ۋە بىز خەلقئارا ئورگانلار ۋە كېلىشىملەردىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز" دەيدۇ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ب د ت 2005 - يىلى 8 - ئايدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 2003 - يىلدىن بېرى، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا 180 پۇقرا ئۆلگەن ۋە 2 مىليون پۇقرا ئۆي - ماكانسىز قالغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو سۇداننى 200 دىن ئارتۇق ھەربىي ماشىنا بىلەن تەمىنلىگەن.

خىتاي سۇدان بىلەن بىرگە بېرما دىكتاتور ھۆكۈمىتىنى قورال – ياراق بىلەن تەمىنلىگەن ئاساسلىق دۆلەت

دوكلاتتا، ھەربىي ماشىنىلار خىتاينىڭ خۇبېي دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل سانائىتى ئېكسپورت - ئىمپورت شىركىتى تەرىپىدىن سۇدانغا ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھەربىي ماشىنىلارنىڭ ماتورىغا ئامېرىكىنىڭ ئىندىياننا شتاتىدىكى كاممۇنس شىركىتى ئىشلەپچىقارغان زاپچاسلار سەپلەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەربىي ماشىنىلارنىڭ قانچىسى سۇداندا ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىدى. لېكىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2004 - يىلى دارفۇردا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغان مەزگىلدە، سۇدان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە خارتۇم ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى جانجاۋىدلار بۇ ھەربىي ماشىنىلارنى قوللانغان. بەزىدە بۇ ماشىنىلار بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى توشىغان. جۇڭگو سۇدان بىلەن بىرگە بېرما ھەربىي دىكتاتور ھۆكۈمىتىنى قورال - ياراقلار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ ئاساسلىق دۆلەت.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىن سېتىۋالغان ھەربىي ئەسلىھەلەرنى" تەن جازاسى بېرىش، ئۆلتۈرۈش، يۈزلىگەن ۋە مىڭلىغان پۇقرالارنى مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇش" ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو 2005 - يىلى 8- ئايدا بېرمىغا 400 ھەربىي ماشىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئېكسپورت قىلغان. بېرمىنى 1962 -يىلدىن بېرى ھەربىيلەر ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە. ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھەربىي دىكتاتور ھۆكۈمەت 1988- يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بېرى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى ۋەھشىلەرچە باستۇرۇپ كەلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يىل 4 - ئايدا بېرما قوراللىق قىسىملىرى 11 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت پۇقراسىنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقارغان، تەن جازاسى بەرگەن، ئۆلتۈرگەن ۋە يېزا - كەنتلىرىنى ۋەيران قىلغان.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نېپال خىتاينىڭ سۇدان ۋە بېرما قاتارىدا قورال -ياراق ئېكسپورت قىلىدىغان ۋە ئىچكى توقۇنۇشى كۈچەيتىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتاي بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا نېپال ئامانلىق قىسىملىرىغا 25 مىڭ دانە قورال، 18 مىڭ دانە گرانات ئېكسپورت قىلغان ۋە بۇ مەزگىل نېپالدا پۇقرالار پادىشاھغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقان چاغ بولۇپ، نېپال ئامانلىق كۈچلىرى نامايىشچىلارغا قارشى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، رېزىنكە ئوقلارنى قوللانغان. كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايدا ياسالغان تاپانچىنى ئاۋسترالىيە، مالايسىيا، تايلاند ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردە قانۇنژ سېتىش سودىسى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بولۇپمۇ بۇ خىل تاپانچا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئوغرىلىق، باسقۇنچىلىق ۋە باشقا جىنايەتلەردە ئومۇميۈزلىك ئىشلىتىلمەكتە، دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت