تىل- مىللىي قەدىرىيىتىمىزنىڭ بەلگىسى

2007-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تىل - ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قىلىش قورالى. جەمئىيەتتە ئىنسانلار پەقەت شۇ تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا بىر- بىرىنى چۈشىنىپ، تەرەققىيات باسقۇچىغا ئىلگىرلەيدۇ. تىلدىن باشقا ھەر قانداق ۋاسىتە بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالمايدۇ. تىل بولمىسا جەمئىيەتمۇ جەمئىيەت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

شۇنىڭدەك تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا، ياكى ئەكسىنچە دۇنيا يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر. ئىنگلىزلار ئۆز تىلىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنياغا تارقىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن بۇ كۈنلەردە ئۇ دۇنيا يۈزلۈك تىلغا ئايلىنىپ قالدى. خىتاي دۆلىتىنى بىر نەچچە ئەسىر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدارە قىلغان مانجۇ مىللىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش خەۋپىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ۋە تىلىنى كۆزقارچۇغىدەك ساقلاپ قالالمىغانلىقىدىن ئاخىرى ئۇلار قۇملۇق يەرگە سىڭىپ كەتكەن سۇدەكلا دۇنيادىن غايىب بولۇپ كەتتى. تىل ئەنە شۇنداق مىللەت تەقدىرى بىلەن تۇتاش مۇھىم ئامىلدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلىرى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم تىلنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ئۇيغۇر خەلقى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا، يۈكسەك مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ساھىب بولغان مۇنەۋۋەر بىر مىللەتتۇر. ئۆتمۈشتە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىلى ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرىگىچە تاراپ كەڭ دائىرىدە قوللىنىشقا ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىدى. مىسىرنىڭ يەرلىك شېۋىلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى ئاتالغۇلار ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىن يېتىلىپ چىققان ئەللامىلىرىمىز تىلىمىز بايلىقىنى ئەكسى ئەتتۈرۈپ چوڭ ھەجىمدىكى قامۇسلارنى يېزىپ قالدۇرغانلىقى ئۆتمۈش تارىخىمىزدىن مەلۇم. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 'تۈركىي تىللار دىۋانى'، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ' قۇتادغۇ بىلىك' ئەسەرلىرى شۇنىڭ ئەمەلىي مىسالىدۇر. بۇ ئارقىلىق ئالىملىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى تەرغىپ قىلىشتا چوڭ رول ئوينىغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسلام دىنى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا يېڭىدىن تارقىلىپ، ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنى ئۆگىنىش ھەۋىسى خەلق ئارىسىدا كەڭ قانات يايغان مەزگىل ئىدى. ئىسلام دىنى مەملىكىتىمىزگە ئىران تەرەپتىن كىرىپ كەلگەچكە شۇ قاتاردا پارس تىلىنىڭمۇ تەسىرى ئاز بولمىدى. نەتىجىدە تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى ئەرەب ۋە پارس تىللىرىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان، ھەتتا ئەرەب، پارس تىللىرىدىن بەزى ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە، ئۆز تىلىدىكى شۇ ئاتالغۇلارنى قوللانمايدىغان ھالەتلەر پەيدا بولۇشقا ئۆتكەن. دەل شۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ مىللەتپەرۋەر، دانىشمەن بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىي كىشىلەرنىڭ ئەرەب، پارس تىللىرىغىلا بېرىلىپ كېتىپ ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا خەلقلەرنىڭمۇ تۈرك (ئۇيغۇر) تىلىنى ئۆزگىرىشلىرىگە ياردەمچى قوللانما بولۇشى مەقسىتىدە مەزكۇر دىۋاننى يېزىپ چىقىدۇ."

مۇھەممەد نىياز ھاجىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ دەۋردە شۇنداق بىر چۈشەنچە بولۇشقا ئۆتكەنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدىبلەرنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدە ئەرەب ياكى پارس تىللىرى ئارىلاش بولمىسا ئۇ ئەسەر ھەقىقىي بەدىئىي ئەسەر سۈپىتىدە باھالانمايدىغان بولغان ئىدى. شۇنداق بىر شارائىتقا ئەمەل قىلماي يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق " قۇتادغۇ بىلىك" ئەسىرىنى خالىس ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىقتى. "قۇتادغۇ بىلىك"نى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئالىملار شۇنى ئېنىق ئىپادىلىدىكى، بۇ ئەسەردە تۈرك تىلىدىن باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر يوقنىڭ ئورنىدا، ئاندا -ساندىلا ئۇچرىشىپ قالىدۇ. شۇ يۆنىلىش تەسىرىدە 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ماۋارائۇننەھردە ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان لۇتفىي، ئاتايى ۋە سەككاكىيلارنىڭ غەزەللىرىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان. دېمەك، شۇ دەۋر شارائىتىدىمۇ ئەجداتلىرىمىز ئانا تىلىمىزنى كۆز قارچۇغىدەك قوغداپ كەلدى. "

تىلنىڭ مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولى

مۇھەممەد نىياز ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: " مانجۇلار ۋەتىنىمىزنى ئىككىنچى قېتىم ئىستېلا قىلغىنىدا، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئۆز تىلىنى خەلقىمىزگە زورلاپ تېڭىپ، يېزا- قىشلاقلاردا مانجۇ تىلىدا مەكتەپلەرنى ئاچقان بولسىمۇ، خەلقىمىز ئارىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك ئۆلىمالار ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇشىدىن توساپ كەلدى. بۇ پەقەت تىلىمىز ئارقىلىق دىنىي ۋە مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا قارىتىلغان ئىش ئىدى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتقان كۆپچىلىك ئاتا- ئانىلىرىمىز ھېلىمۇ تىلىمىزنى سىرتقى تەسىرلەردىن ساقلاپ كەلمەكتە. تىل- مىللەت دېمەكتۇر. مىللىي ئۆرپى- ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىمۇ تىل ۋاستىسىغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان بالىنىڭ مىجەز- خۇلقىمۇ ئۆزى سۆزلىشىپ يۈرگەن تىلدىكى غەيرىي مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ماس شەكىللىنىدۇ. دېمەك، ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىگەن بالا خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپى- ئادەتلىرى، مۇزىكا، سەنئىتىگە يۇقۇشمايدىغان بولۇپ ئۆسىدىغانلىقى مۇقەررەر. كىچىك - چوڭغا بولغان ھۆرمەت - ئىززەت قائىدە يوسۇنلىرىمىزدىنمۇ ئۇلارنىڭ پەرۋاسىز ئۆسىدىغانلىقىمۇ ئەنە شۇنىڭدىن. بۇ ئىشتىكى چوڭ مەسۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىق ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ."

بەزى كىشىلەر ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلىپ تۇرسىمۇ، خۇددى ئۆزىنى شۇ ئارقىلىق بىر كۆرسەتكۈسى كەلگەندەك، ئۇنىڭدىن شۆھرەتكە ئېرىشىدىغاندەك زورلاپ باشقا مىللەتنىڭ تىلىدا سۆزلىشىدۇ. بۇ دورامچىلىقنىڭ نېمە ھاجىتى بار ئىكەنلىكى چۈشىنىكسىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆز مىللىتىنى، مىللىي تىلىنى خورلىغانلىقتۇر.

ئۆز تىلىنى بىلمەسلىك نومۇستۇر

يات ئەلدە ياشاپ شۇ خەلقنىڭ تىلىنى بىلمەسلىك ئۇيات ئەمەس، بىراق ھازىر دۇنيانىڭ قايسىبىر يېرىدە ياشىمايلى ئۆز ئانا تىلىمىزنى بىلمەسلىكىمىز ئېچىنىشلىق ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدىكى جىنايىتىمىزدۇر. قىسقىسى، ئۆز تىلىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى شۇ مىللەت قاتارىغا قويالايمىز.

كۆپ تىل بىلىش كىشىنىڭ بىلىم- سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەقىقەت. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش ياكى ئۇنى ئۆگەنمەسلىك نومۇسسىزلىقتۇر.

ھەر بىر مىللەتنىڭ قەدىر- قىممىتى تىلى ئارقىلىق تونۇلىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە، ئۆز تىلىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپ، باشقا مىللەتنىڭ تىلىغا بېقىنغان ئادەم ئۆز ئانا تىلىنى ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. مۇنداقلار ئۆز مىللىتىدىن يۈز ئۆرىگەن ۋە ئەۋلادلارنىڭ كېلەچىكىنى دەپسەندە قىلغان بولىدۇ. دېمەك، تىل مىللەتنى ساقلاپ قالىدىغان مۇھىم ئامىل.(توختى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت