خىتايدىكى ئاق پىرامىدا تارىخىنىڭ سىرلىرى

تۈركىيىدە چىقىدىغان رادىكال گېزىتىنىڭ 2010 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى سانىدا تۈركىيىنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى تەرىپىدىن يېزىلغان، 'خىتايدىكى ئاق پىرامىدا تارىخنىڭ سىرلىرى' دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻠﺎﻥ
2010-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ: ﺋﺎﻕ ﭘﯩﺮﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ: ﺋﺎﻕ ﭘﯩﺮﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ
Netpano.com Photo

بۇ ماقالىدا ئاساسلىقى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىنىڭ مەلۇم رايونىغا جايلاشقان 300 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر پىرامىدا ھەققىدە توختالغان بولۇپ، بۇ پىرامىدىنى ئىپتىدائىي تۈركلەرنىڭ ياسىغانلىقىنى ۋە پىرامىدىلارنىڭ ئىچىدە ئوغۇز خاقاننىڭ مۇمىياسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالە مۇنداق باشلانغان، Netpano.com تور بېتىدە ئوكيان كەلەش ئەپەندىنىڭ يېڭى بىر ماقالىسى نەشر قىلىندى، بۇ ماقالە، تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ دەرھال تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى كېرەك بولغان تارىخى سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كازىم مىرشان ۋە ئوكيان كەلەش ئەپەندىلەرگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى بىلەن تارىخىمىزنىڭ سىرلىرى مۇشۇنداق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

 ئەمدى بۇ ماقالىدىكى بەزى مۇھىم مەلۇماتلار ھەققىدە قايتىدىن مۇلاھىزە قىلايلى. خىتاينىڭ شىئەن رايونىدا، 300 مېتىر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان چوڭ بىر پىرامىدا ۋە ئەتراپىدا ھەر خىل ھەجىمدە نۇرغۇن پىرامىدىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىپادىلەندى. بۇ پىرامىدىلار ئامېرىكىدىكى پىرامىدىلارلاغا ئوخشاش تۈز بىر چوققىغا ئىگە. بۇ پىرامىدىلارنىڭ 5000 - 6000 يىللىق تارىخى بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
 
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن، ئاق پىرامىدىلارنى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا، ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى جېمېس گېسسېن ھىندىستاندىن چاڭچىڭغا يېمەكلىك توشۇۋاتقاندا كۆرگەنلىكىنى دوكلات قىلغان ۋە بۇ پىرامىدىلارنىڭ ئاق تاشتىن ياسالغانلىقىنى تەخمىن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداق قىلىپ بۇ رايوندىكى چوڭ پىرامىدىلار بەس - مۇنازىرە قىلىشقا يول ئاچتى. گېرمانىيىلىك تەتقىقاتچى يازغۇچى ھارتۋىگ ھاۇسدورف ئۇ رايوننى زىيارەت قىلغان ۋە نۇرغۇن ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر توپلىغان ھەتتا بىر قانچە پارچە رەسىم تارتقان، ئەمما بۇ رەسىملەر ئاز ۋە ئۇزاقتىن تارتىلغان. كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ رايوندا چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنى شۇنداقلا ئارخېولوگلارنىڭ بۇ رايوندا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنى چەكلىگەن.

ماقالىدا يەنە مۇنداق يېزىلغان، "1954 - يىلى C - 54 ناملىق ئايروپىلاندىن تارتىلغان تۇنجى رەسىم LIFE ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. گېرمانىيىلىك تەتقىقاتچى ھاۇسدورف بۇ پىرامىدىلارلا ئىپتىدائىي تۈركلەرگە ئائىت يېزىقلار ۋە نۇرغۇن ئوخشىمىغان مۇمىيالار بارلىقىنى سۆزلىگەن بولسىمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ مەلۇماتلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتمىدى. بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا قىزىققان نۇرغۇن تەتقىقاتچى ۋە ئارخېئولوگلار خىتاي دائىرىلىرىگە ئىلتىماس سۇنغان ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلتىماسلىرى رەت قىلىنغان. پات - پات ئۇ يەرگە ساياھەتچى بولۇپ بارغان تەتقىقاتچىلار پىرامىدىلارنى ئۇزاقتىن كۆرگەنلىكىنى ۋە ئەتراپىدا يەرلىك كىيىملەر كىيىشكەن خىتايلارنى كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. خىتاي بۇ پىرامىدىلارنى مەخپىي تۇتۇش ئۈچۈن ئۈستىگە توپا تۆكۈپ دەرەخ سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ماقالىدا بىلدۈرۈشىچە يەنە ئوكيان كەلەش ئىسىملىك يازغۇچى ئۇ پىرامىدىلارنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر تەرجىمان بىلەن ئۇ يەرگە بىرگە بارغان ۋە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، بىر ياشانغان خىتايغا پۇل بېرىش ئارقىلىق ئۇ پىرامىدىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

ماقالىدا بىلدۈرۈشىچە يازغۇچى ئۇ پىرامىدىنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىنكى كۆرگەنلىرىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازغان: "ياشانغان بىر خىتاي ئىشارەت قىلىپ، قولىمىزدىكى چىراغنى بىر تەرەپكە تۇتۇشىمىزنى تەلەپ قىلدى، بىز چىراغنى ئۇ تەرەپكە تۇتتۇق ۋە ئۇ يەرنىڭ بىر قەبرە ئىچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىككى مېتىرغا يېقىن ئۇزۇنلۇقتا بىر مۇمىيا بار ئىدى، بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتۇق، مۇمىيانىڭ بېشى تەرەپتە بىر قۇرام تاشتا ھەر خىل ئىشارەت بەلگىلىرى ۋە يېزىقلارنى كۆردۇق، ئاي - يۇلتۇز ۋە بۆرىنىڭ بېشى بار ئىدى. ئەڭ ئەجەبلىنەرلىكى، تامدا ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتا مەرمەر تاشتىن ياسالغان بىر ھەيكەل بار ئىدى. ھەيكەلنىڭ قوش مۈڭگۈزى ياكى ئانتېنناغا ئوخشاش ئىككى تال نەرسە بار ئىدى. بېشىنىڭ تام ئوتتۇرىسىدا يەنە ئاي يۇلتۇز بەلگىسى كۆزگە كۆرۈندى. بىز بۇ يەردە كۆرگەن ھەر شەيئىنى بىزنى باشلاپ كەلگەن خىتايغا بىلدۈرمەستىن رەسىمگە تارتتۇق. ئۇنىڭ ئىچىدە 7، 8 مىنۇت قالدۇق، بىزنى باشلاپ كەلگەن ياشانغان خىتاي بىزنى تېزرەك چىقىشقا ئالدىراتتى، بىز ئۇ يەردە يەنە بىردەم قېلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق، ئەمما ياشانغان خىتاي تەلىپىمىزنى رەت قىلىپ، ئاچچىقلاشقا باشلىدى، پەس تەرەپكە پەلەمپەي بىلەن چۈشىدىغان بىر يولنى كۆردۇق ۋە ئۇ يەرگە كىرىشنى تەلەپ قىلدۇق، ياشانغان خىتاي، ئۇ يەرگە چۈشۈشنىڭ بەك قىيىن ئىكەنلىكىنى، چۈشكەندىن كېيىن چىقىشنىڭ تېخىمۇ قىيىن ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىن دەرھال چىقىشىمىز كېرەكلىكىنى سۆزلىدى، خىتاينىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى ۋە ئاچچىقلاپ كېتىشىدىن بىز پەسكە چۈشەلمىدۇق، ئەمما چىراغ بىلەن ئەتراپقا قاراپ چىقتۇق، تاملاردا يېزىقلار ۋە شەكىللەر بىلەن ئۈستى - ئۈستىگە تىزىلغان ۋە بىر بىرىگە چاپلىشىپ كەتكەن تاختىلارنى كۆردۇق. بۇلارنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندۇق. ياشانغان خىتاينىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ پەسكە چۈشەلمىگەن پەلەمپەينىڭ تۆۋەن تەرىپىدە بولسا، پەلەمپەيلەردىن پەسكە چۈشكەندە، ئۇ يەردە باشقا بىر مۇمىيانىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھېچ بۇزۇلمىغانلىقىنى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىڭلىغان ۋىۋىسكا - تاختىلارنىڭ بارلىقىنى زامان ئۆتكەنسېرى بۇ تاختىلارنىڭ يىقىلىپ بىر - بىرىگە چاپلىشىپ قالغانلىقىنى ۋە بۇ پىرامىدىنىڭ ئوغۇز خاقاننىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مازارلارنىڭ بارلىقىنىڭ ۋە ھەممىسىنىڭ تاقاقلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى. كىچىك ۋاقتىدا بىر قانچە مازارنىڭ ئىچىنى كۆرگەنلىكىنى، كېيىن بەزىلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئېتىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاتتى."

بۇ ماقالە ئۇزۇن ۋە تەپسىلىي يېزىلغان بولۇپ، ئاپتور نامىك كەمال زايبەك ئەپەندى ماقالىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرغان.

 خىتاينىڭ شىئەن رايونىغا بېرىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان يازغۇچى ئوكيان كەلەش ئەپەندى Netpano.com تور بېتىدە 2010 - يىلى 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى 'ئاق پىرامىدىلارلاغا يوشۇرۇنغان ھەقىقەتلەر' ناملىق تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ماقالە مۇنداق باشلانغان، ئون تۆت ئاي ئۇزۇن ۋە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن بۇ تەتقىقاتلارنى تۈرك ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىگە سۇنىمەن. خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت تىلەيمەن ۋە ئۇلارنى ئەسلەيمەن، بۇ تەتقىقاتنى ئۇلارغا بېغىشلايمەن.

 بۈگۈنكى كۈنگىچە نۇرغۇن تالاش - تارتىش پەيدا قىلغان 'ئاق پىرامىدىلار' ھەققىدە نۇرغۇن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بەزىلەر بۇ توغرا دېدى، بەزىلەر توغرا ئەمەس يالغان دېدى، بەزى تەتقىقاتچىلار بولسا، خىتاي، بۇ پىرامىدىلاردىكى ئىنتايىن مۇھىم مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پىرامىدىلارنى ۋە ئىچىدىكى مەلۇماتلارنى مەخپىي تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەتقىقاتچى ئوكيان كەلەش ئەپەندى پىرامىدىلارنىڭ ئىچىدە كۆرگەنلىرىنى رەسىمگە تارتقان بولۇپ، ئۇ رەسىملەرنىمۇ ئىنتېرنېت توردا ئېلان قىلغان. ئۇ رەسىملەردىن ئەڭ دىققەت تارتقان سۈرەت بولسا ئاي يۇلتۇز بەلگىسى. تارىختا ئۆتكەن كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ پۇلىدىمۇ ئاي يۇلتۇز مەۋجۇت ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت