پائۇل موزور: 'شىنجاڭدىكى ئاقارغان سۆڭەكلەر ۋە مازارلار '

تەيۋەندىكى ئەركىن مۇخبىر ۋە ئەركىن يازغۇچى پائۇل موزورنىڭ "ئاسىيا قاراۋۇلى ئۇچۇر مەركىزى" توردا ئېلان قىلغان "خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن يوقاتماقچى"، "شىنجاڭدىكى ئاقارغان سۆڭەكلەر ۋە مازارلار"، "مۈشكۈلاتتا قالغان زېمىنغا ساياھەت" ناملىق ماقالىلىرىدا، ئۇيغۇرلارغا ئائىت سەزگۈر مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بارغانچە جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-10-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺒﻠﻪ ﺗﺎﻡ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺒﻠﻪ ﺗﺎﻡ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.asiasentinel.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بىز 16 - ئۆكتەبىر كۈنىدىكى ئاڭلىتىشىمىزدا، "خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يىلتىزىدىن يوقاتماقچى" دېگەن ماقالىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق، بۈگۈن ئۇنىڭ "شىنجاڭدىكى ئاقارغان سۆڭەكلەر ۋە مازارلار" دېگەن ماقالىسىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمىز.

ئاپتور "شىنجاڭدىكى ئاقارغان سۆڭەكلەر ۋە مازارلار" ماقالىسىدىمۇ، ئالدىنقى ماقالىسىگە ئوخشاشلا، ئۆزىنىڭ ساياھەت جەريانىدا كۆرگەن ‏- ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىش ھەم ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى قىستۇرۇش شەكلىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراش ‏- پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
 
ئاپتور " شىنجاڭدىكى ئاقارغان سۆڭەكلەر ۋە مازارلار" ناملىق ماقالىسىنى، ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى بىلەن باشلىغان بولۇپ، ئىپارخان ھەققىدىكى تەسۋىرىنى مۇنداق يازىدۇ:

ئۇ مېنىڭ ئىلگىرى بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرغانلىقىمنى بىلگىنىدە، ئەپسۇسلانغان ھالدا:

-- مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردە قېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغان ئىدىم. ئۇ يەردە پۇرسەتلەر كۆپرەك ئىدى. بىراق بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش يوق.

ئىپارخان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - ھازىر ھەر ھالدا ياخشى، مەن ئائىلەمدىكىلەردىكىلەرگە يېقىن تۇرۇۋاتىمەن - دېدى. مەن ئۇنىڭدىن شىنجاڭدا ئىش تېپىش ئىمكانىيىتى قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە سورىغىنىمدا، ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا مۇنداق دېدى:

-- بۇ يەردە كەمسىتىش بەكلا ئېغىر بولغاچقا مەن خىزمەت تاپالمىدىم، ھەتتا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن ئىلگىرىمۇ كىشىلەر، ئۇيغۇرلارنى خىزمەتكە ياللاشنى خالىمايتتى - دېدى، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ ساندىكى خىتاي ساۋاقداشلىرىنىڭ ھازىر مۇقىم خىزمەت تاپقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ شۇنداق دېدى:

-- ھازىر بۇ شەھەرنىڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ يامان، بىز مەيلى خىتايلار بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ شەھەرگە ساياھەتكە كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىز ئۇلارنىڭ بۇ يەردە قانداق ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىشكە ھەر ۋاقىت قىززىقىمىز."

ئاپتور ئىپارخان ھەققىدىكى كېيىنكى بايانلىرىنى مۇنداق يازىدۇ:

" ئىپارخان تىپىك ھالدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ياشلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار خىتاي تىلىنى ئۈگەنگەندىن كېيىن، شەرقىي خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇيدۇ. ئۇلار كۆرۈنۈشتە خىتايلار بىلەن ئىناقتەك، خىتايلار ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇلار خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىدى."

ئاپتور ئىپارخاننىڭ ئۆزى بىلەن بولغان ئاخىرىقى سۆھبەت خاتىرىسىنى مۇنداق يازىدۇ:

"ئىپارخان ماڭا بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى: -- بۇنداق ئىشلار ھەممىلا يەردە بار، بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق بىر پۇرسەت بېرىلمىگەن. مېنىڭ خىتاي ساۋاقداشلىرىم پەقەتلا مۇئەللىم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا دېگەنلىرىگە ئىشىنىدۇ. ئۇلار ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى چەتئەلدىكىلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارىشىدۇ ھەم ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىشىدۇ، ئەمما ئۇلار ھېچقاچان بۇ ئىشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈز بەرگەنلىكى ۋە ياكى ئۇنىڭ سەۋەبىنى سورىمايدۇ. بىز بولساق ئۆزىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ ۋە ھەر كۈنى كەمسىتىشلەرنى كۆرۈپ چوڭ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشەنمەسلىكنى ئۆگەندۇق."

ئاپتور پائۇل موزور ساياھەت يېتەكچىسى ئىپارخاننىڭ سۆزىگە قارىتا ئۆز قارىشىنى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خادىمى نىكولاس بېكۇلىننىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ جايدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ رايوننى كونترول قىلىش يەنىلا تەسكە توختايدۇ. ھۆكۈمەت 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ يەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي تىلىنى راۋان سۆزلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ رېئالنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى مەدەنىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۇنچە ئاسان بولمىسا كېرەك. لېكىن ھازىرقى ھۆكۈمەت ئاددىي ھالدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇلار بۇنداق قىلىش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلاردىن يىراقلاپ كەتتى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈرۈپ، خىتايلارنى نارازى قىلدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئۇلار بارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى قامال قىلىۋېلىپ، كوچا ئېغىزلىرىغا توساق قويۇپ قاتتىق تەكشۈرۈپ، كوچىلاردا ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنى تۇرغۇزدى.

پائۇل موزور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە قارىتا ئۆز تەھلىلىرى ۋە قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەھلىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن: "ھازىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن مەخپىي مازار سالماقچىمۇ ؟ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان بۇ خىل قاتتىق قول سىياسەت، سوفىزم ئەقىدىسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بۇ مۇلايىم مىللەتتىمۇ، ئۆچ ئالىدىغان ھەرىكەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر خىتاي شىنجاڭدىن ئايرىلىپ قالسا، ئىپارخانغا ئوخشاش يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا تەبىقىغە مەنسۇپ ئۇيغۇر ياشلىرى، مەلۇم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇ رايوندىكى ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن."

ئاپتور، "ئاقارغان سۆڭەكلەر ۋە مازارلار" ناملىق ماقالىسىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن ئاياقلاشتۇرىدۇ:

"شىنجاڭنىڭ يەر يۈزى ئۆلۈكلەر، مۇمىيالار ۋە مازارلىقلار بىلەن قاپلانغان، بۇلار كىشىنى ئەڭ مەھلىيا قىلىدىغان مەنزىرىلىك جايلار ھەم قاباھەتلىك تارىخنىڭ ھىكايىلىرى. بەختسىزلىك شۇكى، خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60 يىللىق تارىخىدا، شىنجاڭنىڭ تالاش- تارتىش ۋە توپىلاڭ ئىچىدىكى تارىخى بۇ يەردىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى ھۆكۈمرانلارغىلا ئۆزىنى تۇتىۋېلىش ھەم كەچۈرۈم قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشنى ئۆگەتتى. ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىلگىرىكىلەرنىڭ قاتتىق باستۇرۇش ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىشى بۇ يەرنى داۋاملىق ھالدا ئاقارغان سۆڭەكلەر ۋە مازارلىقلارغا ئايلاندۇرماقتا."

قەدىرلىك ئوقۇرمەن دوستلار، پائول موزور ھازىر تەيۋەندە خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ 3 پارچە ماقالىنى يېزىشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار ھەققىدە توختالدى. بىز كېلەر قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا پائول موزۇر بىلەن ئۇنىڭ يازمىلىرى ھەققىدە تەييارلىغان پروگراممىمىزنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمىز.

 
پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﭘﺎﯮﻝ ﻣﻮﺯﻭﺭ ﻏﺎ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﯪﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﯬﺭﻛﯩﻦ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﻚ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻣﯘﺗﻪﺧﺨﻪﺳﯩﺴﻠﻪﺭ ﯰﻳﻐﯘ ﺭﯴﭼﯜﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﯰﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﯪﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ.ﺑﯩﺮﺍﻕ ﯲﺯﯨﻨﻰ ﺩﯦﻤﻜﯘﺭﺍﺗﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ،ﯬﺭﻛﯩﻦ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﺎﻫﯩﺒﻰ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯬﺷﯘ ﯪﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﯮﻳﯘﻥ-ﺗﺎﻣﺎﺷﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻨﻪ؟؟!؟!؟؟!ﭘﺎﯮﻝ ﻣﻮﺯﻭﺭ ﯬﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ!

Oct 28, 2009 08:42 AM

تولۇق بەت