ئاقسۇدا ئېچىلماقچى بولغان سوت ' كېچىكتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن '

بىز تۈنۈگۈن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئۇچۇر يوللىغان ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ھەم سوتلىنىدىغان بالىنىڭ ئاغىنىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، 2009 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى(چارشەنبە كۈنى ) ئاقسۇ شەھىرىدە ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، بۇلتۇر ئولىمپىك مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى بەرگەن ئىدۇق.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈنۈگۈن كېچە ( يەنى ئاقسۇدا سوت ئېچىلماقچى بولغان مەزگىلنىڭ ئۆزىدە ) بىز ئاقسۇ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئەمما تېلېفونىمىزنى ئالغان سوت ئىدارىسىنىڭ خادىمى بىزگە، ئۆزىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە تۇتۇلغان بۇ كىشىلەر ئۇستىدىن ئېچىلىدىغان بۇ سوت ھەققىدە خەۋىرى يوقلۇقىنى دېدى.

بۇگۇن ئەتىگەن، بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار بىر ئۇيغۇر رادىئومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، بىزنىڭ تۇنۇگۇن بەرگەن خەۋىرىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە قولغا ئېلىنغان بۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى سۇرۇشتۇرگەنلىكىنى، ئەمما بۇ بالىلار ھەققىدە سوت ئېچىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغانلىقىنى، بۇ ھەپتە ئىدارىدىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگىنى ئۇچۇن، كېلەر دۈشەنبىگىچە بۇ ئىش توغرىسىدىكى خەۋەرنى رادىئومىزغا يەتكۇزۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئولىمپىك مەزگىلىدە قولغا ئېلىنغان بالىلاردىن تۇرغۇن ئەقىلنىڭ ئاكىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىنىسى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سىياسىي جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان، باشقا بالىلار ئۇستىدىن بۈگۈن ئېچىلماقچى بولغان سوتنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

سۆھبەت جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىر ئۈرۈمچىدە ئەمەسلىكىنى، شۇڭا تۈنۈگۈن سوت ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھاللا ئاقسۇغا قايتالمىغانلىقىنى، قالغان تۇغقانلىرىنىڭ بۇ سوت ھەققىدە ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ سوتقا بارمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، سوتنىڭ بەلكىم كېچىكتۇرۇلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ياكى سوتنىڭ يېپىق ھالەتتە مەخپىي ئېچىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

سۆھبەت جەريانىدا ئۇ بىزگە ھازىر سىياسى جىنايەتچىلەر ئۈستىدىن ئېچىلىۋاتقان سوتنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك، پۈتۈن خەلقنى يىغىپ چوڭ مەيداندا ئوچۇق سوت ئېچىلىپ ئەمەس، بەلكى سوت ئىدارىسىنىڭ ئىچىدىلا يېپىق ھالەتتە ئېچىلىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يوقاپ كەتكەن ياكى تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئۈستىدىن جازا ھۆكۇم قىلىنغانلىقىنى ئۇلارغا كېسىم ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن خەۋەر تاپىدىغانلىقىنى، سوت جەريانىدا ئادۋوكات ياللىغان ھالەتتىمۇ ئادۋوكاتنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتايدا ئېچىلىدىغان سوتلاردا، ئادۋوكاتلارنىڭ رولىنىڭ يوقلۇقىنى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەلۇم سوت ئىدارىسىنىڭ بىر سوتچى خادىمىمۇ ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سوتنىڭ پەقەتلا ھۆكۇمەتنىڭ قارارىنىلا جاكارلاش بولۇپ، سوتچىنىڭ دىلونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدىن بېكىتىلگەن كىسىمنىلا ئوقۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش قانۇن ئورنىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئۇلارنىڭ بايانىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سوتلاردا جىنايەت گۇماندارى دەپ قارالغان كىشىنىڭ سوت جەريانىدا ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى، نامدا ئۇلارغا ئادۋوكات سەپلەپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا كىسىمى ئالدىن بېكىتىۋەتكەن قارار بويىچە، سوتچى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىش بىلەنلا تۇگەيدىغانلىقىدەك تەڭسىزلىك ئامىللىرى ئاشكارىلاندى.

گەرچە بىز بۇگۇن ئولىمپىك مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان بالىلارنىڭ سوت ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن بولساقمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى سوتلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇق.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت