"ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش" دېگەن ئۇيغۇر خەلقىغە مەجبۇرىي تېڭىلغان سىياسىي ھەرىكەت

2006-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

armiye-yertwresh-200.jpg
2003 – يىلى فېۋرالدا چوڭقۇرچاقتا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، بىر خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئەسكىرى يولدا پوستا تۇرماقتا. AFP

"شىنخۇا ئاگېنتلىقى"، "شىنجاڭ گېزىتى"، ئىقتىساد گېزىتى" قاتارلىق خىتايچە ئۇچۇر تارماقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىنى مۇكاپاتلاش چوڭ يىغىنى" دەپ ئاتالغان بىر چوڭ يىغىن ئېچىلغان. يىغىندا خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۇئەن غۇلجا شەھىرىدىكى سايبويى ئاھالىلار كومىتېتى قاتارلىق ئارمىيىنى سۆيۈش" بۇيىچە نەمۇنىچى ئورۇنلارغا، قادىر باقى قاتارلىق ئارمىيىنى سۆيۈش" ۋە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى" دېگەن شەخسىيلەرگە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ "خەلقنى سۆيۈش بۇيىچە نەمۇنىچى ئورۇن" دېگەن قىسىملىرىغا شەرەپ مۇكاپاتى بەرگەن. بۇ يىغىنغا لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ كومېسسارىمۇ كېلىپ قاتناشقان.

خىتاينىڭ ئۇچۇر - ۋاستە تارماقلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى ئۈچۈن 2 مىليارد 500 مىليون يۈئەندىن ئارتۇق پۇل مەبلەغ سالغانلىقى؛ 3 مىليون 400 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر -زېمىن ئاجرىتىپ بەرگەنلىكى؛ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرىدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى؛ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن 60 مىڭىدىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى؛ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە قىسىم خادىملىرىنىڭ بالىلىرىدىن 110 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى دەپ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ مەدھىيىلىگەن.

باش شتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى 1 ‏- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالاھىدە سىياسىي تۈس بىلەن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت