3 ‏- نۆۋەتلىك ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

3 ‏- نۆۋەتلىك ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى، ئىستانبۇلنىڭ چىراغان سارىيىدا رەەسمىي باشلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ،  2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 6 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ 3 ‏- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 6 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ 3 ‏- ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.trt.net.tr ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان قاتارلىق 20 دۆلەتنىڭ دۆلەت رەئىسلىرى ياكى باش مىنىستىرلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ساھىبخانىلىق قىلدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ يىغىنغا، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئىران دۆلەت رەئىسى مەخمۇت ئەخمەدى نىجات، ئافغانىستان دۆلەت رەئىسى ھامىت كارزاي، ئەزەربەيجان دۆلەت رەئىسى ئىلھام ئەلىيېف ۋە قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نازاربايېف قاتارلىق دۆلەت رەئىسلىرى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە ئىئوردانىيە، خىتاي، كامبۇدژا ۋە ئوممان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى قاتناشتى. يىغىنغا يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇمۇ قاتناشتى.

ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى يىغىنى 2010 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنىدىن 9 ‏- كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ياۋرۇپا ‏- ئاسىيادا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىراننىڭ ئاتوم بومبا ياساش پروگراممىسىنىڭ خاتىمە بېرىشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر، تۈركىيە بىلەن برازىلىيە باشچىلىقىدا ئىمزا قىلىنغان، ئىران ئۇراننى تۈركىيىگە يۆتكەپ ساقلاش كېلىشىمى، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر، رۇسىيە ‏- گرۇزىيە ئۇرۇشى، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر، شىمالىي كورىيە ۋە جەنۇبى كورىيە جىددىيچىلىكى، قىرغىزىستان ھاكىمىيەت ئۆزگەرگەنلىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى، سۈرىيە ‏- ئىسرائىلىيە مەسىلىلىرى، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلغان ئىراقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئافغانىستاننىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ياردەم ئىشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، خىتاي، مىسىر، ھىندىستان، ئىران، ئىئوردانىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئىسرائىلىيە، موڭغۇلىستان، پاكىستان، پەلەستىن، جەنۇبى كورىيە، رۇسىيە، تاجىكىستان، تايلاند، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 20 دۆلەتتىن ئىبارەت.

بۈگۈنكى يىغىن ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىغىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەشكىلاتىنىڭ 3 ‏- قېتىملىق يىغىنىغا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردىن باشقا يەنە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى، بۇ يىغىن ھەر ساھە بويىچە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، بۇ يىغىن ياۋرو ‏- ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بۇ يىغىن دۇنيا تىنچلىقىغا چوڭ بىر ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر تىرىشچانلىق. دۇنيادىكى كۆپىنچە مەسىلىلەر ياۋرو ‏- ئاسىيا رايونلىرىدا بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئوخشاش ئىشەنچ ۋە ئىشەنچىنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. ياۋرۇپا ‏- ئاسىيا جۇغراپىيىسىدىكى كرىزىس، سوغاقچىلىق ۋە توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا تىنچلىق، ئىنتىزام ۋە خۇشاللىق بولۇشىنى خالايمىز.

ئىگىلىنىشىچە بۇ تەشكىلات قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1992 ‏- يىلى قۇرۇلغان ئىكەن. 20 دۆلەت ئەزا بولغان بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قازاقىستان ئۆتەپ كېلىۋاتقان بولۇپ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ 2 ‏- كۈنىدە، بۇ تەشكىلاتنىڭ 2010 ‏- 2012 ‏- يىللىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

بۇ تەشكىلاتقا ئىسرائىلىيىمۇ ئەزا بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە غەززىگە ياردەم ئېلىپ ماڭغان كېمىلەرگە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىش نەتىجىسىدە 9 تۈرك ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۈركىيە ‏- ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىدە سۈركىلىش پەيدا بولغان ئىدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت ئەربابلىرى بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ يىغىنغا قاتناشمايدىكەن، ئەمما يىغىنغا ئىسرائىلىيىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسرائىلىيىگە ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت