ئايگۈل مەمەت تورونتو سەھنىلىرىدە ئويۇن قويدى

5-ئاينىڭ 21-كۈنى كانادا خانىشى ۋىكتورىيانىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كانادالىقلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە بۇ كۈننى بايرام ئورنىدا بىلىپ تەبرىكلىشىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن
2012-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئايگۈل مەمەت تورونتو سەھنىلىرىدە ئويۇن قويدى. 2012-يىلى 19-ماي.
ئايگۈل مەمەت تورونتو سەھنىلىرىدە ئويۇن قويدى. 2012-يىلى 19-ماي.
RFA/Gulshen

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورونتو شەھەرلىك سېركچىلەر ئۆمىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، تورونتودىكى ئونتارىئو كۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقان خاربورد مەركىزىدە، يېقىندا كانادادىكى تالانتلىقلار پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، دەسلەپكى، ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچلۇق مۇسابىقىلەردە ئۆزگىچە تالانتىنى نامايان قىلىپ كانادالىق تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئايگۈل مەمەت ۋە ئۇنىڭ 2 نەپەر ئۇسسۇلچى ھەمراھى بىرلىكتە 5-ئاينىڭ 19-20-ۋە 21-كۈنلىرى ئويۇن قويدى.ayul-memet-omiki-385.jpg

تورونتو شەھىرىدىكى خاربورد مەركىزى تورونتودىكى ئەڭ قايناق ئۈستى ئوچۇق مەركەزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان تاماشىبىن ئايگۈل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئورۇنلىغان نومۇرلارنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە تاماشا قىلدى.

ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇش مېنىڭ ئالىي غايەم، سەھنىلەردە مەن ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى ئېيتالىسام ئالتۇنغا ئېرىشكەندىنمۇ خۇشال بولۇپ كېتىمەن،‏ دېگەن قىممەتلىك روھ بىلەن كانادادىكى تالانتلىقلار پروگراممىسىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان ئايگۈل مەمەت ۋە ئۇسسۇلچى قىزلار خاربورد مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئويۇن قويۇشتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

تولۇق بەت