خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئايروپىلان ۋەقەسىى مۇنازىرە قىلىنماقتا

2008-03-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

XitayAryupilani-200.jpg
خىتاينىڭ جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر ئايرۇپىلانى بېيجىڭ ئايرودرۇمىدىن ئۇچۇش ئالدىدا. AFP Photo

11‏ - مارت كۈنى ئامېرىكىنىڭ كرىستىيان سياىنس مونىتور گېزىتىدە، سىمون مونتلېك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان " تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاينىڭ تېررورلۇق سۇيىقەستى ھەققىدىكى باياناتىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا" ماۋزۇلۇق ماقالىدە، بىر خىتاي يولۇچى ئايروپىلانىنى پارتلاتماقچى بولغان ئىككى يولۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى ئېلان قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ، لېكىن ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەنلىكى، شۇنىڭدەك لەنجۇ ئايرودرومىغا چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ نېمە ئۈچۈن بېيجىڭغا قاراپ قايتىدىن ئۇچۇشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەنلىكى، مۇلاھىزىچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى گۇمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئۇلار شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى مىلىتانتلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ھۇجۇم قىلىشىنى پىلانلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىگىمۇ گۇمان بىلەن قارىماقتا. چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئىتىبارىنى چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تۆھمەت دەپ كۆرسەتتى" دېيىلگەن.

ۋاڭ لىچۈەن ۋە نۇر بەكرى قاتارلىق خىتاي رەھبەرلەر تەرىپىدىن دۇنياغا تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ تونۇشتۇرۇلغان ئايروپىلان ۋەقەسىنىڭ ئاددى بىر ۋەقە بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن ماقالىدە، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ستىۋېن سانڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقە بىر تېررولۇق ۋەقەسى بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئەگەر بۇ بىر تېررورلۇق ۋەقەسى بولسا، ساقچىلارنىڭ ئايروپىلان ۋە يولۇچىلارنى بۇنداق تېز قويۇپ بېرىشى ۋە يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەي ۋە ئايروپىلاننى باشتىن ‏- ئاياق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي، ئۇلارنىڭ قايتىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچۇشىغا رۇخسەت بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن" دېيىلگەن.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن " بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى ئېيتىشىچە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى شۇنىڭدەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 2008‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى، خىتاينى خەلقئارالىق رادىكال تەشكىلاتلار ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندۇرغانلىقى بىر ھەقىقەت. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بەزى ۋەقەلەرنى ئولىمپىكقا قارشى ھۇجۇم پىلانلىرىغا چېتىش ئارقىلىق، خىتاي ئىچىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بىر رىئاللىقتۇر."

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي مەتبۇئاتىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، ھەر كۈن دېگۈدەك شىنجاڭدىكى تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدە چىقىۋاتقان خەۋەرلەر سەۋەبىدىن، ئۈرۈمچىدىن ئۇچقان ئايروپىلاندىكى بىر كۈتكۈچى ھەددىدىن تاشقىرى سەزگۈرلىشىپ، ئايروپىلاننىڭ ھاجەتخانىسىدا قالغان بىر يۈز ماينى بومبىغا ئوخشىتىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دېيشمەكتە.

ئەنگىلىيىنىڭ داڭلىق " دېلى تېلېگراف" گېزىتىدە رىچارد سىپەنسەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر ئۇيغۇر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ھۇجۇم پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىدىن، ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ھۇجۇم پىلانلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر دەسلەپتە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېنگلىزچە خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتايچە خەۋەرلىرىدە بېرىلمىگەن. بىر كۈن كېيىن، بۇ خەۋەر شىنخۇانىڭ ئېنگلىزچە خەۋەر تور بېتىدىن ئېلىۋىتىلگەن.

بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىنىڭ زۇۋانى بولغان،خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ ئېنگلىزچە نۇسخىسىدىمۇ ئېلان قىلىنمىغان. ئۇنىڭ ئورنىغا گېزىتتە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ " تېررورچىلار ۋە بۆلگۈنچىلەر" گە قارشى قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتى يەر ئالغان.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ مەزكۇر باياناتىدىن كېيىن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىللەش كومىتېتى قىسقا بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ماقالىدە، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى غەيرى نورمال پوزىتسىيىسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى، ئولىمپىك ھارپىسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلەردىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلاش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ"، دېگەن گۇمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ" دېيىلگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت