بارات ھاجىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى

2008-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

barat-haji-200.jpg
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس پەخىرلىك ئوغلانى بارات ھاجىم. RFA Photo / Arslan

ھەر قانداق مىللەت ئۆز خەلقىنىڭ قەھرىمانلىرىنى، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان قۇماندانلىرىنى، ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن رەھبەرلىرىنى، تۆھپىكار ئالىم، يازغۇچىلىرىنى ئەسلەپ، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارچۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز خەلقى ئۈچۈن تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن تۆھپىكار ئالىملىرى، رەھبەرلىرى، ھەربى قۇماندانلىرى، قەھرىمانلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تۆھپىلەر قوشقان يازغۇچىلىرى تارىختا ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇلارنى ئەسلەش، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش يوق دىيەرلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇنلىغان پەخىرلىك ئوغلانلىرى تارىخ سەھىپىسىدىن چۈشۈپ قالماقتا.

بۇ بوشلۇقنى تولۇقلاش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاخبارات بۆلۈمى يېقىندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس پەخىرلىك ئوغلانى بارات ھاجىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ چىقتى. بۇ فىلىمدە مەرھۇم بارات ھاجىمنىڭ جاپالىق ھايات كەچۈرمىشلىرى، ئازادلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، تۈرمە ھاياتى تەپسىلى بايان قىلىنغان.

3 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ فىلىمنىڭ پۈتۈپ چىققانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن جەمئىيەتنىڭ مەركەز بىناسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزدى. بۇ مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ سانلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىمجان ئەپەندى مەرھۇم بارات ھاجىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالدى. شۇنداقلا, ئالىمجان ئەپەندى يەنە بۇ فىلىمنى ئىشلەپ چىقىشتىكى مەقسىتىگە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

مەرھۇم بارات ھاجى 1910 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 10‏- كۈنى قەشقەر شەھرىدە بىر تىجارەت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933 ‏- يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى" نىڭ قەھرىمان جەڭچىسى بولغان، 1944 ‏- يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" نىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپىلەر قوشقان. ئۇرۇشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسىتىپ، مۇئاۋىن باتاليون كوماندىر ۋە مايور ئۇنۋانى بىلەن ۋەزىپە ئۆتىگەن . ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ شاھىدى بولغان مۇھىم شەخسلەردىن بىرىدۇر. مەرھۇم بارات ھاجىم جاللات شېڭشىسەينىڭ تۈرمىسىدە 6 يىل، خىتاي كوممۇنىستلارنىڭ تۈرمىسىدە 25 يىل جەمئىي 31 يىللىق ھاياتى تۈرمىدە ئۆتكەن، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قىلچە ئىككىلەنمەي ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىپ، تۈركىيىگە ھىجرەت قىلغانلىق. چەتئەللەردە سەرسان - سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەرت ‏- ھالىنى دۇنيا ئاڭلاتقان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر قانچە قېتىم نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قىلىپ ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىغا بېرىپ، خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشقان.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس ئوغلانى، پەخىرلىك مۇجاھىدى بارات ھاجى 2003‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھرىدە تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي. (ئارسلان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت