خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نى قايتا باشلىدى

2005-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

CHINA-XINJIANG-SECURITY--45.jpg
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قازاقىستان چېگرىسىدىكى ئالاتاۋ ئېغىزىدا مەشق قىلماقتا. AFP

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ "شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەشنىڭ ھارپىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە " بۆلگۈنچى، تېررورچى ۋە دىنىي رادىكالدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نى باشلىغان.

خىتاي، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەن "ئاپتونۇم رايون" قۇرۇلغانلىقىنى كۈتۈۋالماقچى

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى "شىنجاڭ گېزىتى" دە ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە،" ئۈچ خىل كۈچلەر" نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن " چوڭ تەھدىد" ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ 18 - ماي كۈنى ئوقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنىڭ ئالدى- كەينىدە " ھەر خىل جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى" ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ كونكېرت مەزمۇنى ۋە شەكلى قاتارلىقلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتاي خەلقنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئىپادىلىمەكچى

ئۇيغۇر ئېلى تەبىئىي بايلىقلارغا مول بىر رايون. ئۇنىڭ نېفىت، كېۋەز ۋە نۇرغۇن مېنىرال بايلىقلىرى مول بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى قاتتىق تۇتمىساق، بۇ بايلىقلاردىن قۇرۇق قېلىشىمىز مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيدۇ.

ئامېرىكا مايئەمى ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى جۇن جۈئەيېر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ھازىرقى پەيتتە ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

- مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى بىخەتەر ھىس قىلمايۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ قانچىلىك " كۈچلۈك" لىكىنى مۇشۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن خەلقنىڭ سەمىگە سالماقچى بولىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا يېقىندا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى خەلق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭىمۇ خەلقئارا ئىسلام كەرىموفنى ئەيىبلىسە، خىتاي ئۇنى قوللاۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئەتىيازدا ھاۋا ياخشى بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ روھىي جەھەتتىن يىنىكلىك ھېس قىلىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. يەنە بىر سەۋەب، 4 - ئىيۇن يېقىنلاشتى. بېيجىڭدا 4 - ئىيون تيەنئەنمىن ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش يۈز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ خاتىرە كۈنىگە ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ.

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىقلارنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىگە قوشىۋالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىقىنى ۋە مەدەنىيىتى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن. ھالبۇكى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىش قالدۇرۇلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە چوڭ تەھدىد دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ئۇنچە ئېغىر ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

" خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئۇيغۇر ئېلىنى تەھدىد دەپ تونۇيدۇ. گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تېررورچى ئەمەس. ئۇيغۇر ئېلى تەبىئىي بايلىقلارغا مول بىر رايون. ئۇنىڭ نېفىت، كېۋەز ۋە نۇرغۇن مېنىرال بايلىقلىرى مول بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى قاتتىق تۇتمىساق، بۇ بايلىقلاردىن قۇرۇق قېلىشىمىز مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيدۇ" .

جۇن جۈئەيېر خانىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنى بەك قاتتىق كونترول قىلغاندا، يەرلىك خەلقنىڭ تېخىمۇ قارشىلىقىنى قوزغاشتىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1996 - يىلى، ئۇيغۇر ئېلىدە " جىنايى ئىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نى باشلىغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەت جەريانىدا، نۇرغۇن دىنىيزاتلار، ئۆكتىچىلەر، ھەتتا ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن كىشىلەرنىمۇ قولغا ئالغانلىقىنى، بەزىلەرنى ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتىدۇ

جۇن جۈئەيېر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئون يىلغا يېقىن ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكىتىنىڭ ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىقلارنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسەتتى:

- مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ئامىل، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى. ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىپ تەرەققى قىلدۇرىمىز دىگەن ھەرىكىتىدە ئۆزلىرىگە تەرەققىيات پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكىنى ھىس قىلغان. مەن ئۇيغۇرلاردىن يەنە، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى پەقەت چوشقا گۆشى يىمەسلىك يولى بىلەن ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى، باشقا يوللار بىلەن ئىپادىلەشكە ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىگە قوشىۋالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىقىنى ۋە مەدەنىيىتى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن. ھالبۇكى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىش قالدۇرۇلدى. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئەھۋاللار ئۆزگەرمىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىمۇ يوقالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە نارازى بولغان بىر قىسىم كىشلەرنى تۇتقان بىلەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن بىر بەخىتلىك چوڭ ئائىلە قۇرۇشنى خالىسا، چوقۇم ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ئىكەن. خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە توغرا سىياسەت يۈرگۈزمىگەچكە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەر خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنى خالايدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت