مەرھۇم شائىر باتۇر روزىنىڭ ئەدەبىي ھاياتى ھەققىدە سەبداشلىرى بىلەن سۆھبەت

2007-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

batur-rozi.jpg
شائىر باتۇر روزى 80 – يىللاردا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا.

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدىكى ۋە ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىپلەردىن بىرى بولغان باتۇر روزى 27 ‏- مارت يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلغان ئىدى. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قاراپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق زىيالىي ۋە ئەدىپلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

باتۇر روزى 1966 -يىلى يەكەن ناھىيىسىنىڭ كاچۇڭ يېزىسىدا مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋە بالىلىق دەۋرىلىرىنى ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاستانىسى يەكەندە ئۆتكۈزگەن ۋە قويۇق مىللىي مەدەنىيەت تەربىيىسى ئاستىدا ئۇيغۇر فولكلور قاتلىمىدىكى چوڭقۇرلۇققا سىڭىپ چوڭ بولغان. ئۇ 1983-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىردىن- بىر ئالىي بىلىم يۇرتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ مۇشۇ جەرياندا غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان ۋە يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنگەن ھەم ئۆز ۋۇجۇدى ۋە روھىي قاتلىمىغا چوڭقۇر ئورنىغان ئۇيغۇرچە مۇڭىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال تۇرمۇشىنى شېئىرىي ۋە ئەقلىي تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆزىتىشكە باشلاپ، ئۇلارنى يۇقىرى بەدىئىي كامالەت بىلەن كىتابخانلارغا سۇنغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى يېڭىچە تەپەككۇر ۋە ئۇسلۇب 1983- يىلىدىن 1995 ‏- يىللارغىچە تاكامۇللاشقان.

شەبنەم تورىدا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، باتۇر روزى "پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر" (رومان)، "باش زىندانلىرىغا ھۇجۇم" (ماقالىلەر توپلىمى)،"زەلىلىي"، "شاھمەشرەپ"، "ئابدۇقادىر داموللا "، ( بىئوگرافىك پوۋېستلار) ۋە 600 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ئوتتۇز نەچچە پارچە ماقالە ۋە بەش پارچە ئەدەبىي ئاخبارات، يۈز پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە شېئىر ۋە تەرجىمە ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان.

باتۇر روزى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە بەدىئىي تالانتى بىلەن ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.

باتۇر روزى 1985 ‏- يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنىڭ ئاكتىپ ئىشتراكچىسى ۋە تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا نامزات كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ قېتىملىق نامايىشىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالتاي كۆكتوقاي كان رايونىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ ئالتايدىمۇ ئوز پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپ يەنىلا خەتەرلىك شەخس دەپ قاراپ خىزمەتتىن قوغلىۋەتكەن.

ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرگە ئىگە شىئېرلىرىدىن " شائىر يوق دۇنيا"، " سۆڭىكىمگە ئويۇلغان خەتلەر"، "شېھىت بولغان قەبرىسىز شائىر"، "ئايسىز ئايدىڭ" قاتارلىقلار ئالاھىدە يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە.

زەيلىدى تام زەيلىدى، تامدىن ئۆتە جان زەيلىدى.

گەرچە باتۇر روزى ھاياتىدا شۇنچە كۆپ جەبرى- جاپالارنى تارتقان بولسىمۇ، لېكىن روھىي مەنىۋىيىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئادىمىيلىك جەھەتتە مۇرەسسەسىز مۇكەممەللىكىنى قوغلىشىپ ياشىغان شائىر. ئۇ مۇنداق بىر ھېكمەتنى ئۆزىگە قىبلىگاھ قىلغان. "ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى، قورال ياراقسىز، پۇل-پېچەتسىز، ئەمەل ‏- مەرتىۋىسىز تەنھا ھالەتتە ئۆلچىنىدۇ".

ئۆز ئۆمرىنى ھېچقانداق مۇرەسسەسىز يېگانە ئۆتكۈزگەن باتۇر روزى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات ساھەسىگە بىر يالقۇننى تاشلاپ كېتىپ قالدى. باتۇر روزىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋە ئۇنىڭ جەبىر جاپالىق، لېكىن سەمەرىلىك ئەدەبىي ھاياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

باتۇر روزىنىڭ ھاياتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە شائىرنىڭ مەكتەپدىشى، ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتقان پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىئىرى ئەخمەتجان ئوسمان ۋە ئۇنىڭ ئۇنىڭ ساۋاقدىشى كۆرەش ئاتاخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت