بايلىق ھوقۇقى بولمىغان دېھقان قانداق باي بولىدۇ؟

2006-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدا ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدىلا، 3 ‏- ئاينىڭ 10 ‏-كۈنى 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان بىر مۇھاكىمىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوتسىالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش دېگەن سىياسىتىدىكى سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان يېزا مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىمىغانلىقى، بولۇپمۇ، 'بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويىۋاتىمىز' دەپ ئاتىغان دەۋردىمۇ تېخىچە يېزا مەسىلىسىنى ھەل قىلمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. دۆلەت پۇقرالىرى كۈتكەن ئارزۇ -تېلەكلەر بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ چوڭ يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم جاۋابسىز قالدى.

گەرچە ئىقتىساد تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، دېھقانلار نامرات تۇرىۋەردى

'كۆزىتىش ژۇرنىلى' دا 3 ‏- ئاينىڭ 10 ‏-كۈنى ئېلان قىلىنغان 'خىتاينىڭ يېڭى يېزا سىياسەتلىرىدىكى سەپسەتىلەرگە رەددىيە' دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتايدا دېھقانلارنىڭ يەر-زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ياشاش ياكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقىمۇ بولمىدى. گەرچە خىتايدا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلار نامرات قېلىۋەردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا 'بارلىق يەر - زېمىن دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ' دېگەن بەلگىلىمە دەل بۇ مەسىلىنىڭ مەنبەسى ئىدى.

'خىتاينىڭ يېڭى يېزا سىياسەتلىرىدىكى سەپسەتىلەرگە رەددىيە' دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، دۇنيادا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر ۋە دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئادەم بېشىغا توغراكېلىدىغان كىرىمى 3000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەر بىر ئادەمگىچە ئەمەلىيلىشىپ بولغان ۋە بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغان دۆلەتلەر. ئەمما خىتايدا بۇ مەسىلە تېخىچە ھەل قىلىنمىغان. بۇ دۇنيانىڭ بىر پۈتۈن شاخمات تاختىسىدىكى بىر ئۆلگەن ئۇرۇق بولۇپ تۇرماقتا.

خەلق 'تۈگىمەس بايلىق 'تىن ئايرىلىپ نامرات قېلىۋەردى

'خىتاينىڭ يېڭى يېزا سىياسەتلىرىدىكى سەپسەتىلەرگە رەددىيە' دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 900 مىليون دېھقان 'دۆلەت پۇقراسى' دا بولۇشقا تىگىشلىك مۇئامىلىگە ئىگە ئەمەس. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇلار ياراتقان پۈتۈن بايلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشلەش، داۋالىنىش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلىرىدە تامامەن سەرپ قىلىنىپ تۈگىدى. ئۇلار ئېشىنغان ياكى بۇنىڭدىن كېيىن تەرەققى قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلىدىغان مەبلەغقە ئىگە ئەمەس. جەمئىيەتتىكى ئېشىنغان قىممەت ۋە مەبلەغنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قولىدا. خىتايدا دېھقانلارنىڭلا ئەمەس، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭمۇ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس، بۇ يەنە بىر چوڭ ئادالەتسىزلىك. خىتايدا ماۋزېدۇڭ 'يەر ئىگىلىرىنى ئاغدۇرۇش، يەر -زېمىن تەقسىم قىلىش' دېگەن ھەرىكەت ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى تۇنجى قېتىم تۈگىمەس بايلىققا ئىگە قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ كوممۇنىستىك پارتىيە 'سوتىسالىستىك يېڭى يېزا' نىڭ خوجايىنى بولدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن خەلق بۇ 'تۈگىمەس بايلىق 'تىن ئايرىلىپ نامرات قېلىۋەردى. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ بايلىق يەنە خەلقنىڭ قولىغا قايتىپ كەلمىسە، خەلق نېمىگە تايىنىپ باي بولىدۇ؟

'خىتاينىڭ يېڭى يېزا سىياسەتلىرىدىكى سەپسەتىلەرگە رەددىيە' دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ھازىر بىرنەچچە خىل ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى مەۋجۇت. بەزى جايلاردا مەركەز، بىۋاستە شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك رايون ۋە يېزىدىن ئىبارەت 4 دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى بولسا، يەنە بەزى جايلاردا مەركەز، ئۆلكە، ۋىلايەت،ناھىيە ياكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر رايون ۋە يېزىدىن ئىبارەت 5 دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى بار. شىنجاڭدا بولسا ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم ئوبلاست، ۋىلايەت، ئوبلاست ياكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، ناھىيە، تۇەن ياكى ئاپتونوم ناھىيە، يېزا، بازار دېگەندىن ئىبارەت 7 دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسى بار.

يەر-زېمىن ۋە بايلىققا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغان دېھقانلار نېمىگە تايىنىپ باي بولىدۇ

گەرچە خىتايدا ھۆكۈمەت شەكىللىرى بۇ قەدەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ھېچقايسىنىڭ يەر -زېمىنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى يوق. خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ستاسىتىكا قىلىشىچە،خىتايدىكى 2860 ناھىيىنىڭ 73% نىڭ مالىىيىسىدە ھازىر قىزىل رەقەم بار. بۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەتكە قەرزدار. يېقىندا دۆلەت دېھقانلاردىن باجنى كەچۈرۈم قىلىشنى جاكارلىدى. ئەمدى بۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر نېمىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟ بۇ يۈكنى دېھقانلار ئەمدى قايسى شەكىل بىلەن كۆتىرىپ ماڭىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە ھازىرغا قەدەر ئېنىق جاۋاب يوق.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 1982 ‏- يىلىدىن كېيىن يېزا مەسىلىسى توغرىسىدا جەمئى 8 قېتىم 1 ‏-نۇمۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ بولدى. ئەمما يېزا مەسىلىسى ھەل قىلىنمىدى. بۇيىل 'سوتسىالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش' توغرىسىدا يەنە بىر 1 ‏- نۇمۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈردى. يەر زېمىن دۆلەتنىڭ دەيدىغان ھازىرقى سوتسىىالىزمنى يەنە تەرەققى قىلدۇرسا، دېھقانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قانداق ھەل بولىدۇ؟ يەر-زېمىن ۋە بايلىققا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغان دېھقانلار نېمىگە تايىنىپ باي بولىدۇ؟

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 14 ‏- مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنغان تىل بىلەن ئېيتقاندا، بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ چوڭ يىغىنى يەنىلا ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنى ۋە ئۇنىڭ يېڭى سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھېمايە قىلىپ، سوتسىالىىتىك يېڭى يېزا قۇرىدىغان قارار ماقۇللاپ ئاخىرلاشقان. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت